Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 31–40 of 176

31

إِن تَجْتَنِبُوا۟ كَبَآئِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنكُمْ سَيِّـَٔاتِكُمْ وَنُدْخِلْكُم مُّدْخَلًۭا كَرِيمًۭا

ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، (كەرىمىمىزگە ئېلىپ) كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز

ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە جازانە يېيىش دېگەندەك چوڭ گۇناھلاردىن يىراق تۇرساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىۋېتىمىز ھەمدە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى جەننەتتىن ئىبارەت ئېسىل جايغا كىرگۈزىمىز.

32

وَلَا تَتَمَنَّوْا۟ مَا فَضَّلَ ٱللَّهُ بِهِۦ بَعْضَكُمْ عَلَىٰ بَعْضٍۢ ۚ لِّلرِّجَالِ نَصِيبٌۭ مِّمَّا ٱكْتَسَبُوا۟ ۖ وَلِلنِّسَآءِ نَصِيبٌۭ مِّمَّا ٱكْتَسَبْنَ ۚ وَسْـَٔلُوا۟ ٱللَّهَ مِن فَضْلِهِۦٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمًۭا

ئى مۆمىنلەر! اﷲ سىلەردىكى بىر - بىرىڭلاردىن ئارتۇق قىلغان نەرسىلەرنى (ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئارزۇ قىلماڭلار، ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ. اﷲ تىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار (اﷲ بېرىدۇ). اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر

ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەردىن بەزىلىرڭلاردىن بەزىلىرىڭلار ئۈچۈن ئارتۇق قىلغان نەرسىنى ئارزۇ قىلماڭلار، بۇ ئۆچمەنلىك ۋە ھەسەتخورلۇققا ئېلىپ بارمىسۇن، ئاياللارنىڭ ئاللاھ ئەرلەرگە خاس قىلغان نەرسىنى ئازرۇ قىلىشى لايىق بولمايدۇ، ھەر بىرىنىڭ ئۆز لايىغىدا جازا-مۇكاپاتتىن نەسىۋېسى بولىدۇ. ئاللاھتىن سىلەرگە ئۆز پەزلىنى زىيادە قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەر بىرىگە ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان نەرسىنى ئاتا قىلغۇچىدۇر

33

وَلِكُلٍّۢ جَعَلْنَا مَوَٰلِىَ مِمَّا تَرَكَ ٱلْوَٰلِدَانِ وَٱلْأَقْرَبُونَ ۚ وَٱلَّذِينَ عَقَدَتْ أَيْمَٰنُكُمْ فَـَٔاتُوهُمْ نَصِيبَهُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍۢ شَهِيدًا

ھەر بىر ئادەمنىڭ قالدۇرغان تەرەكىسى ئۈچۈن ۋارىسلار تەيىنلىدۇق، ئۇلار ئاتا - ئانىلار ۋە يېقىنلاردۇر. سىلەر بىلەن (ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە مىراسخور بولۇشقا) ئەھدۇپەيمان قىلىشقان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (مىراستىن) ھەسسىسىنى بېرىڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بايقاپ تۇرغۇچىدۇر

سىلەردىن ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئۇرۇقداش تۇغقانلارنى قىلدۇق. ئۆزئارا ئىتتىپاقداش بولۇش ۋە بىر-بىرىڭلارغا ياردەم بېرىشكە ئەھدۇپەيمان قىلىشقان كىشىلەرگە مىراستىن نېسىۋىسىنى بېرىڭلار. ئاللاھ ھەر نەرسىگە شاھىدتۇر، مۇشۇ ئەھدۇپەيمانلىرىڭلارنىمۇ كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ئىتتىپاقداشلىق بىلەن مىراسخور بولۇش ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

34

ٱلرِّجَالُ قَوَّٰمُونَ عَلَى ٱلنِّسَآءِ بِمَا فَضَّلَ ٱللَّهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍۢ وَبِمَآ أَنفَقُوا۟ مِنْ أَمْوَٰلِهِمْ ۚ فَٱلصَّٰلِحَٰتُ قَٰنِتَٰتٌ حَٰفِظَٰتٌۭ لِّلْغَيْبِ بِمَا حَفِظَ ٱللَّهُ ۚ وَٱلَّٰتِى تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَٱهْجُرُوهُنَّ فِى ٱلْمَضَاجِعِ وَٱضْرِبُوهُنَّ ۖ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلَا تَبْغُوا۟ عَلَيْهِنَّ سَبِيلًا ۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيًّۭا كَبِيرًۭا

ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ اﷲ نىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ - قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل - ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر). ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا اﷲ نىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر، سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەبلەش مەقسىتىدە ئاستىراق ئۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (اﷲ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ)

ئاللاھ تائالا ئەرلەرگە ئاياللارغا بەرمىگەن بىر قىسىم ئارتۇقچىلىقلارنى بەرگەنلىكى، ئاياللارنىڭ نەپىقىسىنى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئاياللارنى باشقۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. سالىھ ئاياللار پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلغۇچى ۋە ئەرلىرىگە بويسۇنغۇچىلاردۇر. ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان ۋاقىتلاردا ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. ئەي ئەرلەر، سىلەر گەپ-سۆزدە ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئەرلىرىگە بويسۇنماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغان ئاياللارغا دەسلەپتە چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ، ئاللاھتىن قورقۇشقا تەۋسىيە قىلىڭلار. ئەگەر ۋەز-نەسىھەت ئۈنۈم بەرمىسە، ئۇلارنى كۆرپىسىدە يالغۇز قويۇپ، كەينىڭلارنى قىلىۋېلىپ، ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولماڭلار. بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە، يارلاندۇرماستىن يەڭگىل ئۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار ئەيۋەشكە كەلسە، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە ئەيىبلەش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىدىن ئۈستۈندۇر، زاتى ۋە سۈپىتىدە ھەممىدىن كاتتىدۇر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار.

35

وَإِنْ خِفْتُمْ شِقَاقَ بَيْنِهِمَا فَٱبْعَثُوا۟ حَكَمًۭا مِّنْ أَهْلِهِۦ وَحَكَمًۭا مِّنْ أَهْلِهَآ إِن يُرِيدَآ إِصْلَٰحًۭا يُوَفِّقِ ٱللَّهُ بَيْنَهُمَآ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا خَبِيرًۭا

ئەگەر ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى ئەۋەتىڭلار، اﷲ ئەگەر بۇ ئىككى كىشىنى ئەپلەشتۈرۈشنى خالىسا، ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر

ئەي ۋەلىيلەر! ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۆزئارا ئۆچ-ئاداۋەت ۋە بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈشكە بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالساڭلار، ئۇلارنى ئايرىۋېتىش ياكى ياراشتۇرۇپ قويۇشتا ھەرئىككىلا تەرەپكە كۆيۈنگەن ئاساستا قارار چىقىرىشلىرى ئۈچۈن ئەر تەرەپتىنمۇ ھەققانىيەتچى بىر كىشىنى، ئايال تەرەپتىنمۇ ھەققانىيەتچى بىر كىشىنى ئەۋەتىڭلار. ئۇلارنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئايرىۋەتكەندىن ياخشى ۋە ئەۋزەلدۇر. ئەگەر ھۆكۈم قىلىشقا ئەۋەتىلگەن ئۇ ئىككەيلەن ئۇلارنى ياراشتۇرۇپ قويماقچى بولۇپ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قوللىنالىسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەتالاشنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھقا بەندىلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان كىچىككىنە مەخپىيەتلىكنىمۇ بىلگۈچىدۇر.

36

۞ وَٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا۟ بِهِۦ شَيْـًۭٔا ۖ وَبِٱلْوَٰلِدَيْنِ إِحْسَٰنًۭا وَبِذِى ٱلْقُرْبَىٰ وَٱلْيَتَٰمَىٰ وَٱلْمَسَٰكِينِ وَٱلْجَارِ ذِى ٱلْقُرْبَىٰ وَٱلْجَارِ ٱلْجُنُبِ وَٱلصَّاحِبِ بِٱلْجَنۢبِ وَٱبْنِ ٱلسَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَٰنُكُمْ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ مُخْتَالًۭا فَخُورًا

اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا - ئاناڭلارغا، خىش - ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل - چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ مۇتەكەببىر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ

پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن بويسۇنۇش ئارقىلىق يالغۇز بىر ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار، ئۇنىڭغا باشقا بىرىنى شېرىك قىلىۋالماڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ئىززەت-ئىكرام قىلىش ۋە ياخشى خىزمىتىدە بولۇش ئارقىلىق ياخشىلىق قىلىڭلار، ئۇرۇق-تۇغقان، يېتىم-يېسىر، پېقىر-مىسكىنلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋېتىڭلار بولغان قوشنا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋېتىڭلار بولمىغان قوشنىلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار، يېنىڭلاردىكى سەپەردىشىڭلارغا ۋە يولدا ئۇزۇق-تۈلۈكى ئۈزۈلۈپ قالغان ناتونۇش مۇساپىرغىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل-چۆرىلىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئاللاھ ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان، باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىدىغان ۋە باشقىلار ئالدىدا پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزىنى ماختايدىغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

37

ٱلَّذِينَ يَبْخَلُونَ وَيَأْمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلْبُخْلِ وَيَكْتُمُونَ مَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضْلِهِۦ ۗ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَٰفِرِينَ عَذَابًۭا مُّهِينًۭا

ئۇلار (يەنى مۇتەكەببىرلەر، ماختانچاقلار) بېخىللىق قىلىدۇ، كىشىلەرنى بېخىللىققا بۇيرۇيدۇ، اﷲ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرنى (يەنى پۇل - مالنى، ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىنى) يوشۇرىدۇ، (اﷲ نىڭ نېمىتىنى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا خورلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق

ئاللاھ تائالا ئۆزى بەرگەن رىزىقتىن ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلىتىشنى ۋاجىب قىلغان كىچىككىنە بىر قىسمىنىمۇ بەرگىلى ئۇنىمايدىغان، گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بەرمەسلىككە تەشۋىق قىلىدىغانلارنى ياقتۇرمايدۇ. بۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن رىزىق، ئىلىم ۋە باشقا تۈرلۈك نېئمەتلەرنى يوشۇرىدۇ، كىشىلەرگە ھەقنى ئوچۇق ئېيتماي، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرىدۇ، يالغان-ياۋىداقلارنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ كاپىرلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق.

38

وَٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَٰلَهُمْ رِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ وَلَا بِٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ ۗ وَمَن يَكُنِ ٱلشَّيْطَٰنُ لَهُۥ قَرِينًۭا فَسَآءَ قَرِينًۭا

ئۇلار ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، ئۇلار اﷲ قا ئىشەنمەيدۇ، ئاخىرەت كۈنىگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. كىمكى ئۆزىگە شەيتاننى ھەمراھ قىلىدىكەن (ئۇ شەيتاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىدۇ)، شەيتان نېمىدېگەن يامان ھەمراھ!

ئەنە شۇنىڭدەك، بىز بۇ ئازابنى پۇل-ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلىپ مەدھىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغان، ھالبۇكى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلارغا تەييارلىدۇق. بىز ئۇلارغا ئاشۇ خارلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق. ئۇلارنىڭ شەيتانغا ئەگەشكەنلىكى پەقەت ئۆزلىرىنى ئازدۇرۇۋەتتى. كىمگە شەيتان ھەمراھ بولىدىكەن، ئۇ .نېمىدىگەن يامان ھەمراھ!؟

39

وَمَاذَا عَلَيْهِمْ لَوْ ءَامَنُوا۟ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ وَأَنفَقُوا۟ مِمَّا رَزَقَهُمُ ٱللَّهُ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِهِمْ عَلِيمًا

ئەگەر ئۇلار اﷲ قا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ۋە اﷲ ئۆزلىرىگە بەرگەن مالدىن سەرپ قىلسا، ئۇلارغا نېمە زىيىنى بولاتتى؟ اﷲ ئۇلارنى ئوبدان بىلىدۇ (قىلمىشىغا قاراپ جازالايدۇ)

ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشەنسە، پۇل-ماللىرىنى نىيەتلىرىنى خالىس قىلىپ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلسا، ئۇلارغا نېمە زىيىنى بار؟ ئەكسىچە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ياخشىلىق بارغۇ!؟. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ھەر كىمنىڭ ئەمىلىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

40

إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَظْلِمُ مِثْقَالَ ذَرَّةٍۢ ۖ وَإِن تَكُ حَسَنَةًۭ يُضَٰعِفْهَا وَيُؤْتِ مِن لَّدُنْهُ أَجْرًا عَظِيمًۭا

اﷲ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، اﷲ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ

ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىلدۇر، بەندىلىرىگە قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىدىن كىچىك چۈمۈلىچىلىك نەرسىنىمۇ كېمەيتىۋەتمەيدۇ، ھەمدە يامانلىقىغا كىچىككىنە نەرسىنى قوشۇپمۇ قويمايدۇ. زەررىچىلىك ياخشىلىقى بوپقالسا، مەرھەمەت قىلىپ ئۇنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىدۇ ھەمدە مۇكاپاتنى ھەسسىلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۆز پەزلىدىن كاتتا ساۋابلارنى بېرىدۇ.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.