Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 131–140 of 176

131

وَلِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۗ وَلَقَدْ وَصَّيْنَا ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَٰبَ مِن قَبْلِكُمْ وَإِيَّاكُمْ أَنِ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۚ وَإِن تَكْفُرُوا۟ فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَنِيًّا حَمِيدًۭا

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، ئەگەر كاپىر بولساڭلار (كۇفرىڭلار اﷲ قا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲ نىڭ (مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). اﷲ (مەخلۇقاتتىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر

ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارچە نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى يالغۇز ئاللاھقا ئائىتتۇر. ھەقىقەتەن بىز ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ھەمدە چەكلىملىرىدىن يېنىش ھەققىدە كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىي-ناسارالاردىن ۋە سىلەردىن ئەھدى ئالدۇق. ئەگەر سىلەر بۇ ئەھدىنى بۇزساڭلار، پەقەت ئۆزۈڭلارغىلا زىيان سالىسىلەر. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىڭلاردىن بىھاجەتتۇر. چۈنكى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئۇ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، بارچە سۈپەتلىرى ۋە ئىشلىرىغا قارىتا مەدھىيەگە لايىقتۇر.

An-Nisaa 4:131Listen in Qur'an →
132

وَلِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلًا

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا اﷲ يېتەرلىكتۇر

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسىلەر يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئۇ ئىتائەت قىلىنىشقا ھەقىقىي لايىقتۇر. ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەرلىكتۇر.

An-Nisaa 4:132Listen in Qur'an →
133

إِن يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ أَيُّهَا ٱلنَّاسُ وَيَأْتِ بِـَٔاخَرِينَ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ ذَٰلِكَ قَدِيرًۭا

ئى ئىنسانلار! ئەگەر اﷲ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ، اﷲ بۇنىڭغا قادىردۇر

ئەي ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان، ئاسىيلىق قىلمايدىغان سىلەردىن باشقا كىشىلەرنى پەيدا قىلاتتى. ئاللاھ تائالا شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر.

An-Nisaa 4:133Listen in Qur'an →
134

مَّن كَانَ يُرِيدُ ثَوَابَ ٱلدُّنْيَا فَعِندَ ٱللَّهِ ثَوَابُ ٱلدُّنْيَا وَٱلْءَاخِرَةِ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ سَمِيعًۢا بَصِيرًۭا

كىمكى (قىلغان ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ نېمىتىنى تىلەيدىكەن، (ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويغىنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتى اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر (بەندە ئۆز پەرۋەردىگارىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتىنى تىلىسۇن). اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

ئەي ئىنسانلار! ئاراڭلاردىن كىمكى ئۆز ئەمىلى ئارقىلىق پەقەت مۇشۇ دۇنيانىڭ مۇكاپاتىنى كۆزلەيدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ساۋاب-مۇكاپاتلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. شۇڭا ئىككى دۇنيالىقىنى ئاللاھ تائالادىن تىلىسۇن. ئاللاھ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. سىلەرگە چوقۇم شۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

An-Nisaa 4:134Listen in Qur'an →
135

۞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ كُونُوا۟ قَوَّٰمِينَ بِٱلْقِسْطِ شُهَدَآءَ لِلَّهِ وَلَوْ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمْ أَوِ ٱلْوَٰلِدَيْنِ وَٱلْأَقْرَبِينَ ۚ إِن يَكُنْ غَنِيًّا أَوْ فَقِيرًۭا فَٱللَّهُ أَوْلَىٰ بِهِمَا ۖ فَلَا تَتَّبِعُوا۟ ٱلْهَوَىٰٓ أَن تَعْدِلُوا۟ ۚ وَإِن تَلْوُۥٓا۟ أَوْ تُعْرِضُوا۟ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًۭا

ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا - ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، اﷲ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، مۇنداقتا اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! ھەر قانداق ئەھۋالدا ئادىل بولۇڭلار. ئەگەر ئادالەت ئۆزۈڭلارنىڭ، ئاتا-ئانىلىرىڭلارنىڭ ياكى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىشنى تەقەززا قىلسىمۇ، يەنىلا ھەر قانداق كىشىگە قارىتا ھەققانىي گۇۋاھلىق بېرىڭلار. بىراۋنىڭ نامراتلىقى ياكى بايلىقى سىلەرنىڭ تېگىشلىك بولمىغان گۇۋاھلىقنى بېرىشىڭلارغا ياكى تېگىشلىك بولغان گۇۋاھلىقنى بەرمەسلىكىڭلارغا سەۋەب بوپقالمىسۇن. چۈنكى ئاللاھ نامراتقىمۇ، بايغىمۇ سىلەردىن يېقىنراقتۇر ۋە ئۇلارغا نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ھەقتىن تېيىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە ھاۋاىي-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. ئەگەر سىلەر گۇۋاھلىقنى ئەمەلىي ھالىتىدىن ئۆزگەرتىپ بەرسەڭلار ياكى گۇۋاھلىق بېرىشتىن قاچساڭلار، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.

An-Nisaa 4:135Listen in Qur'an →
136

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ ءَامِنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَٱلْكِتَٰبِ ٱلَّذِى نَزَّلَ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ وَٱلْكِتَٰبِ ٱلَّذِىٓ أَنزَلَ مِن قَبْلُ ۚ وَمَن يَكْفُرْ بِٱللَّهِ وَمَلَٰٓئِكَتِهِۦ وَكُتُبِهِۦ وَرُسُلِهِۦ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَٰلًۢا بَعِيدًا

ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە اﷲ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى اﷲ نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى اﷲ نى، اﷲ نىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ

ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەمدە ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان قۇرئان كەرىمگە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان كىتابلارغا بولغان ئىمانىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. كىمكى ئاللاھقا، پەرىشىتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە قىيامەت كۈنىگە كاپىر بولىدىكەن، ھەقىقەتەن توغرا يولدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ.

An-Nisaa 4:136Listen in Qur'an →
137

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ثُمَّ كَفَرُوا۟ ثُمَّ ءَامَنُوا۟ ثُمَّ كَفَرُوا۟ ثُمَّ ٱزْدَادُوا۟ كُفْرًۭا لَّمْ يَكُنِ ٱللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ سَبِيلًۢا

ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن كۇفرىدا ئەزۋەيلىگەن (يەنى شۇ كۇفرى بىلەن ئۆلگەن) كىشىلەرنى اﷲ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا (يەنى جەننەتكە) يېتەكلىمەيدۇ

شەكسىزكى ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن تەكرار كۇپرىلىق سادىر قىلغانلار، يەنى ئىمان ئېيتىپ دىنغا كىرگەندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالغانلار، ئاندىن كېيىن قايتا دىنغا كىرىپ، يەنە دىندىن يېنىۋالغان ۋە كۇپرىدا چىڭ تۇرۇپ، شۇ پېتى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ ھەمدە ئاللاھ تەرەپكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولغىمۇ مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.

An-Nisaa 4:137Listen in Qur'an →
138

بَشِّرِ ٱلْمُنَٰفِقِينَ بِأَنَّ لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا

(ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلارغا بېشارەت بەرگىنكى، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

ئەي پەيغەمبەر! قارىماققا ئىمان ئېيتقاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە دىللىرىدا كۇپرىنى يوشۇرىدىغان مۇناپىقلارغا قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دەرتلىك ئازاب بارلىقىدىن بېشارەت بەرگىن.

An-Nisaa 4:138Listen in Qur'an →
139

ٱلَّذِينَ يَتَّخِذُونَ ٱلْكَٰفِرِينَ أَوْلِيَآءَ مِن دُونِ ٱلْمُؤْمِنِينَ ۚ أَيَبْتَغُونَ عِندَهُمُ ٱلْعِزَّةَ فَإِنَّ ٱلْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًۭا

ئۇلار مۆمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنى دوست تۇتىدۇ، ئۇلار كاپىرلارنىڭ قېشىدىن ئىززەت ۋە قۇدرەت تەلەپ قىلامدۇ؟ (يەنى كۇففارلارنى دوستلۇقىدىن ئىززەت ۋە غەلىبە تىلەمدۇ؟) ئىززەت ۋە قۇدرەتنىڭ ھەممىسى اﷲ قا خاستۇر

ئۇلارغا بۇنداق ئازاب تەييارلىنىشى شۇ سەۋەبتىندۇركى، ئۇلار مۇئمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى ياردەمچى ۋە مەدەتكار قىلىۋالدى. ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى سىرداش قىلىۋالغانلىقلىرى تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىك. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىلىك بولۇشلىرىغا ۋەسىلە بولۇشى ئۈچۈن كاپىرلاردىن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە نوپۇز كۈتەمدۇ؟ شەكسىزكى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە نوپۇزنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.

An-Nisaa 4:139Listen in Qur'an →
140

وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِى ٱلْكِتَٰبِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ يُكْفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلَا تَقْعُدُوا۟ مَعَهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا۟ فِى حَدِيثٍ غَيْرِهِۦٓ ۚ إِنَّكُمْ إِذًۭا مِّثْلُهُمْ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ جَامِعُ ٱلْمُنَٰفِقِينَ وَٱلْكَٰفِرِينَ فِى جَهَنَّمَ جَمِيعًا

اﷲ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، اﷲ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ

ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرگە قۇرئان كەرىمدە شۇنداق نازىل قىلدىكى، ئەگەر سىلەر بىرەر سورۇندا بولۇپ، ئۇ سورۇندا قانداقتۇر بىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلىقىنى ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالساڭلار، تاكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى تاشلاپ، ئۇلارنىڭ سورۇندىن ئايرىلىشىڭلار لازىم. ناۋادا ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغان ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلغان ھالەتتىمۇ، ئۇلارنىڭ مەسخىرىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ يەنە شۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولساڭلار، سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىشتا شۇلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىسىلەر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئاللاھقا قانداق ئاسىي بولغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇلارغا ھەمسۆھبەت بولۇش ئارقىلىق ئاسىي بولدۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا قارىماققا مۇسۇلمان بولغاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە كۇپرىنى يوشۇرىدىغان مۇناپىقلارنى قىيامەت كۈنى جەھەننەمنىڭ ئوتىدا كاپىرلار بىلەن بىر يەرگە توپلايدۇ.

An-Nisaa 4:140Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.