Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 71–80 of 176

71

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ خُذُوا۟ حِذْرَكُمْ فَٱنفِرُوا۟ ثُبَاتٍ أَوِ ٱنفِرُوا۟ جَمِيعًۭا

ئى مۆمىنلەر! (دۈشمەنلەرنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن) تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇڭلار، ئۇرۇشقا تۈركۈم - تۈركۈم بولۇپ ياكى ھەممىڭلار بىر بولۇپ چىقىڭلار

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! دۈشمىنىڭلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىشقا ياردىمى بولىدىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ھۇشيار بولۇڭلار. ئۇلار تەرەپكە مەيلى گۇرۇھ-گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، مەيلى ھەممىڭلار بىردەك يۈرۈش قىلىڭلار، بۇ ئىشلارنى ئۆز مەنپەئەتىڭلارنى ۋە دۈشمىنىڭلارغا بېرىلىدىغان زەربىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئورۇنلاشتۇرساڭلار بولىدۇ.

72

وَإِنَّ مِنكُمْ لَمَن لَّيُبَطِّئَنَّ فَإِنْ أَصَٰبَتْكُم مُّصِيبَةٌۭ قَالَ قَدْ أَنْعَمَ ٱللَّهُ عَلَىَّ إِذْ لَمْ أَكُن مَّعَهُمْ شَهِيدًۭا

شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردا ئۇرۇشقا چىقماي قېلىپ قالغانلار (يەنى مۇناپىقلار) بار، ئەگەر سىلەرگە بىرەر مۇسىبەت (يەنى مەغلۇبىيەت ياكى قىرغىنلىق) كەلسە، (ئۇ مۇناپىق) «اﷲ ماڭا ھەقىقەتەن مەرھەمەت قىلدى، چۈنكى مەن ئۇلار بىلەن (ئۇرۇشتا) بىللە بولمىدىم (بولمىسا ئۆلتۈرۈلگەنلەر قاتارىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولاتتىم)» دەيدۇ

ئى مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردا قورقۇنچاقلىق قىلىپ دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشتىن قېپقالغان بىر بۆلۈك كىشىلەر باركى، بۇنداق ئادەملەر باشقىلارنىڭمۇ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئۇلار ئىمانى ئاجىز مۇناپىقلاردۇر. ئەگەر سىلەرگە ئۆلۈم كەلسە ياكى مەغلۇبىيەت يەتسە، ئۇلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ ساق قالغىنىغا خۇرسەن بولۇپ: ئاللاھ ماڭا مەرھەمەت قىپتۇ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار بىلەن بىرگە جەڭگە چىقماپتىمەن، بولمىسا ماڭىمۇ شۇلارغا ئوخشاش خاپىلىق كېلەتتىكەن، دەيدۇ.

73

وَلَئِنْ أَصَٰبَكُمْ فَضْلٌۭ مِّنَ ٱللَّهِ لَيَقُولَنَّ كَأَن لَّمْ تَكُنۢ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُۥ مَوَدَّةٌۭ يَٰلَيْتَنِى كُنتُ مَعَهُمْ فَأَفُوزَ فَوْزًا عَظِيمًۭا

ئەگەر سىلەرگە اﷲ نىڭ پەزلى (يەنى غەلىبە ۋە غەنىيمەت) يەتسە، گويا سىلەر بىلەن ئۇ (يەنى مۇناپىق) نىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق دوستلۇق يوقتىكىدەك، «كاشكى مەن (ئۇرۇشتا) ئۇلار بىلەن بىللە بولغان بولسام، چوڭ بىر مۇۋەپپەقىيەتكە (يەنى غەنىيمەتتىن زور نېسىۋىگە) ئېرىشكەن بولاتتىم» دەيدۇ

ئەي مۇسۇلمانلار! ناۋادا سىلەر غەلىبە قازىنىش ياكى غەنىمەتكە ئېرىشىش دېگەندەك ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ قالساڭلار، جىھادتىن قېپقالغانلار گوياكى بۇندىن بۇرۇن ئاراڭلاردا ھېچقانداق ئۈلپەتداشلىق ۋە سەپداشلىق مەۋجۇت بولمىغاندەك: كاشكى مەنمۇ شۇلار بىلەن جەڭگە قاتناشقان بولسام، شۇلارغا ئوخشاش كاتتا غەنىمەتكە ئېرىشكەن بولاتتىم، دەيدۇ.

74

۞ فَلْيُقَٰتِلْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ يَشْرُونَ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا بِٱلْءَاخِرَةِ ۚ وَمَن يُقَٰتِلْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ فَيُقْتَلْ أَوْ يَغْلِبْ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًۭا

دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتكە تېگىشىدىغانلار اﷲ يولىدا (جېنىنى، پۇل - مېلىنى پىدا قىلىپ) جىھاد قىلسۇن، كىمكى اﷲ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز

ئاخىرەتكە قىزىقىپ ھاياتىي دۇنيادىن ۋاز كەچكەن، ئىمانىدا راستچىل مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنىڭ ئۈستۈن بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلسۇن. كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسى ئۈستۈن بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىدا جىھاد قىلىپ، شېھىت بولسا ياكى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ زەپەر قۇچسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب-مۇكاپات بېرىدۇ. ئۇ كاتتا ساۋاب جەننەت ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىدۇر.

75

وَمَا لَكُمْ لَا تُقَٰتِلُونَ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ ٱلرِّجَالِ وَٱلنِّسَآءِ وَٱلْوِلْدَٰنِ ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَآ أَخْرِجْنَا مِنْ هَٰذِهِ ٱلْقَرْيَةِ ٱلظَّالِمِ أَهْلُهَا وَٱجْعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ وَلِيًّۭا وَٱجْعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ نَصِيرًا

(ئى مۆمىنلەر!) سىلەرگە نېمە بولدىكى، اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر ۋە (دۇئا قىلىپ): «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇ ئاھالىسى زالىم شەھەردىن بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى مۇيەسسەر قىل، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى مۇيەسسەر قىل» دەيدىغان ئاجىز ئەرلەر، ئاجىز ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىھاد قىلمايسىلەر

ئى مۇئمىنلەر! سىلەرنى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە بوزەك قىلىنغان ئەرلەر، ئاياللار، بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن نېمە توستى؟ ئۇلار ئاللاھقا يالۋۇرۇپ: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئاھالىسى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق زالىم بولغان مەككىدىن چىقارغىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن ئىشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە بىزنى كاپىرلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغدايدىغان بىرىنى ئەۋەتكىن، دەپ دۇئا قىلىۋاتىدۇ.

76

ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ يُقَٰتِلُونَ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يُقَٰتِلُونَ فِى سَبِيلِ ٱلطَّٰغُوتِ فَقَٰتِلُوٓا۟ أَوْلِيَآءَ ٱلشَّيْطَٰنِ ۖ إِنَّ كَيْدَ ٱلشَّيْطَٰنِ كَانَ ضَعِيفًا

مۆمىنلەر اﷲ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، كاپىرلار شەيتاننىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ؛ شەيتاننىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار (سىلەر ئۇلارنى يېڭىسىلەر)، شەيتاننىڭ تەدبىرى ھەقىقەتەن ئاجىزدۇر

ئىمانىدا راستچىل مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ، كاپىرلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ باتىل ئىلاھلىرى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. شەيتاننىڭ سەپداشلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلساڭلار، چوقۇم ئۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىسىلەر، چۈنكى شەيتاننىڭ تەدبىرى ئاجىز بولۇپ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

77

أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ قِيلَ لَهُمْ كُفُّوٓا۟ أَيْدِيَكُمْ وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ ٱلْقِتَالُ إِذَا فَرِيقٌۭ مِّنْهُمْ يَخْشَوْنَ ٱلنَّاسَ كَخَشْيَةِ ٱللَّهِ أَوْ أَشَدَّ خَشْيَةًۭ ۚ وَقَالُوا۟ رَبَّنَا لِمَ كَتَبْتَ عَلَيْنَا ٱلْقِتَالَ لَوْلَآ أَخَّرْتَنَآ إِلَىٰٓ أَجَلٍۢ قَرِيبٍۢ ۗ قُلْ مَتَٰعُ ٱلدُّنْيَا قَلِيلٌۭ وَٱلْءَاخِرَةُ خَيْرٌۭ لِّمَنِ ٱتَّقَىٰ وَلَا تُظْلَمُونَ فَتِيلًا

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى مەككىدە تۇرۇپ ئۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلغانلارغا): «(ئۇرۇشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (يەنى ئۇلاردىن ئەجەبلەنمەمسەن؟) بۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر دۈشمەندىن گويا اﷲ (نىڭ ئازابى) دىن قورققاندەك بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەررەك قورقىدۇ. ئۇلار (ئۆلۈمدىن قورقۇپ): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھادنى پەرز قىلدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ئۇزاققا قالماي كېلىدىغان ئەجەلگىچە تەخىر قىلمىدىڭ؟ (يەنى ئەجىلىمىز يەتكۈچە تەخىر قىلساڭ، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىسەك بولماسمىدى؟)» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئىتى ئازدۇر (يەنى دۇنيانىڭ نېمىتى پانىيدۇر)، (اﷲ تىن) قورققان (ۋە ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتقانلار) ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)»

ئەي پەيغەمبەر! ئۆزلىرىگە جىھاد پەرز قىلىنىشىنى تىلىگەندە: (ھازىرچە) ئۇرۇشتىن قوللىرىڭلارنى تارتىڭلار، ناماز ئوقۇپ، زاكاتنى ئادا قىلغاچ تۇرۇڭلار، دېيىلگەن بىر بۆلۈك ساھابىلىرىڭنىڭ ھالىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ -بۇ، جىھاد پەرز قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئىش ئىدى-. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ، ئىسلام كۈچەيگەندە جىھاد پەرز قىلىنسا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىغا جىھاد قىلىش ئېغىر كېلىپ، كىشىلەردىن خۇددى ئاللاھتىن قورققاندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك قورقىدىغان بوپقالدى، ھەمدە: ئەي پەرۋەردىگارىمىز، بىزگە نېمىشقا جىھادنى پەرز قىلدىڭ؟ بىز دۇنيادىن بىر مۇددەت بەھىرلىنىۋالغانغا قەدەر يەنە ئازراق كېچىكتۈرسەڭ بولماسىمىدى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، دۇنيا مەنپەئەتى ھەرقانچە ۋايىغا يەتسىمۇ (ئاخىرەت نېئمەتلىرىگە نىسبەتەن) يەنىلا ئاز، ھامان يوقىلىدۇ. ئاخىرەت بولسا ئاللاھتىن قورققان كىشىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، دائىمىي نېئمەتتۇر. سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭلاردىن، گەرچە خورمىنىڭ ئۇرۇقچىسىدىكى يىپقا چاغلىق كىچىككىنە نەرسىمۇ كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ.

78

أَيْنَمَا تَكُونُوا۟ يُدْرِككُّمُ ٱلْمَوْتُ وَلَوْ كُنتُمْ فِى بُرُوجٍۢ مُّشَيَّدَةٍۢ ۗ وَإِن تُصِبْهُمْ حَسَنَةٌۭ يَقُولُوا۟ هَٰذِهِۦ مِنْ عِندِ ٱللَّهِ ۖ وَإِن تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌۭ يَقُولُوا۟ هَٰذِهِۦ مِنْ عِندِكَ ۚ قُلْ كُلٌّۭ مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ ۖ فَمَالِ هَٰٓؤُلَآءِ ٱلْقَوْمِ لَا يَكَادُونَ يَفْقَهُونَ حَدِيثًۭا

قەيەردە بولماڭلار، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ، سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ اﷲ تىن بولدى» دەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن (يەنى سېنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن) بولدى» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە) ئېيتقىنكى، «(ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ) ھەممىسى اﷲ تەرىپىدىندۇر (يەنى ھەممىسىنى اﷲ ياراتقاندۇر)». بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ئۇلار ھېچبىر سۆزنى (يەنى ھەممە شەيئىنىڭ اﷲ نىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ

سىلەر جەڭ مەيدانىدىن يىراق، مۇستەھكەم قەلئەلەرگە بېكىنىۋالغان تەقدىردىمۇ، ئەجىلىڭلار كەلگەندە ئۆلۈم ھامان سىلەر بار يەرنى تاپىدۇ. ناۋادا بۇ مۇناپىقلار كۆپ پەرزەنت ۋە كەڭتاشا رىزىق دېگەندەك ئۆزلىرىنى خۇش قىلىدىغان نېئمەتلەرگە ئېرىشسە، بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتى، دېيىشىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى رىزقىغا بىرەر كېلىشمەسلىك يەتسە، ئۇلار بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كۆرۈپ: بۇ كېلىشمەسلىك سېنىڭ سەۋەبىڭدىن كەلدى، دېيىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋابەن: ھەر قانداق خۇشاللىق ۋە خاپىلىق ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرى بىلەن كېلىدۇ، دېگىن. مۇشۇ گەپنى دېگەن ئاشۇ كىشىلەر نېمىشقا سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى چۈشىنەي دېمەيدۇ؟!

79

مَّآ أَصَابَكَ مِنْ حَسَنَةٍۢ فَمِنَ ٱللَّهِ ۖ وَمَآ أَصَابَكَ مِن سَيِّئَةٍۢ فَمِن نَّفْسِكَ ۚ وَأَرْسَلْنَٰكَ لِلنَّاسِ رَسُولًۭا ۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدًۭا

(ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق (مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن) اﷲ تەرىپىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق (قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن) ئۆزۈڭدىندۇر. (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز (پۈتۈن) ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) شاھىتىلىققا اﷲ يېتەرلىكتۇر

ئەي ئادەم ئەۋلادى! سېنى خۇرسەن قىلىدىغان مال-مۈلۈك ۋە پەرزەنتلەر ئاللاھنىڭ ساڭا قىلغان ئىلتىپاتىدۇر. مال-مۈلكۈڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭگە كەلگەن كېلىشمەسلىكلەر بولسا، ئۆزۈڭ قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلەر تۈپەيلىدىندۇر. ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتتۇق. سەن ئۇلارغا پەرۋەردىگارىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى يەتكۈزىسەن. ئاللاھ سەن يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىكتە سېنىڭ راستچىل ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھچى بولۇشقا يېتەرلىكتۇر، چۈنكى ئاللاھ ساڭا دەلىل-پاكىتلارنى بەرگەن.

80

مَّن يُطِعِ ٱلرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ ٱللَّهَ ۖ وَمَن تَوَلَّىٰ فَمَآ أَرْسَلْنَٰكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًۭا

كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ اﷲ قا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ (چۈنكى پەيغەمبەر اﷲ نىڭ ئەمرىنى يەتكۈزىدۇ). كىمكى (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، ئەمەللىرىگە قاراپ ھېساب ئالغۇچى) قىلىپ ئەۋەتمىدۇق

كىمكى پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىگەنلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئىتائەت قىلىدىكەن، شەكسىزكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئۇرۇندىغان بولىدۇ. كىمكى ساڭا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىدىكەن، -ئەي پەيغەمبەر!- ئۇنىڭغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن. چۈنكى بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى نازارەت قىلىدىغان كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ساناپ، ھېسابلاپ تۇرىدىغىنى پەقەت بىز.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.