Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 51–60 of 176

51

أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ نَصِيبًۭا مِّنَ ٱلْكِتَٰبِ يُؤْمِنُونَ بِٱلْجِبْتِ وَٱلطَّٰغُوتِ وَيَقُولُونَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا۟ هَٰٓؤُلَآءِ أَهْدَىٰ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ سَبِيلًا

كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئىشىنىدۇ، كاپىرلارنى كۆرسىتىپ: «بۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) نىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر» دەيدۇ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا ئىلىمدىن ئازغىنە نېسىۋە بەرگەن يەھۇدىيلارنىڭ ھالىنى كۆرۈپ، ئەجەبلەندىڭمۇ؟ ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان مەبۇدلىرىغا ئىمان ئېيتىدۇ ۋە مۇشرىكلارغا خۇشامەت قىلىپ: شەكسىزكى ئۇلار مۇھەممەدنىڭ ھەمراھلىرىدىنمۇ توغرىراق يولدىدۇر، دەيدۇ.

52

أُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَعَنَهُمُ ٱللَّهُ ۖ وَمَن يَلْعَنِ ٱللَّهُ فَلَن تَجِدَ لَهُۥ نَصِيرًا

ئەنە شۇلار اﷲ رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر؛ اﷲ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار تاپالمايسەن

ئەنە ئاشۇلار شۇنداق ئېتىقادى بۇزۇق كىشىلەردۇركى، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئاللاھ تائالا كىمنى ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئىگە بولالايدىغان ياردەمچى تاپالمايسەن.

53

أَمْ لَهُمْ نَصِيبٌۭ مِّنَ ٱلْمُلْكِ فَإِذًۭا لَّا يُؤْتُونَ ٱلنَّاسَ نَقِيرًا

ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن نېسىۋىسى بارمۇ؟ (ھېچقانداق نېسىۋىسى يوق) ئەگەر بولىدىغان بولسا، (زىيادە بېخىللىقتىن) ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسە بەرمەيدۇ

ئۇلارغا پادىشاھلىقتىن ھېچقانداق نېسىۋە يوق. ناۋادا ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن خورمىنىڭ ئۇرۇقچىسىغا چاپلىشىپ قالغان نېپىز پوستلاقچىلىك نېسىۋىسى بولسىدى، ئۇلار ھېچكىمگە ھېچنەرسە بەرمىگەن بولاتتى.

54

أَمْ يَحْسُدُونَ ٱلنَّاسَ عَلَىٰ مَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضْلِهِۦ ۖ فَقَدْ ءَاتَيْنَآ ءَالَ إِبْرَٰهِيمَ ٱلْكِتَٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَءَاتَيْنَٰهُم مُّلْكًا عَظِيمًۭا

ياكى ئۇلار اﷲ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىككە) ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەردۇق ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق بەردۇق

بەلكى ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن پەيغەمبەرلىك، ئىمان ۋە زېمىندا قۇدرەت تېپىشتىن ئېبارەت نېئمەتلەرگە ھەسەت قىلىشىدۇ. ئۇلار مۇئمىنلەرگە نېمىشقا ھەسەت قىلىشىدۇ؟ ھالبۇكى بىز ئىلگىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاسماندىن نازىل قىلىنغان كىتاب ۋە ئۇ كىتابتىن باشقا بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىلەرنى ھەمدە ئۇلارغا ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان كاتتا پادىشاھلىقنى بەردۇق.

55

فَمِنْهُم مَّنْ ءَامَنَ بِهِۦ وَمِنْهُم مَّن صَدَّ عَنْهُ ۚ وَكَفَىٰ بِجَهَنَّمَ سَعِيرًا

ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بار، ئۇلارغا (ئۇلارنىڭ كۇفرىغا جازا بېرىش يۈزىسىدىن) جەھەننەمنىڭ يېنىپ تۇرغان ئوتى يېتەرلىكتۇر

ئەھلى كىتاب ئىچىدە ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن چىققان پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتقان بىر قىسىم كىشىلەر بار. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغىمۇ شۇنداق پوزىتسىيەدە بولدى. دوزاخ ئۇلاردىن كاپىر بولغانلارغا يېتەرلىك جازادۇر.

56

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَٰتِنَا سَوْفَ نُصْلِيهِمْ نَارًۭا كُلَّمَا نَضِجَتْ جُلُودُهُم بَدَّلْنَٰهُمْ جُلُودًا غَيْرَهَا لِيَذُوقُوا۟ ٱلْعَذَابَ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَزِيزًا حَكِيمًۭا

شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

شەكسىزكى بىز ئايەتلىرىمىزگە كاپىر بولغانلارنى قىيامەت كۈنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۇرىدىغان ئوتقا كىرگۈزىمىز. ئۇ ئوت ھەر قاچان ئۇلارنىڭ تېرىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاندا، ئۇلارغا قىلىنغان ئازاب ئىزچىل بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا باشقا تېرىلەرنى ئالماشتۇرىمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئۇ ئۆزى پىلانلىغان ۋە ھۆكۈم قىلغان ئىشلاردا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.

57

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ سَنُدْخِلُهُمْ جَنَّٰتٍۢ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًۭا ۖ لَّهُمْ فِيهَآ أَزْوَٰجٌۭ مُّطَهَّرَةٌۭ ۖ وَنُدْخِلُهُمْ ظِلًّۭا ظَلِيلًا

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بولىدۇ، ئۇلارنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك سايىسىگە داخىل قىلىمىز

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرنى قىيامەت كۈنى سارايلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار ئۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن بۇ جەننەتلەردە ھەر قانداق مەينەتچىلىكتىن پاكلانغان جۈپتلەر بار. بىز چوقۇم ئۇلارنى بەك ئىسسىقمۇ ئەمەس، بەك سوغۇقمۇ ئەمەس، ھەممە ياققا تاشلىنىپ تۇرىدىغان، قويۇق سايىلىك باغچىلارغا كىرگۈزىمىز.

58

۞ إِنَّ ٱللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَن تُؤَدُّوا۟ ٱلْأَمَٰنَٰتِ إِلَىٰٓ أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُم بَيْنَ ٱلنَّاسِ أَن تَحْكُمُوا۟ بِٱلْعَدْلِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُم بِهِۦٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ سَمِيعًۢا بَصِيرًۭا

شۈبھىسىزكى، اﷲ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، اﷲ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، اﷲ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر

شەكسىزكى ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل بولۇشقا، ھۆكۈمدە ئاغمىچىلىق بىلەن زۇلۇم قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالانىڭ داۋاملىق سىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىپ تۇرۇشى ۋە يول كۆرسىتىشلىرى نېمىدېگەن ياخشى - ھە!. شەكسىزكى ئاللاھ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

59

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُوا۟ ٱلرَّسُولَ وَأُو۟لِى ٱلْأَمْرِ مِنكُمْ ۖ فَإِن تَنَٰزَعْتُمْ فِى شَىْءٍۢ فَرُدُّوهُ إِلَى ٱللَّهِ وَٱلرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌۭ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا

ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا اﷲ قا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ (يەنى اﷲ نىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! بۇيرۇغاننى قىلىش ۋە چەكلىگەندىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار. سىلەرنى ئاسىيلىققا بۇيرۇمىسىلا ئىش ئۈستىدىكىلەرگىمۇ بويسۇنۇڭلار. ناۋادا بىرەر ئىشتا ئوخشىمىغان قاراشتا بوپقالساڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلا بولساڭلار بۇ ئىشتا ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىڭلار. ئەنە شۇنداق كىتابقا ۋە سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىش ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ بارغانسېرى ئىختىلاپقا چۆككەندىن ياخشى ۋە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجىسىمۇ گۈزەلدۇر.

60

أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يَزْعُمُونَ أَنَّهُمْ ءَامَنُوا۟ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيْكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبْلِكَ يُرِيدُونَ أَن يَتَحَاكَمُوٓا۟ إِلَى ٱلطَّٰغُوتِ وَقَدْ أُمِرُوٓا۟ أَن يَكْفُرُوا۟ بِهِۦ وَيُرِيدُ ٱلشَّيْطَٰنُ أَن يُضِلَّهُمْ ضَلَٰلًۢا بَعِيدًۭا

ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى شەيتاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار شەيتاننى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى خالايدۇ

ئەي پەيغەمبەر! ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى داۋراڭ سالىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئارىلىرىدىكى دەتالاشلاردا ئاللاھ يولغا قويغان شەرىئەتنى قويۇپ، ئىنسانلار چىقىرىۋالغان قانۇنلارنىڭ ئالدىغا دەۋالىشىپ بارماقچى بولۇشىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار بۇنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. شەيتان ئۇلارنى توغرا يول تېپىۋالمىسۇن دەپ ھەقتىن تولىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.