Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 111–120 of 176

111

وَمَن يَكْسِبْ إِثْمًۭا فَإِنَّمَا يَكْسِبُهُۥ عَلَىٰ نَفْسِهِۦ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًۭا

كىمكى (قەستەن) بىرەر گۇناھ قىلسا، ئۇنى ئۆزىنىڭ زىيىنىغا قىلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ۋابالىنى ئۆزى تارتىدۇ). اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

كىمكى مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، بىرەر گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، شەكسىزكى ئۇنىڭ جازاسى پەقەت شۇ كىشىگىلا بېرىلىدۇ، باشقىلار ئۇنىڭغا چېتىلىپ قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، پىلانلىشى ۋە قانۇن يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.

An-Nisaa 4:111Listen in Qur'an →
112

وَمَن يَكْسِبْ خَطِيٓـَٔةً أَوْ إِثْمًۭا ثُمَّ يَرْمِ بِهِۦ بَرِيٓـًۭٔا فَقَدِ ٱحْتَمَلَ بُهْتَٰنًۭا وَإِثْمًۭا مُّبِينًۭا

كىمكى بىر كىچىك گۇناھ ياكى بىر چوڭ گۇناھ قىلىپ قويۇپ، ئۇنى بىگۇناھ ئادەمگە چاپلىسا، ئۇ شۇ بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق بىر گۇناھنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان بولىدۇ

كىمكى مەقسەتسىز ياكى مەقسەتلىك ھالدا بىرەر خاتالىق ياكى گۇناھ سادىر قىلىپ، ئاندىن ئاشۇ گۇناھ بىلەن پاك كىشىلەرنى قارىلىغان بولسا، ئۇ مۇشۇ قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئېغىر دەرىجىدە يالغانچىلىق ۋە ئوپئوچۇق گۇناھنى يۈدۈۋالغان بولىدۇ.

An-Nisaa 4:112Listen in Qur'an →
113

وَلَوْلَا فَضْلُ ٱللَّهِ عَلَيْكَ وَرَحْمَتُهُۥ لَهَمَّت طَّآئِفَةٌۭ مِّنْهُمْ أَن يُضِلُّوكَ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمْ ۖ وَمَا يَضُرُّونَكَ مِن شَىْءٍۢ ۚ وَأَنزَلَ ٱللَّهُ عَلَيْكَ ٱلْكِتَٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَعَلَّمَكَ مَا لَمْ تَكُن تَعْلَمُ ۚ وَكَانَ فَضْلُ ٱللَّهِ عَلَيْكَ عَظِيمًۭا

(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ساڭا اﷲ نىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم چوقۇم سېنى ئازدۇرۇشنى قەستلەيتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى ئازدۇرىدۇ، ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. اﷲ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە غەيب ئىشلارنى) بىلدۈردى. اﷲ نىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا سېنى ئۆز پاناھىغا ئېلىش ئارقىلىق مەرھەمەت قىلمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلىدىغان ئاشۇلاردىن بىر ئوچۇم كىشىلەر سېنى توغرىدىن ئازدۇرۇۋېتىشكە بەل باغلىغان بولاتتى، ئۇ چاغدا سەن ئادالەتسىز ھۆكۈم قىلغان بولاتتىڭ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئازدۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ جازاسى ئۆزلىرىگە يانىدۇ. ئاللاھ تائالا ساڭا قۇرئاننى ۋە سۈننەتنى نازىل قىلدى، ساڭا ھىدايەت ۋە نۇردىن سەن ئىلگىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. ئاللاھنىڭ ساڭا پەيغەمبەرلىكنى بېرىش ۋە باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلاش ئارقىلىق قىلغان ئىلتىپاتى تولىمۇ كاتتىدۇر.

An-Nisaa 4:113Listen in Qur'an →
114

۞ لَّا خَيْرَ فِى كَثِيرٍۢ مِّن نَّجْوَىٰهُمْ إِلَّا مَنْ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوْ مَعْرُوفٍ أَوْ إِصْلَٰحٍۭ بَيْنَ ٱلنَّاسِ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ ٱبْتِغَآءَ مَرْضَاتِ ٱللَّهِ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًۭا

ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز

كىشىلەر يوشۇرۇن قىلىشقان سۆھبەتلەرنىڭ تولىسىدا ياخشىلىق ۋە مەنپەئەت يوق، لېكىن ئۇلارنىڭ سەدىقىگە ياكى شەرىئەت ئېلىپ كەلگەن ھەمدە ئەقىلمۇ قوبۇل قىلغان بىرەر ياخشى ئىشقا بۇيرۇش ياكى ماجىرالىشىپ قالغان ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇپ قويۇشقا دەۋەت قىلىش ھەققىدىكى سۆزلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. كىمكى بۇ ئىشلارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلىدىكەن، بىز چوقۇم ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب-مۇكاپات بېرىمىز.

An-Nisaa 4:114Listen in Qur'an →
115

وَمَن يُشَاقِقِ ٱلرَّسُولَ مِنۢ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ ٱلْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ ٱلْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِۦ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِۦ جَهَنَّمَ ۖ وَسَآءَتْ مَصِيرًا

كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!

كىمكى ئۆزىگە ھەقىقەت ئوچۇق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرگە بويۇنتاۋلىق قىلىپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە قارشى چىقىپ، مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يولغا ماڭىدىكەن، بىز ئۇنى ئۆز مەيلىگە تاشلاپ قويىمىز، ھەقتىن قەستەن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ھەقكە مۇۋەپپەق قىلمايمىز ھەمدە ئۇنى ھارارېتى قاتتىق ئەلەم بېرىدىغان جەھەننەمنىڭ ئوتىغا كىرگۈزىمىز. جەھەننەم كىرگەنلەرگە نېمىدېگەن يامان جاي!

An-Nisaa 4:115Listen in Qur'an →
116

إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِۦ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَآءُ ۚ وَمَن يُشْرِكْ بِٱللَّهِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَٰلًۢا بَعِيدًا

اﷲ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى (يەنى مۇشرىكلىك گۇناھىنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقىنى (اﷲ ئۆزى) خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ

شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈش گۇناھىنى كەچۈرمەيدۇ، ئەكسىچە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرۇلىدۇ. ئاللاھ پەزلى-مەرھەمىتى بىلەن ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ شېرىكتىن تۆۋەن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا قانداقتۇر بىرىنى شېرىك قىلىدىكەن، ھەقتىن ئادىشىپ، ئۇنىڭدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ياراتقۇچى بىلەن يارالغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئوخشاش قىلغان بولىدۇ.

An-Nisaa 4:116Listen in Qur'an →
117

إِن يَدْعُونَ مِن دُونِهِۦٓ إِلَّآ إِنَٰثًۭا وَإِن يَدْعُونَ إِلَّا شَيْطَٰنًۭا مَّرِيدًۭا

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) اﷲ نى قويۇپ، پەقەت (ئۆزلىرى) چىشى (ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت اﷲ نىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ

بۇ مۇشرىكلار ئاللاھقا، چىشى جىنسنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان، قىلچە پايدا-زىيىنىمۇ يوق لات ۋە ئۇززاغا ئوخشاش بۇتلارنىمۇ قوشۇپ چوقۇنىدۇ ۋە دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان، قىلچە ياخشىلىق بولمىغان شەيتانغا چوقۇنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇغىنى ئاشۇ شەيتاندۇر.

An-Nisaa 4:117Listen in Qur'an →
118

لَّعَنَهُ ٱللَّهُ ۘ وَقَالَ لَأَتَّخِذَنَّ مِنْ عِبَادِكَ نَصِيبًۭا مَّفْرُوضًۭا

اﷲ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن

ئاشۇ سەۋەبتىن ئاللاھ شەيتاننى ئۆز رەھمىتىدىن قوغلىدى. بۇ شەيتان قەسەم قىلىپ تۇرۇپ پەرۋەردىگارىغا: بەندىلىرىڭ ئىچىدىن مەلۇم كىشىلەرنى ھەقىقەتتىن ئازدۇرۇۋېتىمەن دېدى.

An-Nisaa 4:118Listen in Qur'an →
119

وَلَأُضِلَّنَّهُمْ وَلَأُمَنِّيَنَّهُمْ وَلَءَامُرَنَّهُمْ فَلَيُبَتِّكُنَّ ءَاذَانَ ٱلْأَنْعَٰمِ وَلَءَامُرَنَّهُمْ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلْقَ ٱللَّهِ ۚ وَمَن يَتَّخِذِ ٱلشَّيْطَٰنَ وَلِيًّۭا مِّن دُونِ ٱللَّهِ فَقَدْ خَسِرَ خُسْرَانًۭا مُّبِينًۭا

شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم چاھار پايلارنىڭ (بۇتلارغا نەزەر قىلىپ بەلگە ئۈچۈن) قۇلاقلىرىنى يېرىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش، ئۇلارغا مەڭ ئويدۇرۇشقا ئوخشاش) ئىشلارغا بۇيرۇيمەن». كىمكى اﷲ نى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ

ئۇلارنى سېنىڭ توغرا يولۇڭدىن توسىمەن، ئۇلارغا ئازغۇنلۇقنى چىرايلىق كۆرسىتىدىغان يالغان ۋەدىلەر بىلەن ئۈمىدلەندۈرىمەن، ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىش ئۈچۈن چاھارىپايلارنىڭ قۇلاقلىرىنى كېسىشكە، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ۋە ئەسلى ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن. كىمكى شەيتاننى دوست تۇتۇپ، ئۇنىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، قوغلاندى شەيتاننى دوست تۇتقانلىقى تۈپەيلىدىن ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ.

An-Nisaa 4:119Listen in Qur'an →
120

يَعِدُهُمْ وَيُمَنِّيهِمْ ۖ وَمَا يَعِدُهُمُ ٱلشَّيْطَٰنُ إِلَّا غُرُورًا

شەيتان ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى خام خىيالغا سالىدۇ (يەنى ئەمەلدە ئىشقا ئاشمايدىغان ئارزۇلارنى كۆڭلىگە سالىدۇ)، شەيتان ئۇلارغا پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىدۇ

شەيتان ئۇلارغا يالغان ۋەدىلەرنى بېرىدۇ، ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىياللارغا چۈمدۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە شەيتان ئۇلارغا ئاساسسىز، يالغان-ياۋىداقلارنى ۋەدە قىلىدۇ.

An-Nisaa 4:120Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.