Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 151–160 of 176

151

أُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْكَٰفِرُونَ حَقًّۭا ۚ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَٰفِرِينَ عَذَابًۭا مُّهِينًۭا

ئەنە شۇلار (ئىماننى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ) راستىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق

مۇشۇ يولدا ماڭغان ئاشۇ كىشىلەر ھەقىقى كاپىرلاردۇر، ئۇنداق بولىشى: كىمكى بىر پەيغەمبەرگە ياكى بەزى پەيغەمبەرگە كاپىر بولىدىكەن، ھەقىقەتتە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغان بولدى، بىز قىيامەت كۈنى كاپىرلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىغا لايىق خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق

An-Nisaa 4:151Listen in Qur'an →
152

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦ وَلَمْ يُفَرِّقُوا۟ بَيْنَ أَحَدٍۢ مِّنْهُمْ أُو۟لَٰٓئِكَ سَوْفَ يُؤْتِيهِمْ أُجُورَهُمْ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًۭا رَّحِيمًۭا

اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ ئارىسىنى ئاجرىتىۋەتمىگەن (يەنى ھەممىسىگە ئىمان ئېيتقان) كىشىلەرگە اﷲ ئۇلارنىڭ (تېگىشلىك) ئەجىرلىرىنى ئاتا قىلىدۇ، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ھېچ بىر نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلمىغان، بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشەنگەن، كاپىرلار قىلغانغا ئوخشاش قىلماستىن ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەي بەلكى ھەممىسىگە ئىشەنگەن ئاشۇ كىشىلەرگە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە ئۇنىڭدىن كىلىپ چىققان ياخشى ئەمەللىرىگە كاتتا مۇكاپات بېرىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشنى كەچۈرۈم قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا مېھرىباندۇر

An-Nisaa 4:152Listen in Qur'an →
153

يَسْـَٔلُكَ أَهْلُ ٱلْكِتَٰبِ أَن تُنَزِّلَ عَلَيْهِمْ كِتَٰبًۭا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ ۚ فَقَدْ سَأَلُوا۟ مُوسَىٰٓ أَكْبَرَ مِن ذَٰلِكَ فَقَالُوٓا۟ أَرِنَا ٱللَّهَ جَهْرَةًۭ فَأَخَذَتْهُمُ ٱلصَّٰعِقَةُ بِظُلْمِهِمْ ۚ ثُمَّ ٱتَّخَذُوا۟ ٱلْعِجْلَ مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَتْهُمُ ٱلْبَيِّنَٰتُ فَعَفَوْنَا عَن ذَٰلِكَ ۚ وَءَاتَيْنَا مُوسَىٰ سُلْطَٰنًۭا مُّبِينًۭا

ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىر كىتاب چۈشۈرۈشنى سورايدۇ، ئۇلار مۇسادىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە اﷲ نى ئاپئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ زۇلمى سەۋەبلىك ئۇلارنى چاقماق سوقتى (يەنى ئاسماندىن بىر ئوت كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى). ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر كەلگەندىن كېيىن موزاينى (مەبۇد) قىلىۋالدى. كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلدۇق. بىز مۇساغا (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەردىن) روشەن پاكىت ئاتا قىلدۇق

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! يەھۇدىيلار سەندىن سېنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭگە ئالامەت بولىشى ئۈچۈن خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋرات بىراقلا چۈشكەندەك ساڭا قۇرئان كەرىمنىڭ بىراقلا چۈشىشىنى سورايدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىنى چوڭ بىلىپ كەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن سەندىن سورىغان سوئالدىن چوڭراقىنى سورىغان، ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئاللاھنى ئاشكارا كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا جازا بولۇپ ئۇلارنى چاقماق سوقۇپ ئۆلگەن، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈرگەن، ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە ئىلاھلىق ۋە پەرۋەردىگارلىقتا يالغۇز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئوچۇق ئايەتلەر كەلگەندىن كېيىنمۇ ئاللاھنى قويۇپ موزايغا ئىبادەت قىلغان، ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىۋەتتۇق، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قەۋمىنى يېتەكلەيدىغان روشەن ھۆججەتنى بەردۇق.

An-Nisaa 4:153Listen in Qur'an →
154

وَرَفَعْنَا فَوْقَهُمُ ٱلطُّورَ بِمِيثَٰقِهِمْ وَقُلْنَا لَهُمُ ٱدْخُلُوا۟ ٱلْبَابَ سُجَّدًۭا وَقُلْنَا لَهُمْ لَا تَعْدُوا۟ فِى ٱلسَّبْتِ وَأَخَذْنَا مِنْهُم مِّيثَٰقًا غَلِيظًۭا

(تەۋرات شەرىئىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك) ئۇلاردىن ئەھدە ئالماق ئۈچۈن ئۈستىگە تۇر (تېغى) نى تىكلەپ قويدۇق، ئۇلارغا: «(بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاڭلار (يەنى شەنبىدە بېلىق تۇتۇش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار)» دېدۇق. ئۇلاردىن (بۇ ھەقتە) مەھكەم ۋەدە ئالدۇق

ئۇلاردىن چىن ئەھدە ئالماق ۋە تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى قورقۇتۇپ ئۈستىگە تاغنى تىكلەپ قويدۇق، تاغنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئېلىۋەتكەندىن كېيىن: بەيتىل مۇقەددەس شەھرىنىڭ ئېشىكىدىن بېشىڭلارنى ئېگىپ سەجدە قىلىپ كېرىڭلار دېسەك، ئۇلار كاسىسىنى تولغاپ كەينىچەككە كىردى، ئۇلارغا: شەنبە كۈنلۈكتە بېلىق تۇتۇشقا قەدەم باسماڭلار دېدۇق، ئۇلار ھەددىدىن ئىشىپ شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتتى، ئۇلاردىن بۇ توغرىدا چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئېلىنغان ئەھدىنى بۇزدى.

An-Nisaa 4:154Listen in Qur'an →
155

فَبِمَا نَقْضِهِم مِّيثَٰقَهُمْ وَكُفْرِهِم بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَقَتْلِهِمُ ٱلْأَنۢبِيَآءَ بِغَيْرِ حَقٍّۢ وَقَوْلِهِمْ قُلُوبُنَا غُلْفٌۢ ۚ بَلْ طَبَعَ ٱللَّهُ عَلَيْهَا بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًۭا

ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ۋە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) دىللىرىمىز پەردىلەنگەن (يەنى سۆزۈڭنى چۈشەنمەيدۇ) دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)، بەلكى اﷲ ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىنى ئىمان ئېيتمايدۇ

بىز ئۇلارنى تەكىتلەنگەن ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلغانلىقى ۋە مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا: بىزنىڭ دىلىمىزدا پەردە بار، سېنىڭ نېمە دېگەنلىكىڭنى ئېسىمىزدە تۇتالمايمىز دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن قوغلىدۇق، ئىش ئۇلار ئېيتقاندەك ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا پېچەت ئۇرىۋەتتى، ئۇنىڭغا ياخشىلىق كېرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مەنپەئەت بولمايدىغان ئازغىنە دەرىجىدە ئېشىنىدۇ.

An-Nisaa 4:155Listen in Qur'an →
156

وَبِكُفْرِهِمْ وَقَوْلِهِمْ عَلَىٰ مَرْيَمَ بُهْتَٰنًا عَظِيمًۭا

يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)

ئۇلارنى يەنە كاپىر بولغانلىقى، مەريەم ئەلەيھىسسالامغا زىنا قىلدى دەپ زور بۆھتان قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق

An-Nisaa 4:156Listen in Qur'an →
157

وَقَوْلِهِمْ إِنَّا قَتَلْنَا ٱلْمَسِيحَ عِيسَى ٱبْنَ مَرْيَمَ رَسُولَ ٱللَّهِ وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَٰكِن شُبِّهَ لَهُمْ ۚ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ ٱخْتَلَفُوا۟ فِيهِ لَفِى شَكٍّۢ مِّنْهُ ۚ مَا لَهُم بِهِۦ مِنْ عِلْمٍ إِلَّا ٱتِّبَاعَ ٱلظَّنِّ ۚ وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينًۢا

يەنە اﷲ نىڭ رەسۇلى ئىسا ئىبن مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (ئىسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى)، ئىسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى

ئۇلار پەخىرلىنىپ يالغاندىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىسانى بىز ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق، ۋاھالەنكى ئۇلار دەۋا قىلغىنىدەك ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق ۋە دارغا ئاسقىنىمۇ يوق، لېكىن ئۇلار ئاللاھ ئىسانىڭ شەكلىگە ئوخشىتىپ قويغان باشقا بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلتۈرۈلگۈچىنى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ ئويلىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈردۈق دەپ دەۋا قىلغۇچىلار يەھۇدىي ۋە ئۇنى تۇتۇپ تاپشۇرۇپ بەرگۈچىلەر ناسارالار ئىدى، ھەر ئىككى گورۇھ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ھەيرانلىق شەكلىنىشتە قالدى، بۇ توغرىدا ئۇلاردا ئىلىم يوق پەقەت گۇمانغا ئەگىشىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى بىر نەرسىدىن بىھاجەت قىلالمايدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمىدى ۋە دارغا ئاسمىدى.

An-Nisaa 4:157Listen in Qur'an →
158

بَل رَّفَعَهُ ٱللَّهُ إِلَيْهِ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًۭا

بەلكى اﷲ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى اﷲ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن قۇتقازدى، ئۇنى جىسمى ۋە روھى بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ تەرىپىگە كۆتۈردى، ئاللاھ ئۆز مۈلكىدە غالىپتۇر، ھېچ بىرى ئاللاھقا غالىپ كىلەلمەيدۇ، ئىشلارنى تەدبىر قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ۋە يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

An-Nisaa 4:158Listen in Qur'an →
159

وَإِن مِّنْ أَهْلِ ٱلْكِتَٰبِ إِلَّا لَيُؤْمِنَنَّ بِهِۦ قَبْلَ مَوْتِهِۦ ۖ وَيَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ يَكُونُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًۭا

ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە اﷲ نىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلارنىڭ ئىسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىسا اﷲ نىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى) غا گۇۋاھ بولىدۇ

ئەھلى كىتابتىن بولغان ھەر بىرى ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زاماندا چۈشىدىغانلىقىغا، قىيامەت كۈنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ شەرىئەتكە مۇۋاپىق ياكى مۇخالىپ ھالەتتە قىلغان بارلىق ئەمەللىرىگە شاھىت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ

An-Nisaa 4:159Listen in Qur'an →
160

فَبِظُلْمٍۢ مِّنَ ٱلَّذِينَ هَادُوا۟ حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ طَيِّبَٰتٍ أُحِلَّتْ لَهُمْ وَبِصَدِّهِمْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ كَثِيرًۭا

يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى اﷲ نىڭ يولىدىن (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق

يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان زۇلمى سەۋەبىدىن ئىلگىرى ھالال بولغان پاكىزە نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا توم تۇياقلىق ھايۋانلارنى ھارام قىلدۇق، كالا، قوي قاتارلىق چارىپايلاردىن دۈمبە مېيىنى قويۇپ ئېچمىيىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقى ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ھەتتا ياخشىلىقتىن توسۇش ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بولۇپ قالدى

An-Nisaa 4:160Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.