Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 21–30 of 176

21

وَكَيْفَ تَأْخُذُونَهُۥ وَقَدْ أَفْضَىٰ بَعْضُكُمْ إِلَىٰ بَعْضٍۢ وَأَخَذْنَ مِنكُم مِّيثَٰقًا غَلِيظًۭا

ئۆزئارا خىلۋەتتە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئاياللار سىلەردىن (نىكاھ ئەقدىدىن ئىبارەت) مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر؟

سىلەر بىلەن ئاياللار ئارىسىدا جىنسى ئالاقە، مۇھەببەت، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر-بىرىنىڭ سىرلىرىدىن خەۋەردار بولۇش قاتارلىق ئىشلار ھاسىل بولغان تۇرسا، سىلەر ئۇلارغا تويلۇق مېھرى ئۈچۈن بەرگەن نەرسىنى قانداقمۇ ئېلىۋالىسىلەر؟مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن ئۇلارنىڭ قولىدىن بىر نەرسە تاما قىلىش بەك پەسكەشلىكتۇر، ھەقىقەتەن سىلەردىن مۇستەھكەم چىڭ ئەھدە ئىلىنغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ سۆزى ۋە پرىنسىپى بىلەن ھالال قىلىشتۇر.

22

وَلَا تَنكِحُوا۟ مَا نَكَحَ ءَابَآؤُكُم مِّنَ ٱلنِّسَآءِ إِلَّا مَا قَدْ سَلَفَ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ فَٰحِشَةًۭ وَمَقْتًۭا وَسَآءَ سَبِيلًا

ئاتىلىرىڭلار ئالغان ئاياللارنى ئالماڭلار، لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالغان بولساڭلار (ئەپۇ قىلىنىدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن يامان ئىشتۇر، ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىقتۇر، بۇ نېمىدېگەن يامان ئادەت!

ئاياللاردىن ئاتىلىرىڭلار توي قىلغان ئاياللارنى يەنى ئۆگەي ئاناڭلارنى نىكاھلاپ ئالماڭلار، بۇنداق قىلىش ھارام بولىدۇ، لېكىن ئىسلامدىن ئىلگىرى بولغان بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن جازالانمايدۇ، ئوغۇللارنىڭ دادىسىنىڭ ئاياللىرى يەنى ئۆگەي ئانىسى بىلەن توي قىلىشى بەك ئىپلاس ئىش ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ غەزىبىگە دۇچار بولىدۇ ۋە ناچار-ئەخلاقسىزلىق يولىدا ماڭغان بولىدۇ.

23

حُرِّمَتْ عَلَيْكُمْ أُمَّهَٰتُكُمْ وَبَنَاتُكُمْ وَأَخَوَٰتُكُمْ وَعَمَّٰتُكُمْ وَخَٰلَٰتُكُمْ وَبَنَاتُ ٱلْأَخِ وَبَنَاتُ ٱلْأُخْتِ وَأُمَّهَٰتُكُمُ ٱلَّٰتِىٓ أَرْضَعْنَكُمْ وَأَخَوَٰتُكُم مِّنَ ٱلرَّضَٰعَةِ وَأُمَّهَٰتُ نِسَآئِكُمْ وَرَبَٰٓئِبُكُمُ ٱلَّٰتِى فِى حُجُورِكُم مِّن نِّسَآئِكُمُ ٱلَّٰتِى دَخَلْتُم بِهِنَّ فَإِن لَّمْ تَكُونُوا۟ دَخَلْتُم بِهِنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ وَحَلَٰٓئِلُ أَبْنَآئِكُمُ ٱلَّذِينَ مِنْ أَصْلَٰبِكُمْ وَأَن تَجْمَعُوا۟ بَيْنَ ٱلْأُخْتَيْنِ إِلَّا مَا قَدْ سَلَفَ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورًۭا رَّحِيمًۭا

سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلدەش ھەمشىرىڭلارنى، قېيىن ئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) ئۆيۈڭلاردا تەربىيىلەنگەن قىزلىرىنى (بۇ شەرت ئەمەس، ئۆيدە تەربىيىلەنمىگەن بولسىمۇ) ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار ھېچ باك يوقتۇر، يەنە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئىككى ھەمشىرىنى بىر ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى. لېكىن ئۆتكەنكىلەر (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلار) ئەپۇ قىلىنىدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر

سىلەرگە ئانىلىرىڭلار بىلەن توي قىلىش ھارام قىلىندى، شۇنىڭدەك ئانا تەرەپ ۋە دادا تەرەپتىن بولغان چوڭ ئانىلار بىلەن، قىزلىرىڭلار بىلەن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىزلىرى ۋە قىزلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن، ئوغۇلنىڭ قىزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن، قېرىنداش ھەمشىرەڭلار ۋە ئانا باشقا ياكى دادا باشقا ھەمشىرىلىرىڭلار بىلەن، ھاممىلىرىڭلار بىلەن شۇنىڭدەك دادا تەرەپ ھاممىلىرىڭلار بىلەن ۋە ئۇلاردىن يۇقىرى ھاممىلىرىڭلار بىلەن، ئانا تەرەپ ھاممىلىرىڭلار بىلەن، شۇنىڭدەك ئۇلاردىن يۇقىرى بولغان ھاممىلىرىڭلار بىلەن، ئاكا-ئۇكا ۋە ھەمشىرىلىرىڭلارنىڭ قىزلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن، سۈت ئانىلىرىڭلار بىلەن، ئېمىلداش ھەمشىرىلىرىڭلار بىلەن، قېيىن ئانىلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ قىزى بىلەن بىرگە بولۇڭلار ياكى بىرگە بولماڭلار ئوخشاشتۇر. ئاياللىرىڭلارنىڭ باشقا ئەردىن بولغان كۆپىنچە سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلاردا تەربىيىلىنىۋاتقان قىزى بىلەن، شۇنىڭدەك باشقا جايدا تەربىيىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئانىسى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان بولساڭلار ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ھارام بولىدۇ. ئەمما ئانىسى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىغان بولساڭلار، ئۇ ۋاقىتتا قىزلىرى بىلەن توي قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. ئۆز پۇشتىدىن بولغان پەرزەنتىنىڭ ئايالى بىلەن توي قىلىش ھارام قىلىندى، گەرچە ئوغلى ئۇ ئايال بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ قاتارىغا ئېمىلدەشلىكتىن بولغان ئوغۇللىرىنىڭ ئاياللىرىمۇ كېرىدۇ، شۇنىڭدەك نەسەبتىن بولسۇن ياكى ئېمىلداشلىقتىن بولسۇن ئىككى ھەمشىرىنى بىر ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلاش ھارام قىلىندى. لېكىن ئىلگىرى جاھىلىيەت دەۋرىدە بولغان بولسا ئۇنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، ئاللاھ ئۆزىگە تەۋبە قىلغان بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە بىر ئايالنى ئۆزىنىڭ تاغا ئاچىسى ياكى ھامماچىسى بىلەن بىرگە .نىكاھىدا ساقلاشمۇ ھارام قىلىندى

24

۞ وَٱلْمُحْصَنَٰتُ مِنَ ٱلنِّسَآءِ إِلَّا مَا مَلَكَتْ أَيْمَٰنُكُمْ ۖ كِتَٰبَ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ ۚ وَأُحِلَّ لَكُم مَّا وَرَآءَ ذَٰلِكُمْ أَن تَبْتَغُوا۟ بِأَمْوَٰلِكُم مُّحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَٰفِحِينَ ۚ فَمَا ٱسْتَمْتَعْتُم بِهِۦ مِنْهُنَّ فَـَٔاتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ فَرِيضَةًۭ ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا تَرَٰضَيْتُم بِهِۦ مِنۢ بَعْدِ ٱلْفَرِيضَةِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًۭا

ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىشمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى. پەقەت سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلار ئاستىدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ اﷲ نىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكىملىرىدۇر، بۇلاردىن (يەنى يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن) باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ھالدا، ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىپ (يەنى مەھرىنى بېرىپ) نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى. قايسىكى ئاياللارنى (نىكاھلاپ ئېلىپ) پايدىلانساڭلار، ئۇلارغا (نىكاھ ۋاقتىدا) بېكىتىلگەن مەھرىلىرىنى بېرىڭلار، مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا پۈتۈشكەن نەرسەڭلار توغرىسىدا (يەنى ئايالنىڭ رازىلىقى بىلەن ساقىت قىلىنغان مەھرى ئۈچۈن) سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

سىلەرگە ئېرى بار ئاياللارنى ئېلىش ھارام قىلىندى. لېكىن ئاللاھ يولىدىكى جىھادتا ئەسىرگە چۈشكەن چۆرىلەر بولسا، بىر قېتىم ئادەت كۆرۈپ پاكلىنىپ بولغاندىن كېيىن بىرگە بولساڭلار بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكمىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئاياللار بىلەن زىنا قىلىش كويىدا بولماي، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئىپپىتىنى ساقلىغان ئاساستا، مېھرىنى بېرىپ ھالاللىق بىلەن نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار بولىدۇ. قايسى ئايال بىلەن توي قىلىپ پايدىلانساڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ سىلەرگە پەرز قىلغان تويلۇق مېھرىنى بېرىڭلار، تويلۇق مېھرىنى پۈتۈشۈپ بولغاندىن كېيىن پۈتۈشكەندىن ئارتۇق بەرسەڭلار ياكى ئايالنىڭ رازىلىقى بىلەن مەلۇم قىسمىنى ساقىت قىلىۋەتسەڭلار سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا شەكسىزكى ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ ئىشلارنى تەدبىر قىلىش ۋە يولغا قويۇشتا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.

25

وَمَن لَّمْ يَسْتَطِعْ مِنكُمْ طَوْلًا أَن يَنكِحَ ٱلْمُحْصَنَٰتِ ٱلْمُؤْمِنَٰتِ فَمِن مَّا مَلَكَتْ أَيْمَٰنُكُم مِّن فَتَيَٰتِكُمُ ٱلْمُؤْمِنَٰتِ ۚ وَٱللَّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَٰنِكُم ۚ بَعْضُكُم مِّنۢ بَعْضٍۢ ۚ فَٱنكِحُوهُنَّ بِإِذْنِ أَهْلِهِنَّ وَءَاتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ بِٱلْمَعْرُوفِ مُحْصَنَٰتٍ غَيْرَ مُسَٰفِحَٰتٍۢ وَلَا مُتَّخِذَٰتِ أَخْدَانٍۢ ۚ فَإِذَآ أُحْصِنَّ فَإِنْ أَتَيْنَ بِفَٰحِشَةٍۢ فَعَلَيْهِنَّ نِصْفُ مَا عَلَى ٱلْمُحْصَنَٰتِ مِنَ ٱلْعَذَابِ ۚ ذَٰلِكَ لِمَنْ خَشِىَ ٱلْعَنَتَ مِنكُمْ ۚ وَأَن تَصْبِرُوا۟ خَيْرٌۭ لَّكُمْ ۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

سىلەردىن مۆمىن ئاياللارنى ئېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار قول ئاستىدىكى مۆمىن چۆرىلەردىن ئالسۇن. اﷲ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئېلىۋېرىڭلار، ئىچكى ئەھۋالىنى اﷲ قا تاپشۇرۇڭلار). سىلەر بىر - بېرىڭلار بىلەن دىنداشسىلەر، ئۇلارنىڭ خوجىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇلارنى خوتۇنلۇققا ئالساڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا مەھرىلىرىنى كېمەيتىۋەتمەستىن ۋە كېچىكتۈرمەستىن بېرىڭلار. لېكىن ئۇلار ئاشكارا زىنا قىلمايدىغان، يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمايدىغان ئەفىفە بولۇشلىرى كېرەك. ئەگەر ئۇلار ئەرگە تەگكەندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك. بۇ (يەنى چۆرىلەرنى نىكاھلاپ ئېلىش)، ئاراڭلاردا زىناغا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن قورققان كىشى ئۈچۈندۇر. سەۋر قىلالىساڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

قولى قىسقا بولغانلىقتىن ھۆر ئاياللار بىلەن توي قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ قول ئاستىدىكى مۇئمىنە چۆرىلەرنى ئالسا بولىدۇ، سىلەرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىڭلارنى ۋە ئىمانىڭلارنى ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ، سىلەر ۋە ئۇلار (چۆرىلەر) دىندا ۋە ئىنسانلىقتا ئوخشاش، شۇڭا ئۇلار بىلەن توي قىلىشتىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرماڭلار، ئۇلارنى خوجايىنلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن نىكاھلاپ ئېلىڭلار. ئۇلارنىڭ تويلۇق مېھرىنى كېمەيتىۋەتمەي، ئۇزۇنغىمۇ سوزۇۋەتمەي بېرىڭلار. بۇلار ئاشكارا زىنا قىلمايدىغان ۋە يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمايدىغان بولۇشى كېرەك. ناۋادا ئۇلار توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن زىنا-پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا ئېرى بار، ھۆر ئاياللاردىن پەرقلىق بولىدۇ، يەنى ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ، ئەللىك قامچا ئۇرۇلىدۇ، چالما-كېسەك قىلىنمايدۇ. ئىپپەتلىك، مۇئمىن، چۆرىلەرنى نىكاھلاپ ئىلىشتىن ئىبارەت بۇ ھۆكۈم، ھۆر ئاياللار بىلەن توي قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان، توي قىلمىسا زىنا-پاھىشە قىلىپ سېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. لېكىن ئەۋلادلىرىنى قۇللۇقتىن ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن سەۋر قىلىش، دېدەك ئاياللار بىلەن توي قىلغاندىن ياخشىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا مېھرىباندۇر. ھۆر ئاياللار بىلەن توي قىلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكتىن زىنا-پاھىشىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشىلەرنىڭ دېدەكلەر بىلەن توي قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىشى ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بولغان رەھمىتىدىندۇر.

26

يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيُبَيِّنَ لَكُمْ وَيَهْدِيَكُمْ سُنَنَ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ وَيَتُوبَ عَلَيْكُمْ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌۭ

اﷲ سىلەرگە (ھالال ۋە ھارامغا دائىر ئەھكاملارنى) بايان قىلىشنى، سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشىلار) نىڭ يوللىرىغا سىلەرنى ھىدايەت قىلىشنى، (گۇناھىڭلاردىن قىلغان) تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. اﷲ ھەممىنى (يەنى بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئاللاھ مۇشۇنداق ئەھكاملارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق سىلەرگە ئۆز شەرىئىتى ۋە دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ھەمدە سىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن پايدىلىق نەرسىلەرنى بايان قىلماقچى، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى ۋە ماختاشقا لايىق ئىش-ئىزلىرىغا ئەگىشىشىڭلار ئۈچۈن ھالال-ھارام ئىشلىرىدا سىلەرنى شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ يوللىرىغا يېتەكلىمەكچى، شۇنداقلا سىلەرنى گۇناھ-مەئسىيەتتىن ئۆزنىڭ تائىتىگە قايتۇرماقچى. ئاللاھ بەندىلىرىگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يولغا قويىدۇ. يولغا قويغان ئىشلاردا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر ۋە بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر.

27

وَٱللَّهُ يُرِيدُ أَن يَتُوبَ عَلَيْكُمْ وَيُرِيدُ ٱلَّذِينَ يَتَّبِعُونَ ٱلشَّهَوَٰتِ أَن تَمِيلُوا۟ مَيْلًا عَظِيمًۭا

اﷲ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ (بۇ اﷲ نىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەكرارلاندى). شەھۋەتلەرگە ئەگىشىدىغانلار (يەنى شەيتانغا ئەگىشىدىغان فاجىرلار) توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىڭلارنى (شۇلارغا ئوخشاش فاجىر بولۇشۇڭلارنى) خالايدۇ

ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى ۋە خاتالىقىڭلارنى كەچۈرۈۋېتىشنى خالايدۇ. ئەيش-ئىشرەتكە چۆمگەنلەر بولسا سىلەرنى توغرا يولدىن تولىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىشنى ئويلايدۇ.

28

يُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُخَفِّفَ عَنكُمْ ۚ وَخُلِقَ ٱلْإِنسَٰنُ ضَعِيفًۭا

اﷲ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى سىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇشنى) خالايدۇ. ئىنسان (نەپسى خاھىشىغا خىلاپلىق قىلىشتىن) ئاجىز يارىتىلدى

ئاللاھ سىلەردىن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى يەڭگىللىتىشنى، سىلەرنى كۈچۈڭلار يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلماسلىقنى خالايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ۋە تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىقنى بىلگۈچىدۇر.

29

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَأْكُلُوٓا۟ أَمْوَٰلَكُم بَيْنَكُم بِٱلْبَٰطِلِ إِلَّآ أَن تَكُونَ تِجَٰرَةً عَن تَرَاضٍۢ مِّنكُمْ ۚ وَلَا تَقْتُلُوٓا۟ أَنفُسَكُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًۭا

ئى مۆمىنلەر! بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا - سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر - بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! بۇلاش، ئوغرىلاش، پارا بېرىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ناھەق ۋاسىتىلەر بىلەن بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئېلىۋالماڭلار. لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈشۈشى ئارقىلىق قىلىنغان ئېلىم-سېتىملاردىن ئېرىشكەن ماللار بولسا، بۇنى يېيىشكە ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئۆزۈڭلارنىمۇ ئۆلتۈرمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئىنتايىن مېھرىباندۇر. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز-ئارا قان تۆكۈشۈڭلارنى، بىر-بىرىڭلارنىڭ مېلىنى ئېلىۋېلىشنى ۋە بىر-بىرىڭلارنىڭ يۈز-ئابرويىنى تۆكۈشۈڭلارنى ھارام قىلغانلىقى ئۇنىڭ رەھمىتىدىندۇر.

30

وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ عُدْوَٰنًۭا وَظُلْمًۭا فَسَوْفَ نُصْلِيهِ نَارًۭا ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرًا

كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى (يەنە اﷲ چەكلىگەن ئىشلارنى) قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ اﷲ قا ئاساندۇر

كىمكى ئاشۇ چەكلەنگەن ئىشنى قىلىپ، باشقىلارنىڭ مېلىنى بىلمەسلىك ياكى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بىلىپ تۇرۇپ، چەكتىن ئېشىپ باشقىلارنىڭ مېلىنى يەۋالسا ياكى ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنى دەھشەتلىك ئوتقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئوتنىڭ ھارارىتىدىن قىينىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قاتتىق ئازابىنى تېتىيدۇ. بۇنداق ئازابلاش ئاللاھقا ئاسان، چۈنكى ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر، ئۇنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ھېچنەرسە يوقتۇر.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.