Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 81–90 of 176

81

وَيَقُولُونَ طَاعَةٌۭ فَإِذَا بَرَزُوا۟ مِنْ عِندِكَ بَيَّتَ طَآئِفَةٌۭ مِّنْهُمْ غَيْرَ ٱلَّذِى تَقُولُ ۖ وَٱللَّهُ يَكْتُبُ مَا يُبَيِّتُونَ ۖ فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَتَوَكَّلْ عَلَى ٱللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلًا

ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار): «ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلدۇق» دەيدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئەمرىڭگە خىلاپلىق قىلىدۇ)، اﷲ ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتكەنلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ (يەنى پەرىشتىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى يېزىشقا بۇيرۇيدۇ). سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن (يەنى كەچۈرگىن)، اﷲ قا تەۋەككۈل قىلغىن (تەۋەككۈل قىلغۇچىغا) اﷲ نىڭ ھامىيلىقى يېتەرلىكتۇر

مۇناپىقلار ساڭا ئېغىزىدا: بىز سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنۇپ، دېگىنىڭنى قىلىمىز، دەيدۇ. ئەمما يېنىڭدىن چىقىپ كەتسىلا، ئۇلاردىن بىر بۆلۈكى مەخپىي ھالەتتە ساڭا ئىزھار قىلغىنىنىڭ ئەكسىچە سۇيىقەست پىلانلايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە ئۇلارنى مۇشۇ سۇيىقەستلىرىگە قارىتا جازالايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا پەرۋا قىلىپ كەتمىگىن. ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئىشلىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن، ئۇنىڭغا تايانغىن. ئاللاھ تايىنىشىڭغا يېتەرلىك ھامىيدۇر.

82

أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ ٱلْقُرْءَانَ ۚ وَلَوْ كَانَ مِنْ عِندِ غَيْرِ ٱللَّهِ لَوَجَدُوا۟ فِيهِ ٱخْتِلَٰفًۭا كَثِيرًۭا

ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) اﷲ تىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى

ئۇلار نېمىشقا قۇرئان ئۈستىدە ئويلىنىپ، تاكى ئۇنىڭدا ئازراقمۇ ئوخشاشماسلىق ۋە قالايمىقانچىلىق يوقلۇقى ئېنىق بولغانغا قەدەر تەتقىق قىلمايدۇ؟ شۇنداق قىلغان بولسا ئۇلار سەن ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ ھەقلىقىنىمۇ بىلىپ قالاتتى. ناۋادا بۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ غەيرىدىن كەلگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىدە قالايمىقانچىلىق ۋە مەنىلىرىدە كۆپلىگەن ئوخشاشماسلىقلارنى بايقىغان بولاتتى.

83

وَإِذَا جَآءَهُمْ أَمْرٌۭ مِّنَ ٱلْأَمْنِ أَوِ ٱلْخَوْفِ أَذَاعُوا۟ بِهِۦ ۖ وَلَوْ رَدُّوهُ إِلَى ٱلرَّسُولِ وَإِلَىٰٓ أُو۟لِى ٱلْأَمْرِ مِنْهُمْ لَعَلِمَهُ ٱلَّذِينَ يَسْتَنۢبِطُونَهُۥ مِنْهُمْ ۗ وَلَوْلَا فَضْلُ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُۥ لَٱتَّبَعْتُمُ ٱلشَّيْطَٰنَ إِلَّا قَلِيلًۭا

(مۆمىنلەرگە ئائىت) ئامانلىقنىڭ ياكى قورقۇنچنىڭ بىرەر خەۋىرى ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا) يەتسە، ئۇنى تارقىتىدۇ، ئەگەر ئۇنى پەيغەمبەرگە ۋە ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) نىڭ ئىچىدىكى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم قىلسا، (شۇ) خەۋەرنى چىقارغۇچىلار ئۇنى (يەنى شۇ خەۋەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى) ئۇلاردىن ئەلۋەتتە بىلىۋالاتتى. (ئى مۆمىنلەر!) ئەگەر سىلەرگە اﷲ نىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ئازغىنا كىشىدىن باشقىلىرىڭلار، ئەلۋەتتە، شەيتانغا ئەگىشىپ كېتەتتىڭلار

ناۋادا ئۇ مۇناپىقلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خۇشاللىقىغا ياكى ئەنسىزلىكى ۋە قايغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر خەۋەر يەتسە، ئۇلار ئۇنى دەرھال پاش قىلىپ، تارقىتىشقا باشلايدۇ. كاشكى ئۇلار بىرئاز سالماقراق بولۇپ، ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ساھابىلەر ئىچىدىكى ئىلىملىك، سەمىمىي كىشىلەرگە مەلۇم قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلار بۇ خەۋەرنى تارقىتىش ياكى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە لايىقىدا قارار چىقارغان بولاتتى. -ئەي مۇئمىنلەر!- ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە مەرھەمەت قىلىپ، ئاشۇ مۇناپىقلار مۇپتىلا بولغان كېسەللىكتىن ساقلاپ قالمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە سىلەردىن ئازغىنا كىشىلەردىن باشقىلىرىڭلار شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن بولاتتىڭلار.

84

فَقَٰتِلْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ لَا تُكَلَّفُ إِلَّا نَفْسَكَ ۚ وَحَرِّضِ ٱلْمُؤْمِنِينَ ۖ عَسَى ٱللَّهُ أَن يَكُفَّ بَأْسَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ۚ وَٱللَّهُ أَشَدُّ بَأْسًۭا وَأَشَدُّ تَنكِيلًۭا

(ئى مۇھەممەد!) اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغىن (يەنى ئۆزۈڭ يالغۇز بولساڭمۇ جىھاد قىلغىن، ساڭا غەلىبە ۋەدە قىلىنغان. مۇناپىقلارنىڭ جىھادتىن قېلىپ قالغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمە.) سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا جاۋابكار سەن، مۆمىنلەرنى (جىھادقا) قىزىقتۇرغىن، اﷲ نىڭ كاپىرلار كۈچىنى توسىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەتتۇر، اﷲ نىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر. اﷲ نىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغىن، سەن باشقىلارنىڭ ئىشىغا جاۋابكار ئەمەسسەن، ئۇنىڭدا سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ يوق. چۈنكى سېنىڭ مەجبۇرىيىتىڭ پەقەت ئۆزۈڭنى جىھادقا ئۈندەش. مۇئمىنلەرنىمۇ جىھادقا تەرغىب قىلغىن ۋە قىزىقتۇرغىن. ئاللاھ چوقۇم سىلەرنىڭ جىھادىڭلار ئارقىلىق كاپىرلارنىڭ ھەربىي يۈرۈشىنى توسىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن كۈچلۈكتۇر ۋە جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر.

85

مَّن يَشْفَعْ شَفَٰعَةً حَسَنَةًۭ يَكُن لَّهُۥ نَصِيبٌۭ مِّنْهَا ۖ وَمَن يَشْفَعْ شَفَٰعَةًۭ سَيِّئَةًۭ يَكُن لَّهُۥ كِفْلٌۭ مِّنْهَا ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍۢ مُّقِيتًۭا

كىمكى (كىشىلەر ئارىسىدا) ياخشى (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن (يەنى ياخشى ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ كىمكى بىر يامان (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن (يەنى يامان ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ. اﷲ ھەممە ئىشقا قادىردۇر

كىمكى باشقىلارغا پايدا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ساۋاب-مۇكاپاتتىن نېسىۋىسى بولىدۇ. كىمكى باشقىلارغا يامانلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسا، ئۇنىڭغىمۇ گۇناھتىن مەلۇم نېسىۋە بار. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا شاھىتتۇر ۋە شۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. ئاراڭلاردىن كىم بىرەر ياخشى ئىشنىڭ بەرپا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغىمۇ شۇ ياخشىلىقتىن مەلۇم نېسىۋە ۋە ئۈلۈش تېگىدۇ. كىمكى بىرەر يامانلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن، شۇ يامانلىقنىڭ مەلۇم قىسمى ئۇنىڭغىمۇ كېلىدۇ.

86

وَإِذَا حُيِّيتُم بِتَحِيَّةٍۢ فَحَيُّوا۟ بِأَحْسَنَ مِنْهَآ أَوْ رُدُّوهَآ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ حَسِيبًا

سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار (يەنى بىر كىشى ئەسسالامۇئەلەيكۇم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دەڭلار)، ياكى ئۇنىڭ سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار (يەنى ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلار). اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن (يەنى بەندىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىدىن ھېساب ئالغۇچىدۇر

سىلەرگە بىرسى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئۆزۈڭلارغا قىلغان سالامدىنمۇ ئارتۇقراق ياكى سالامنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرۇڭلار. تېخىمۇ ياخشىسىنى قايتۇرۇش ئەۋزەلدۇر. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلغانلىرىڭلارنى ساقلاپ قويۇپ، ھەركىمگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

87

ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ لَيَجْمَعَنَّكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَٰمَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ ۗ وَمَنْ أَصْدَقُ مِنَ ٱللَّهِ حَدِيثًۭا

اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. اﷲ شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا) جەزمەن يىغىدۇ. اﷲ تىنمۇ توغرا سۆزلۈك كىم بار؟ (يەنى سۆزىدە، ۋەدىسىدە اﷲ تىنمۇ سادىق ھېچكىم يوق)

ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق بەرھەق مەبۇد يوقتۇر. ئۇ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن يۈز بېرىشىدە قىلچە شەك بولمىغان قىيامەت كۈنى باشتىن-ئاخىر ھەممەيلەننى توپلايدۇ. سۆزدە ئاللاھتىنمۇ راستچىل كىم بار؟.

88

۞ فَمَا لَكُمْ فِى ٱلْمُنَٰفِقِينَ فِئَتَيْنِ وَٱللَّهُ أَرْكَسَهُم بِمَا كَسَبُوٓا۟ ۚ أَتُرِيدُونَ أَن تَهْدُوا۟ مَنْ أَضَلَّ ٱللَّهُ ۖ وَمَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَلَن تَجِدَ لَهُۥ سَبِيلًۭا

ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمىشقا مۇناپىقلار توغرىسىدا ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى كاپىرلار ھۆكمىدە قىلدى، اﷲ ئازدۇرغان كىشىلەرنى سىلەر ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ كىمنىكى اﷲ گۇمراھ قىلىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا ھەرگىز توغرا يول تېپىپ بېرەلمەيسەن

ئى مۇئمىنلەر! مۇناپىقلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتا نېمىشقا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ بىر بۆلۈكۈڭلار: ئۇلار كاپىر بولغاچقا ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمىز دەيسىلەر. يەنە بىر بۆلۈكۈڭلار: ئۇلارنىڭ ئىمانى بار، شۇڭا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلمايمىز دەيسىلەر. ئۇلارنى دەپ ئۆزئارا ئىختىلاپلىشىشىڭلارنىڭ قىلچە ئورنى يوق. ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن كۇپرىغا ۋە ئازغۇنلۇققا قايتۇرۇۋەتتى. سىلەر ئاللاھ توغرىغا مۇۋەپپەق قىلمىغانلارنى توغرىغا يېتەكلىمەكچىمۇ؟، كىمنىكى ئاللاھ ھەق يولدىن ئازدۇرۇۋېتىدىكەن، سەن ھەرگىزمۇ ئۇنى توغرىغا يېتەكلەشكە ئامال قىلالمايسەن.

89

وَدُّوا۟ لَوْ تَكْفُرُونَ كَمَا كَفَرُوا۟ فَتَكُونُونَ سَوَآءًۭ ۖ فَلَا تَتَّخِذُوا۟ مِنْهُمْ أَوْلِيَآءَ حَتَّىٰ يُهَاجِرُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ۚ فَإِن تَوَلَّوْا۟ فَخُذُوهُمْ وَٱقْتُلُوهُمْ حَيْثُ وَجَدتُّمُوهُمْ ۖ وَلَا تَتَّخِذُوا۟ مِنْهُمْ وَلِيًّۭا وَلَا نَصِيرًا

ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىدەك كاپىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار اﷲ يولىدا ھىجرەت قىلمىغۇچە (يەنى ھىجرەت قىلىش ئارقىلىق ئىمانىنى ئىسپات قىلمىغۇچە) ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار، ئەگەر ئۇلار اﷲ يولىدا ھىجرەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار شۇ يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنى دوستمۇ تۇتماڭلار، ياردەمچىمۇ قىلماڭلار

مۇناپىقلار سىلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا كاپىر بولۇشۇڭلارنى، ئاندىن كۇپرىدىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىمانى بارلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە شېرىك ئۇۋىسىدىن ئىسلام دىيارىغا ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنى دۈشمەن بىلىپ، ئۇلار ئىچىدىن دوست تۇتۇۋالماڭلار. ناۋادا ئۇلار بۇنداق قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، شۇ پېتى تۇرۇۋەرسە، ئۇلارنى تاپقان يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلار ئىچىدىن سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى بىلىدىغان سىرداش دوست تۇتۇۋالماڭلار، دۈشمىنىڭلارغا قارشى سىلەرگە ياردەم بېرىدىغان ياردەمچىمۇ قىلماڭلار.

90

إِلَّا ٱلَّذِينَ يَصِلُونَ إِلَىٰ قَوْمٍۭ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُم مِّيثَٰقٌ أَوْ جَآءُوكُمْ حَصِرَتْ صُدُورُهُمْ أَن يُقَٰتِلُوكُمْ أَوْ يُقَٰتِلُوا۟ قَوْمَهُمْ ۚ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ لَسَلَّطَهُمْ عَلَيْكُمْ فَلَقَٰتَلُوكُمْ ۚ فَإِنِ ٱعْتَزَلُوكُمْ فَلَمْ يُقَٰتِلُوكُمْ وَأَلْقَوْا۟ إِلَيْكُمُ ٱلسَّلَمَ فَمَا جَعَلَ ٱللَّهُ لَكُمْ عَلَيْهِمْ سَبِيلًۭا

پەقەت سىلەر بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا ئەھدە بولغان بىر قەۋمگە سېغىنغانلار ياكى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن ياكى ئۆز قەۋمگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن يۈرەكلىرى سىقىلىپ (يەنى سىلەر تەرەپمۇ ئەمەس، ئۆز قەۋمى تەرەپمۇ ئەمەس بولۇپ) سىلەرگە كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى مۇنداقلارنى ئۆلتۈرمەڭلار ۋە ئەسىر ئالماڭلار). ئەگەر اﷲ خالىسا، ئۇلارنى سىلەرگە مۇسەللەت قىلاتتى، ئۇلار، ئەلۋەتتە، سىلەر بىلەن ئۇرۇشاتتى (يەنى اﷲ ئۇلارنى كۈچلۈك قىلپ سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەتلىك قىلاتتى)، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرسا (يەنى سىلەرگە چېقىلمىسا)، سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىسا ۋە سىلەرگە تەسلىم بولسا، اﷲ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىڭلارنى ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ

لېكىن ئۇلار ئىچىدىن سىلەر بىلەن ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق كېلىشىم تۈزۈشكەن ياكى نە سىلەرگە قارشى، نە ئۆز خەلقىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا رايى بارماي، قەلبلىرى سىقىلغان ھالدا يېنىڭلارغا كەلگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى سىلەردىن كۈچلۈك قىلاتتى-دە، ئۇلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلغان بولاتتى. شۇڭا ئاللاھ بېغىشلىغان خاتىرجەملىكنى قوبۇل قىلىڭلار، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئەسىر ئالىدىغان ئىشنى قىلماڭلار. ناۋادا ئۇلار ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلمىسا ۋە سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلماي، كېلىشىم تۈزۈشكە ماقۇل بولغان ۋاقىتتا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشۈڭلارغا ياكى ئەسىر ئېلىشىڭلارغا يول قويمايدۇ.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.