وَلِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۗ وَلَقَدْ وَصَّيْنَا ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَٰبَ مِن قَبْلِكُمْ وَإِيَّاكُمْ أَنِ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۚ وَإِن تَكْفُرُوا۟ فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَنِيًّا حَمِيدًۭا
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، ئەگەر كاپىر بولساڭلار (كۇفرىڭلار اﷲ قا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲ نىڭ (مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). اﷲ (مەخلۇقاتتىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارچە نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى يالغۇز ئاللاھقا ئائىتتۇر. ھەقىقەتەن بىز ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ھەمدە چەكلىملىرىدىن يېنىش ھەققىدە كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىي-ناسارالاردىن ۋە سىلەردىن ئەھدى ئالدۇق. ئەگەر سىلەر بۇ ئەھدىنى بۇزساڭلار، پەقەت ئۆزۈڭلارغىلا زىيان سالىسىلەر. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىڭلاردىن بىھاجەتتۇر. چۈنكى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئۇ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، بارچە سۈپەتلىرى ۋە ئىشلىرىغا قارىتا مەدھىيەگە لايىقتۇر.