Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 141–150 of 176

141

ٱلَّذِينَ يَتَرَبَّصُونَ بِكُمْ فَإِن كَانَ لَكُمْ فَتْحٌۭ مِّنَ ٱللَّهِ قَالُوٓا۟ أَلَمْ نَكُن مَّعَكُمْ وَإِن كَانَ لِلْكَٰفِرِينَ نَصِيبٌۭ قَالُوٓا۟ أَلَمْ نَسْتَحْوِذْ عَلَيْكُمْ وَنَمْنَعْكُم مِّنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ ۚ فَٱللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ ۗ وَلَن يَجْعَلَ ٱللَّهُ لِلْكَٰفِرِينَ عَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ سَبِيلًا

ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر اﷲ نىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كاپىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ بېرىڭلار)» دەيدۇ. ئەگەر كاپىرلار زەپەر تاپسا، ئۇلار (كاپىرلارغا): «بىز سىلەردىن غالىب بولۇپ تۇرۇپ (سىلەرنى ئۆلتۈرمىدۇق) ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى مۆمىنلەردىن ساقلىمىدىقمۇ؟» دەيدۇ. اﷲ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا (ھەققانىي) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، اﷲ كاپىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ

سىلەرگە ياخشىلىق كېلەرمۇ ياكى يامانلىقمۇ؟ دەپ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلار بار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ بىرەر نۇسرىتى كېلىپ، غەنىمەت ئالساڭلار، ئۇلار غەنىمەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە سىلەرگە: بىزمۇ سىلەر بىلەن بىرگە ئەمەسمىدۇق؟ سىلەر قاتناشقان جەڭگە بىزمۇ قاتناشمىدۇقمۇ؟ دېيىشىدۇ. ئەگەر كاپىرلارنىڭ تەلىيى كېلىپ قالسا، ئۇلارغا: بىزمۇ سىلەرگە ياردەملىشىپ، ھەر تەرەپتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، يېقىندىن ھەمدەمدە بولمىدۇقمۇ؟ سىلەرگە ياردەم بېرىپ، مۇئمىنلەرنى ياردەمسىز قويۇش ئارقىلىق سىلەرنى ئۇلاردىن قوغدىمىدۇقمۇ؟ دېيىشىدۇ. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ھەممىڭلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاندىن مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرىش بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، مۇناپىقلارنى دوزاخنىڭ ئەڭ تېگىگە تاشلاش بىلەن جازالايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلى بىلەن قىيامەت كۈنى ھەرگىز مۇئمىنلەرگە قارشى كاپىرلار ئۈچۈن بىرەر باھانە-سەۋەب قالدۇرمايدۇ. بەلكى ئاخىرقى غەلىبىنى چوقۇم مۇئمىنلەرگە مەنسۇپ قىلىدۇ.

An-Nisaa 4:141Listen in Qur'an →
142

إِنَّ ٱلْمُنَٰفِقِينَ يُخَٰدِعُونَ ٱللَّهَ وَهُوَ خَٰدِعُهُمْ وَإِذَا قَامُوٓا۟ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ قَامُوا۟ كُسَالَىٰ يُرَآءُونَ ٱلنَّاسَ وَلَا يَذْكُرُونَ ٱللَّهَ إِلَّا قَلِيلًۭا

شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار اﷲ نى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ)، اﷲ نى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ

شەكسىزكى مۇناپىقلار ئىسلامنى ئىزھار قىلىش ۋە كۇپرىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ھالبۇكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا قارىتا جازا بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ كۇپرىسىنى بىلىپ تۇرۇپ جانلىرىنى ساقلاپ قالدى ھەمدە ئۇلارغا ئاخىرەتتە ئەڭ قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇلار نامازغا تۇرغان ۋاقىتلىرىدا خۇشياقماسلىق بىلەن، نامازنى ياقتۇرمىغان ھالدا ئوقۇيدۇ، پەقەت مۇئمىنلەرنى كۆرگەن ۋاقىتتىلا ئاللاھنى (ئىنتايىن ئاز) ئەسلەيدۇ.

An-Nisaa 4:142Listen in Qur'an →
143

مُّذَبْذَبِينَ بَيْنَ ذَٰلِكَ لَآ إِلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِ وَلَآ إِلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِ ۚ وَمَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَلَن تَجِدَ لَهُۥ سَبِيلًۭا

مۇناپىقلار كۇفرى بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، نە ئۇلارغا، نە بۇلارغا مەنسۈپ ئەمەس (يەنى مۆمىنلەرگىمۇ، كاپىرلارغىمۇ مەنسۈپ ئەمەس)، كىمنى اﷲ گۇمراھ قىلغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن

بۇ مۇناپىقلار گاڭگىراش ئىچىدە ئىككىلىنىپ يۈرىدۇ. ئۇلار مەيلى نىيىتىدە مەيلى ئىش-ھەرىكەتلىرىدە بولسۇن مۇئمىنلەر بىلەن بىرگە ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار كاپىرلار بىلەن بىرگىدۇر. ئۇلار قارىماققا مۇئمىنلەر بىلەن بىرگە بولغاندەك، ئەمما دىللىرى كاپىرلار بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ تائالا كىمنى ئازدۇرۇۋەتسە، -ئەي پەيغەمبەر!- سەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەت تېپىشى ئۈچۈن ھېچقانداق چارە تاپالمايسەن.

An-Nisaa 4:143Listen in Qur'an →
144

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَتَّخِذُوا۟ ٱلْكَٰفِرِينَ أَوْلِيَآءَ مِن دُونِ ٱلْمُؤْمِنِينَ ۚ أَتُرِيدُونَ أَن تَجْعَلُوا۟ لِلَّهِ عَلَيْكُمْ سُلْطَٰنًۭا مُّبِينًا

ئى مۆمىنلەر! مۆمىنلەرنى (دوست تۇتۇشنى) قويۇپ، كاپىرلارنى دوست تۇتماڭلار، سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا (يەنى مۇناپىق ئىكەنلىكىڭلارغا) اﷲ نىڭ روشەن پاكىتى بولۇشىنى خالامسىلەر؟

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! سىلەر مۇئمىنلەرنى قويۇپ ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنى سىرداش دوست قىلىۋالماڭلار. مۇشۇ قىلمىشىڭلار ئارقىلىق ئاللاھقا ئۆزۈڭلارنىڭ ئازابقا لايىق ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايدىغان ئوپئوچۇق پاكىت قىلماقچىمۇ سىلەر؟

An-Nisaa 4:144Listen in Qur'an →
145

إِنَّ ٱلْمُنَٰفِقِينَ فِى ٱلدَّرْكِ ٱلْأَسْفَلِ مِنَ ٱلنَّارِ وَلَن تَجِدَ لَهُمْ نَصِيرًا

مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە (يەنى قەئرىگە) تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن

شەكسىزكى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۇناپىقلارنى دوزاخنىڭ ئەڭ تېگىگە تاشلايدۇ. سەن ھەرگىزمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۇلاردىن ئازابنى توسۇپ قالالايدىغان بىرەر ياردەمچى تاپالمايسەن.

An-Nisaa 4:145Listen in Qur'an →
146

إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُوا۟ وَأَصْلَحُوا۟ وَٱعْتَصَمُوا۟ بِٱللَّهِ وَأَخْلَصُوا۟ دِينَهُمْ لِلَّهِ فَأُو۟لَٰٓئِكَ مَعَ ٱلْمُؤْمِنِينَ ۖ وَسَوْفَ يُؤْتِ ٱللَّهُ ٱلْمُؤْمِنِينَ أَجْرًا عَظِيمًۭا

پەقەت (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلغان، (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەن، اﷲ (نىڭ كىتابى) غا چىڭ يېپىشقان، دىننى اﷲ ئۈچۈن خالىس قىلغان (يەنى قىلغان ئەمەلىدىن پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن) كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۆمىنلەر بىلەن بىللە (يەنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا) دۇر. اﷲ مۆمىنلەرگە (ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت) بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ

مۇناپىقلىقتىن تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا قايتقانلار، نىيەتلىرىنى ساپ قىلغانلار، ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغانلار، ئەمەللىرىنى رىياسىز ھالدا ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغانلار، مۇشۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان ئەنە شۇ كىشىلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇئمىنلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا چوقۇم مۇئمىنلەرگە كۆپ ساۋاب بېرىدۇ.

An-Nisaa 4:146Listen in Qur'an →
147

مَّا يَفْعَلُ ٱللَّهُ بِعَذَابِكُمْ إِن شَكَرْتُمْ وَءَامَنتُمْ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ شَاكِرًا عَلِيمًۭا

ئەگەر (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، اﷲ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ اﷲ شۈكۈر قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

ئەگەر سىلەر ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئازابلاپ ئولتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە شەپقەتلىكتۇر. ئاللاھ سىلەرنى پەقەتلا ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلايدۇ. ئەگەر سىلەر ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەتسەڭلار، ئاللاھقا نېئمەتلىرىگە قارىتا شۈكۈر ئېيتساڭلار، ئۇنىڭغا ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھەرگىز ئازابلىمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ نېئمەتلىرىنى تونۇغانلارنىڭ شۈكرىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇركى، ئۇلارغا بۇ شۈكرانىسىغا قارىتا كۆپ ساۋاب-مۇكاپات بېرىدۇ. ئۇ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىمانىنى بىلگۈچىدۇركى، ھەر كىمگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

An-Nisaa 4:147Listen in Qur'an →
148

۞ لَّا يُحِبُّ ٱللَّهُ ٱلْجَهْرَ بِٱلسُّوٓءِ مِنَ ٱلْقَوْلِ إِلَّا مَن ظُلِمَ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا

زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىدىن باشقا (ھەر قانداق كىشىنىڭ) ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى اﷲ ياقتۇرمايدۇ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زالىمدىن شىكايەت قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا دۇئايىبەت قىلىشىغا بولىدۇ)، اﷲ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىنى) ئاڭلىغۇچىدۇر، (زالىمنى) بىلگۈچىدۇر

ئاللاھ ئاشكارا قىلىنغان يامان سۆزنى ياقتۇرمايدۇ بەلكى ئۆچ كۆرىدۇ ۋە ئۇ كىشىنى جازالايدۇ، لېكىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ زالىمنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى، زالىمغا بەد دۇئا قىلىشى ۋە قىلغان سۆزىنىڭ ئوخشىشى بىلەن ئۇنى جازالىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى، لېكىن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاشكارا يامان سۆز قىلغىنىدىن سەبرى قىلىشى ياخشى بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىغۇچىدۇر ۋە نىيەتلىرىڭلارنى بىلگۈچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ناچار سۆز ۋە يامان نىيەتتە بولۇشتىن ھەزەر قىلىڭلار

An-Nisaa 4:148Listen in Qur'an →
149

إِن تُبْدُوا۟ خَيْرًا أَوْ تُخْفُوهُ أَوْ تَعْفُوا۟ عَن سُوٓءٍۢ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَفُوًّۭا قَدِيرًا

سىلەر ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار ياكى بىرەر يامانلىقنى كەچۈرسەڭلار (ساۋاب تاپىسىلەر). شۈبھىسىزكى، اﷲ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر

سىلەر ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ياخشىلىقتىن بىرنى ئاشكارا قىلىڭلار ياكى مەخپى قىلىڭلار ياكى سىلەرگە ئەسكىلىك قىلغان كىشىنى ئەپۇ قېلىۋىتىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچى ۋە قۇدرەتلىكتۇر، ئەپۇ قىلىش سىلەرنىڭ ئەخلاقىڭلار بولسۇن، شەكسىزكى ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەپۇ .قىلىدۇ

An-Nisaa 4:149Listen in Qur'an →
150

إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦ وَيُرِيدُونَ أَن يُفَرِّقُوا۟ بَيْنَ ٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦ وَيَقُولُونَ نُؤْمِنُ بِبَعْضٍۢ وَنَكْفُرُ بِبَعْضٍۢ وَيُرِيدُونَ أَن يَتَّخِذُوا۟ بَيْنَ ذَٰلِكَ سَبِيلًا

شۈبھىسىزكى، اﷲ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، اﷲ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (اﷲ قا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر - ئۇنىڭ (يەنى ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ) ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار

ھەقىقەتەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كاپىر بولغان بەدبەختلەر، ئاللاھ بىلەن ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئاللاھقا ئىشىنىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار: پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىشىنىمىز ۋە بەزىسىگە كاپىر بولىمىز دەيدۇ، ئۇلار ئىمان بىلەن كۇپىرنىڭ ئارىسىدا بىر يول تۇتۇشنى مەقسەت قېلىدۇ ۋە بۇ يول ئۆزلىرىنى قۇتقۇزىدۇ دەپ ئويلايدۇ

An-Nisaa 4:150Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.