Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 1–10 of 176

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

1

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُوا۟ رَبَّكُمُ ٱلَّذِى خَلَقَكُم مِّن نَّفْسٍۢ وَٰحِدَةٍۢ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالًۭا كَثِيرًۭا وَنِسَآءًۭ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ٱلَّذِى تَسَآءَلُونَ بِهِۦ وَٱلْأَرْحَامَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيبًۭا

ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر - ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر - بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان اﷲ تىن قورقۇڭلار، سىلە - رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر

ئى ئىنسانلار! سىلەرنى ئاتاڭلار ئادەمدىن ئىبارەت بىر ئىنساندىن ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ئادەمدىن سىلەرنىڭ ئاناڭلار ھەۋۋانى ياراتتى، ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن دۇنيانىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە نۇرغۇن ئەر-ئايال ئەۋلادلارنى تاراتتى، بىر-بىرىڭلاردىن بىر نەرسە سورىغاندا: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇنداق قىلىپ بېرىشىڭنى سورايمەن دەپ نامىنى تىلغا ئالىدىغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاراڭلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھنىڭ كۈزۈتىشىنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ، بەلكى ھەممىنى ھېسابلاپ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

2

وَءَاتُوا۟ ٱلْيَتَٰمَىٰٓ أَمْوَٰلَهُمْ ۖ وَلَا تَتَبَدَّلُوا۟ ٱلْخَبِيثَ بِٱلطَّيِّبِ ۖ وَلَا تَأْكُلُوٓا۟ أَمْوَٰلَهُمْ إِلَىٰٓ أَمْوَٰلِكُمْ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ حُوبًۭا كَبِيرًۭا

يېتىملەرنىڭ مال - مۈلكىنى (ئۇلار بالاغەتكە يەتكەن چاغدا) بېرىڭلار، ياخشىسىنى يامانغا (يەنى ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ياخشىسىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىڭلارنىڭ يامىنىغا) تېگىشىۋالماڭلار؛ ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال - مۈلكىگە قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر

ئى ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلار! ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن، بالاغەتكە يەتمىگەن يېتىملەرنىڭ مال-مۈلكىنى ئۇلار بالاغەتكە يېتىپ، توغرا يول تۇتقۇدەك بولغاندا تولۇق قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ھالالنى ھارامغا ئالماشتۇرماڭلار، يېتىمنىڭ ماللىرىنىڭ ئېسىللىرىنى ئېلىۋىلىپ، ئورنىغا ماللىرىڭلاردىن ناچار-يارىماسلىرىنى بەرمەڭلار، يېتىمنىڭ مال-مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال-مۈلكىگە قېتىپ يەۋالماڭلار، ئۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا چوڭ گۇناھدۇر.

3

وَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تُقْسِطُوا۟ فِى ٱلْيَتَٰمَىٰ فَٱنكِحُوا۟ مَا طَابَ لَكُم مِّنَ ٱلنِّسَآءِ مَثْنَىٰ وَثُلَٰثَ وَرُبَٰعَ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا۟ فَوَٰحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَٰنُكُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰٓ أَلَّا تَعُولُوا۟

ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (يەنى تەربىيەڭلاردا بىرەر يېتىم قىز بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بېرىلىدىغان مەھرىنى بېرەلمەسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر

ئەگەر قول ئاستىڭلاردىكى يېتىم قىزلار بىلەن توي قىلىپ ئۇلارغا تويلۇق مېھرىنى تولۇق بەرمەسلىك ياكى ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىق تەرەپلىرىدىن ئادىللىق قىلالماسلىقىڭلاردىن قورۇقساڭلار، ئۇلارنى قويۇپ باشقا پاك ئاياللار بىلەن توي قىلىڭلار، خالىساڭلار ئىككىنى ياكى ئۈچنى ياكى تۆتنى ئېلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلالماسلىقتىن ئەنسىرىسەڭلار بىر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ، ياكى قول ئاستىڭلاردىكى دېدەك-چۆرىلەردىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ چۈنكى ئۇلارغا باشقا ھۆر ئاياللارغا ئوخشاش ھەق-ھوقۇقلار ۋاجىپ بولمايدۇ، قۇرئان كەرىمدىمۇ يېتىملار توغرسىدىكى ئايەتتە: بىر ئايال بىلەن توي قىلىش ياكى دېدەك-چۆرىلەردىن پايدىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىق ۋە بىرىگە مايىل بولۇپ يەنە بىرىنى تاشلاپ قويماسلىققا بۇيرۇيدۇ.

4

وَءَاتُوا۟ ٱلنِّسَآءَ صَدُقَٰتِهِنَّ نِحْلَةًۭ ۚ فَإِن طِبْنَ لَكُمْ عَن شَىْءٍۢ مِّنْهُ نَفْسًۭا فَكُلُوهُ هَنِيٓـًۭٔا مَّرِيٓـًۭٔا

ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى مەززىلىك، سىڭىشلىق (يەنى پاك - ھالال بىلىپ) يەڭلار

ئاياللارغا بېرىش كېرەك بولغان تويلۇق مېھرىنى خۇرسەنلىك بىلەن بېرىڭلار، ئەگەر ئاياللار دىلىدىن رازى بولۇپ تويلۇق مېھرىنىڭ بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بەرسە، ئۇنى كەڭ-تاشا، سېڭىشلىك يەڭلار.

5

وَلَا تُؤْتُوا۟ ٱلسُّفَهَآءَ أَمْوَٰلَكُمُ ٱلَّتِى جَعَلَ ٱللَّهُ لَكُمْ قِيَٰمًۭا وَٱرْزُقُوهُمْ فِيهَا وَٱكْسُوهُمْ وَقُولُوا۟ لَهُمْ قَوْلًۭا مَّعْرُوفًۭا

اﷲ تىرىكچىلىكىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان ماللىرىڭلارنى ئەخمەقلەرگە تۇتقۇزۇپ قويماڭلار، ئۇلارنى يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەڭلار. ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار

ئى يېتىملارنىڭ ئېگىلىرى! ياخشى تەسەررۇپ قىلالمايدىغان نادانلارغا ماللىرىنى بەرمەڭلار، بۇ ماللارنى ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىنى تۇرغۇزۇشقا سەۋەپ قىلدى، ئۇلار مال سەرپ قىلىش ۋە ساقلاشقا لايىق ئەمەس. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا يارىشا سەرپ قىلىپ بېرىڭلار، كىيىم-كېچەك قىلىپ بېرىڭلار، ئۇلارغا چېرايلىق سۆزنى دەڭلار، بالاغەتكە يەتكەندە ۋە ياخشى تەسەررۇپ قىلىشنى ئۈگەنگەندە ماللىرىڭلارنى بېرىمىز دەپ چېرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىڭلار.

6

وَٱبْتَلُوا۟ ٱلْيَتَٰمَىٰ حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغُوا۟ ٱلنِّكَاحَ فَإِنْ ءَانَسْتُم مِّنْهُمْ رُشْدًۭا فَٱدْفَعُوٓا۟ إِلَيْهِمْ أَمْوَٰلَهُمْ ۖ وَلَا تَأْكُلُوهَآ إِسْرَافًۭا وَبِدَارًا أَن يَكْبَرُوا۟ ۚ وَمَن كَانَ غَنِيًّۭا فَلْيَسْتَعْفِفْ ۖ وَمَن كَانَ فَقِيرًۭا فَلْيَأْكُلْ بِٱلْمَعْرُوفِ ۚ فَإِذَا دَفَعْتُمْ إِلَيْهِمْ أَمْوَٰلَهُمْ فَأَشْهِدُوا۟ عَلَيْهِمْ ۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ حَسِيبًۭا

يېتىملەرنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار، ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال - مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ مال - مۈلكىنى بۇزۇپ - چېچىپ يەۋالماڭلار. (يېتىمگە ۋەسى بولغانلاردىن) كىمكى باي ئىكەن، (ۋەسى بولغانلىق ھەققى ئۈچۈن) يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، (سىلەردىن) كىمكى يوقسۇل ئىكەن، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن، ئۇلار (يەنى بالاغەتكە يەتكەن يېتىملەر) نىڭ مال - مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. اﷲ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر

ئى يېتىمنىڭ ئىگىلىرى! ئۇلارنى بالاغەت يېشىغا يەتكەنگە قەدەر ئۇلارغا ماللىرىدىن مەلۇم مىقداردا بېرىپ سىناڭلار، ئۇلاردا توغرا يول تۇتۇپ، مالنى چېرايلىق تەسەررۇپ قىلىش ئالامەتلىرى بايقالسا، ئۇلارغا ماللىرىنى كىمەيتىۋەتمەستىن تولۇق تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن ھاجەت بولغاندا ئاللاھ سىلەرگە دۇرۇس قىلىپ بەرگەن مىقداردىن ئارتۇق يەۋالماڭلار، ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەندە ماللىرىنى ئېلىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى بۇزۇپ-چېچىپ يېيىشكە ئالدىرىماڭلار، ئۆزىگە يەتكۈدەك مېلى بار كىشى يېتىمنىڭ مېلىنى ئېلىشتىن چەكلەنسۇن، سىلەرنىڭ بىرىڭلار كەمبەغەل بولسا، ئۇنىڭ مېلى بولمىسا يېتىمنىڭ مېلىدىن ھاجەت مىقدارىدا يېسە بولىدۇ، ئۇلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ توغرا تەسەررۇپ قىلىدىغانلىقى نامايەندە بولغاندا ئۇلارغا ماللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، ئىختىلاپتىن ساقلىنىپ، ھەق-ھوقۇقنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماللىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن شاھىتلارنى ھازىر قىلىڭلار، بۇنىڭدا شاھىتلىققا ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ، بەندىلەردىن قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە ھېساب ئالىدۇ.

7

لِّلرِّجَالِ نَصِيبٌۭ مِّمَّا تَرَكَ ٱلْوَٰلِدَانِ وَٱلْأَقْرَبُونَ وَلِلنِّسَآءِ نَصِيبٌۭ مِّمَّا تَرَكَ ٱلْوَٰلِدَانِ وَٱلْأَقْرَبُونَ مِمَّا قَلَّ مِنْهُ أَوْ كَثُرَ ۚ نَصِيبًۭا مَّفْرُوضًۭا

ئاتا - ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا (يەنى مېيىتنىڭ تەرەكىسىدە) ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار. مەيلى ئۇ (يەنى تەرەكە) ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر ئادەم اﷲ نىڭ ئادىل شەرىئىتىدە) بەلگىلەنگەن ھەسسىسىنى ئالىدۇ

ئەرلەر ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى تاغىسى ۋە قېرىنداشلىرى دېگەندەك ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋاپات بولۇپ قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىدە ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۇلارنىڭ نەسىۋېىسى بار، ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئاشۇ تۇغقانلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن مىراستا نەسىۋېسى بار، بۇ جاھىلىيەتنىڭ ئاياللار ۋە بالىلارنى مېراستىن مەھرۇم قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئەكسىدۇر. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىپ بىكىتىلگەن روشەن ھەق نەسىۋېدۇر.

8

وَإِذَا حَضَرَ ٱلْقِسْمَةَ أُو۟لُوا۟ ٱلْقُرْبَىٰ وَٱلْيَتَٰمَىٰ وَٱلْمَسَٰكِينُ فَٱرْزُقُوهُم مِّنْهُ وَقُولُوا۟ لَهُمْ قَوْلًۭا مَّعْرُوفًۭا

تەقسىمات ۋاقتىدا (ۋارىس ئەمەس) تۇغقانلار، (تۇغقان ئەمەس) يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا بۇنىڭدىن (يەنى تەرەكىدىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز نەرسە) بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار (يەنى بۇ كىچىكلەرنىڭ مېلى، بىزنىڭ ئەمەس دېگەنگە ئوخشاش ئۆزرىنى ئېيتىڭلار)

مېيىتنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلىرىنى تەقسىم قىلىدىغان ۋاقىتتا مىراسخۇر بولمىغان تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە كەمبەغەللەر كېلىپ قالسا، ئۇلارغا بۇ مالنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى كۆڭلۈڭلاردىن رازى بولۇپ ئازراق بىر نەرسە بېرىڭلار. بۇ مال سىلەرگە مۇشەققەتسىز كەلگەندىكىن، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار، سەت گەپ قىلماڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۇ مالدىن بېرىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىپ قالغان .بولۇشى مۇمكىن

9

وَلْيَخْشَ ٱلَّذِينَ لَوْ تَرَكُوا۟ مِنْ خَلْفِهِمْ ذُرِّيَّةًۭ ضِعَٰفًا خَافُوا۟ عَلَيْهِمْ فَلْيَتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَلْيَقُولُوا۟ قَوْلًۭا سَدِيدًا

(كىملەركى) ئۆزلىرىدىن قېلىپ قالىدىغان كىچىك بالىلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن قانداق ئەندىشە قىلىدىغان بولسا، باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) اﷲ تىن قورقسۇن ۋە توغرا سۆزنى ئېيتسۇن

ئۆزلىرى ئۆلۈپ كېتىپ قالسا، ئارقىسىدا قالىدىغان كېچىك ئاجىز بالىلىرىنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغان كىشى، باشقىلارنىڭ يېتىم قالغان باللىرىغىمۇ (يەنى كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدىكى بالىلار ئۈچۈنمۇ) شۇنداق ئەنسىرىسۇن، يېتىملارغا زۇلۇم قىلىشتا ئاللاھتىن قورقسۇن، ئۇ كىشىمۇ باشقىلارنىڭ ئەۋلادىغا ياخشىلىق قىلغاندەك، ئۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتسىمۇ ئاللاھ ئۇنىڭ بالىلىرىغا ياخشىلىق قىلىدىغان كىشىنى ئىز باسار قىلىدۇ، ۋەسىيىتىگە ھازىر بولغان كىشىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ياخشىلىق قىلسۇن، ئۇ كىشىنىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرىنىڭ ھەققى توغرىسىدىكى ۋەسىيىتىگە زۇلۇم قىلمىسۇن، ۋەسىيەتنى تەرك قىلىش بىلەن ئۆزىنى ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلمىسۇن.

10

إِنَّ ٱلَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَٰلَ ٱلْيَتَٰمَىٰ ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِى بُطُونِهِمْ نَارًۭا ۖ وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًۭا

زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال - مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ

ھەقىقەتەن يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالغۇچىلار، زۇلۇم قىلىپ، دۈشمەنلىك قىلىپ خالىغانچە تەسەررۇپ قىلغۇچىلار، ھەقىقەتتە قورسىقىدا لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى يەيدۇ، قىيامەتتە جەھەننەمنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرىلىدۇ.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.