ٱلَّذِينَ يَتَرَبَّصُونَ بِكُمْ فَإِن كَانَ لَكُمْ فَتْحٌۭ مِّنَ ٱللَّهِ قَالُوٓا۟ أَلَمْ نَكُن مَّعَكُمْ وَإِن كَانَ لِلْكَٰفِرِينَ نَصِيبٌۭ قَالُوٓا۟ أَلَمْ نَسْتَحْوِذْ عَلَيْكُمْ وَنَمْنَعْكُم مِّنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ ۚ فَٱللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ ۗ وَلَن يَجْعَلَ ٱللَّهُ لِلْكَٰفِرِينَ عَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ سَبِيلًا
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر اﷲ نىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كاپىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ بېرىڭلار)» دەيدۇ. ئەگەر كاپىرلار زەپەر تاپسا، ئۇلار (كاپىرلارغا): «بىز سىلەردىن غالىب بولۇپ تۇرۇپ (سىلەرنى ئۆلتۈرمىدۇق) ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى مۆمىنلەردىن ساقلىمىدىقمۇ؟» دەيدۇ. اﷲ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا (ھەققانىي) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، اﷲ كاپىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ
سىلەرگە ياخشىلىق كېلەرمۇ ياكى يامانلىقمۇ؟ دەپ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلار بار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ بىرەر نۇسرىتى كېلىپ، غەنىمەت ئالساڭلار، ئۇلار غەنىمەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە سىلەرگە: بىزمۇ سىلەر بىلەن بىرگە ئەمەسمىدۇق؟ سىلەر قاتناشقان جەڭگە بىزمۇ قاتناشمىدۇقمۇ؟ دېيىشىدۇ. ئەگەر كاپىرلارنىڭ تەلىيى كېلىپ قالسا، ئۇلارغا: بىزمۇ سىلەرگە ياردەملىشىپ، ھەر تەرەپتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، يېقىندىن ھەمدەمدە بولمىدۇقمۇ؟ سىلەرگە ياردەم بېرىپ، مۇئمىنلەرنى ياردەمسىز قويۇش ئارقىلىق سىلەرنى ئۇلاردىن قوغدىمىدۇقمۇ؟ دېيىشىدۇ. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ھەممىڭلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاندىن مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرىش بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، مۇناپىقلارنى دوزاخنىڭ ئەڭ تېگىگە تاشلاش بىلەن جازالايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلى بىلەن قىيامەت كۈنى ھەرگىز مۇئمىنلەرگە قارشى كاپىرلار ئۈچۈن بىرەر باھانە-سەۋەب قالدۇرمايدۇ. بەلكى ئاخىرقى غەلىبىنى چوقۇم مۇئمىنلەرگە مەنسۇپ قىلىدۇ.