يَٰٓأَهْلَ ٱلْكِتَٰبِ لَا تَغْلُوا۟ فِى دِينِكُمْ وَلَا تَقُولُوا۟ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلْحَقَّ ۚ إِنَّمَا ٱلْمَسِيحُ عِيسَى ٱبْنُ مَرْيَمَ رَسُولُ ٱللَّهِ وَكَلِمَتُهُۥٓ أَلْقَىٰهَآ إِلَىٰ مَرْيَمَ وَرُوحٌۭ مِّنْهُ ۖ فَـَٔامِنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦ ۖ وَلَا تَقُولُوا۟ ثَلَٰثَةٌ ۚ ٱنتَهُوا۟ خَيْرًۭا لَّكُمْ ۚ إِنَّمَا ٱللَّهُ إِلَٰهٌۭ وَٰحِدٌۭ ۖ سُبْحَٰنَهُۥٓ أَن يَكُونَ لَهُۥ وَلَدٌۭ ۘ لَّهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۗ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلًۭا
ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى ناسارالار جامائەسى) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، اﷲ نىڭ شەنىگە ھەق (سۆز) دىن باشقىنى ئېيتماڭلار (يەنى اﷲ قا شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار). مەسىھ ئىسا - مەريەمنىڭ ئوغلى، پەقەت اﷲ نىڭ رەسۇلىدۇر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك اﷲ نىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)، مەريەمگە اﷲ نىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز، اﷲ نىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، اﷲ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر، اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، (اﷲ، ئىسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (اﷲ ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، اﷲ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن اﷲ پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر)، اﷲ يېتەرلىك ھامىيدۇر
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئىنجىل ئەھلى بولغان ناسارالارغا ئېيتقىنكى: سىلەر دىنىڭلاردا ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار، ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا پەقەت ھەق سۆزنى دەڭلار، ھەقىقەتەن مەريەم ئوغلى ئىسا مەسىھ ئاللاھنىڭ ھەق بىلەن ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىدۇر. ئاللاھ ئۇنى جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق مەريەمگە ئەۋەتكەن سۆزدىن ياراتتى، ئۇ ۋۇجۇتقا كەل دېگەن سۆز بولۇپ، شۇنىڭدىن يارىتىلدى، بۇ ئاللاھتىن بولغان بىر پۈۋلەش بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن جىبرائىل ئەلەيھىسسالام مەريەمگە پۈۋلىدى. ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە ھېچ بېرىنى ئايرىۋەتمەستىن ئىشىنىڭلار، ئاللاھنى ئۈچ دېمەڭلار، بۇ بۇزۇق يالغان سۆزدىن يېنىڭلار، ئۇ سۆزدىن يېنىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىدۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ يەككە-يېگانە ئىلاھتۇر. ئاللاھ شېرىكتىن ۋە بالىدىن مۇنەززەھتۇر ۋە ئۇنىڭدىن بىھاجەتتۇر. ئاسمان- زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىدارە قىلىش ۋە تەدبىر قىلىشقا ئاللاھ يېتەرلەكتۇر.