Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 11–20 of 176

11

يُوصِيكُمُ ٱللَّهُ فِىٓ أَوْلَٰدِكُمْ ۖ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ ٱلْأُنثَيَيْنِ ۚ فَإِن كُنَّ نِسَآءًۭ فَوْقَ ٱثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ ۖ وَإِن كَانَتْ وَٰحِدَةًۭ فَلَهَا ٱلنِّصْفُ ۚ وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَٰحِدٍۢ مِّنْهُمَا ٱلسُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِن كَانَ لَهُۥ وَلَدٌۭ ۚ فَإِن لَّمْ يَكُن لَّهُۥ وَلَدٌۭ وَوَرِثَهُۥٓ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ ٱلثُّلُثُ ۚ فَإِن كَانَ لَهُۥٓ إِخْوَةٌۭ فَلِأُمِّهِ ٱلسُّدُسُ ۚ مِنۢ بَعْدِ وَصِيَّةٍۢ يُوصِى بِهَآ أَوْ دَيْنٍ ۗ ءَابَآؤُكُمْ وَأَبْنَآؤُكُمْ لَا تَدْرُونَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ لَكُمْ نَفْعًۭا ۚ فَرِيضَةًۭ مِّنَ ٱللَّهِ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًۭا

اﷲ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى (ئىككى ياكى) ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىز بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ). ئەگەر مېيىتنىڭ (ئاتا - ئانىسىدىن باشقا يەنە) قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ). (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا - ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن (يەنى بۇ ئىككىسىدىن) قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار اﷲ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئاللاھ سىلەردىن ۋەدە ئالىدۇ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ مىراسى توغرىسىدا شۇنىڭغا بۇيرۇيدۇ: شۈبھىسىزكى مىراس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ نېسىۋىسى بېرىلىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ ئوغلى يوق قىزلىرى بولۇپ قالسا، قىزلىرى ئىككى ياكى ئىككىدىن كۆپ بولسا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئالىدۇ، ئەگەر بىرلا قىزى بولسا مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتى بولۇپ قالسا ئاتا-ئانىسى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ، ئەگەر پەرزەنتى يوق ۋە ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ۋارىسى بولمىسا، ئانىسى ئۈچتىن بىرىنى، دادىسى مىراسنىڭ قالغىنىنى ئالىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بىر تۇغقان ياكى دادا بىر قېرىنداشلىرى بولسا ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولسۇن ئۇ ۋاقىتتا ئانىسى بەلگىلىمە بويىچە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ، دادىسى يېقىنلىقى بويىچە قالغان ھەممىسىنى ئالىدۇ قېرىنداشلىرىغا بىر نەرسە بېرىلمەيدۇ، مىراستىكى بۇ تەقسىمات مېيىت ۋەسىيەت قىلغان بولسا ئۇنىڭ ۋەسىيىتى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن بولىدۇ، ۋەسىيەت ئومۇمى مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئىشىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ، شۇنداقلا مېيىتنىڭ قەرزى بولسا قەرزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن تەقسىم قېلىنىدۇ، ئاللاھ مىراس تەقسىماتىنى مۇشۇنداق بېكىتتى، چۈنكى سىلەر دۇنيا-ئاخىرەتتە سىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە ئاتا-ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن قايسىسىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، ھەقىقەتەن مېيىت ۋارىسلىرىدىن بىرىنى ياخشى دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا مىراسنىڭ ھەممىسىنى بېرىۋىتىشى مۇمكىن ياكى ئۇنى يامان دەپ ئويلاپ ئۇنى مىراستىن چەكلىۋېتىشى مۇمكىن، بەلكى ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭ ھەممىسىنى ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدىغان ئۇلۇغ ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مىراسنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بويىچە تەقسىم قىلدى، ئۇنى ئۆزى بەندىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن بېكىتتى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ مەنپەتىگە ئالاقىدار بولغان ھېچ نەرسە ئۇنىڭدىن مەخپى قالمايدۇ، ئۆزىنىڭ يولغا قويغان پرىنسىپى ۋە تەدبىرىدە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

12

۞ وَلَكُمْ نِصْفُ مَا تَرَكَ أَزْوَٰجُكُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّهُنَّ وَلَدٌۭ ۚ فَإِن كَانَ لَهُنَّ وَلَدٌۭ فَلَكُمُ ٱلرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْنَ ۚ مِنۢ بَعْدِ وَصِيَّةٍۢ يُوصِينَ بِهَآ أَوْ دَيْنٍۢ ۚ وَلَهُنَّ ٱلرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْتُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّكُمْ وَلَدٌۭ ۚ فَإِن كَانَ لَكُمْ وَلَدٌۭ فَلَهُنَّ ٱلثُّمُنُ مِمَّا تَرَكْتُم ۚ مِّنۢ بَعْدِ وَصِيَّةٍۢ تُوصُونَ بِهَآ أَوْ دَيْنٍۢ ۗ وَإِن كَانَ رَجُلٌۭ يُورَثُ كَلَٰلَةً أَوِ ٱمْرَأَةٌۭ وَلَهُۥٓ أَخٌ أَوْ أُخْتٌۭ فَلِكُلِّ وَٰحِدٍۢ مِّنْهُمَا ٱلسُّدُسُ ۚ فَإِن كَانُوٓا۟ أَكْثَرَ مِن ذَٰلِكَ فَهُمْ شُرَكَآءُ فِى ٱلثُّلُثِ ۚ مِنۢ بَعْدِ وَصِيَّةٍۢ يُوصَىٰ بِهَآ أَوْ دَيْنٍ غَيْرَ مُضَآرٍّۢ ۚ وَصِيَّةًۭ مِّنَ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَلِيمٌۭ

ئەگەر ئاياللىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بولمىسا، بۇ چاغدا ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى (ئى ئەرلەر!) سىلەرگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا، ئۇلارغا قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى سىلەرگە تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى مېيىتنىڭ قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىسا، بۇ چاغدا ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، بۇ چاغدا ئايالىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراستىن سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچى ئاتا - ئانىسىز، بالىسىز ئەر ياكى ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئانا بىر قېرىندىشى ۋە ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ (يەنى مىراس قالدۇرغۇچى مېيىتنىڭ ئانا بىر، ئاتا باشقا) قېرىنداشلىرى ۋە ھەمشىرىلىرى بۇنىڭدىن (يەنى بىردىن) كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق تەقسىم قىلىنىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. (مىراس قالدۇرغۇچى ئادەمنىڭ) ۋەسىيىتى ۋارىسلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئۇ اﷲ تەرىپىدىن قىلىنغان تەۋسىيىدۇر، اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)

ئى ئەرلەر! سىلەر ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئۇلارنىڭ سىلەردىن ياكى سىلەردىن بۇرۇنقى ئەرلىرىدىن ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن پەرزەنتى بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن پەرزەنتى بولۇپ قالسا سىلەرگە ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى تېگىدۇ، بۇ تەقسىمات ئۇلارنىڭ ۋەسىيىتى ئىجرا قىلىنغاندىن ۋە قەرزلىرى بولسا ئادا قىلىنغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئاياللىرىڭلار ئۈچۈن سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى تېگىدۇ، بۇنىڭ شەرتى سىلەرنىڭ ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن بۇ ئايالدىن بولسۇن ياكى باشقا ئايالدىن بولسۇن پەرزەنتىڭلار بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر پەرزەنتىڭلار بولۇپ قالسا قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۇلارغا مىراسنىڭ سەككىزدىن بىر قىسمى تېگىدۇ، بۇ تەقسىمات سىلەرنىڭ ۋەسىيەتلىرىڭلار ئىجرا قىلىنغاندىن ۋە قەرزلىرىڭلار ئادا قىلىنغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئەگەر بىر ئەر كىشى ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ مىراس ئالىدىغان دادىسى ياكى بالىسى بولمىسا، شۇنىڭدەك بىر ئايال ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ مىراس ئالىدىغان دادىسى ياكى بالىسى بولمىسا، مېيىتنىڭ ئانا بىر قېرىندىشى ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئانا بىر قېرىندىشى ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسى ئۈچۈن مىراستىن بەلگىلىمە بويىچە ھەر بىرىگە ئالتىدىن بىر قىسمى تېگىدۇ، ئەگەر ئانا بىر قېرىندىشى ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسى بىردىن كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىمە بويىچە مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىگە شېرىك بولىدۇ، بۇنىڭدا ئەر-ئاياللار باراۋەر بولىدۇ، ئۇلار مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئىجرا قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ قەرزى ئادا قىلىنغاندىن كېيىن مىراستىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ، مېيىتنىڭ قىلغان ۋەسىيىتى ۋارىسلارغا زەرەر يەتكۈزمەسلىك ۋە ئومۇمى مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئايەت ئۆز ئېچىگە ئالغان بۇ ھۆكۈم ئاللاھدىن سىلەرگە بولغان ۋەدە بولۇپ ئۇنى سىلەرگە پەرز قىلدى. ئاللاھ دۇنيا-ئاخىرەتتە بەندىلىرىگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، كەڭ قورساق بولۇپ ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشقا ئالدىرمايدۇ.

13

تِلْكَ حُدُودُ ٱللَّهِ ۚ وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ يُدْخِلْهُ جَنَّٰتٍۢ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ

ئەنە شۇلار (يەنى اﷲ بەندىلىرىنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن يۇقىرىدىكى ئەھكاملار) اﷲ نىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، اﷲ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر

ئاشۇ يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان يېتىملەر توغرىسىدىكى ۋە باشقا مىراس ئەھكاملىرى ئاللاھنىڭ پرىنسىپى بولۇپ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بۇنى يولغا قويدى، كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىقتا سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە نائىل قىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ مۇكاپىتى بولۇپ، ئۇ ھېچ قانداق ئۇتۇق باراۋەر بولالمايدىغان تەڭداشسىز كاتتا نىجاتلىقتۇر.

14

وَمَن يَعْصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَيَتَعَدَّ حُدُودَهُۥ يُدْخِلْهُ نَارًا خَٰلِدًۭا فِيهَا وَلَهُۥ عَذَابٌۭ مُّهِينٌۭ

كىمكى اﷲ قا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، اﷲ نىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، اﷲ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ

كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىكار قىلىش ۋە ئەمەل قىلىشنى بىكار قىلىش ياكى ئۇنىڭدا شەكلىنىش بىلەن ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنىڭ سىرتىغا چەتنىگەن بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ كىشى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇ كىشىگە دوزاختا خارلىغۇچى ئازاب بار.

15

وَٱلَّٰتِى يَأْتِينَ ٱلْفَٰحِشَةَ مِن نِّسَآئِكُمْ فَٱسْتَشْهِدُوا۟ عَلَيْهِنَّ أَرْبَعَةًۭ مِّنكُمْ ۖ فَإِن شَهِدُوا۟ فَأَمْسِكُوهُنَّ فِى ٱلْبُيُوتِ حَتَّىٰ يَتَوَفَّىٰهُنَّ ٱلْمَوْتُ أَوْ يَجْعَلَ ٱللَّهُ لَهُنَّ سَبِيلًۭا

ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە قىلغانلارنى (ئىسپاتلاش ئۈچۈن) ئاراڭلاردىن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈڭلار؛ ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە (يەنى ئۇلار گۇۋاھلىق بېرىپ ئايالنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلىسا)، تاكى ئاياللىرىڭلار ۋاپات بولغانغا ياكى اﷲ ئۇلارغا بىر چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئۆيدە تۇتۇڭلار

ئاياللىرىڭلاردىن نىكاھلانغان ياكى نىكاھلانمىغان بولسۇن زىنا-پاھىشە قىلغان بولسا، ئادىل مۇسۇلمان ئەرلەردىن تۆت كىشىنى ئۇلارغا شاھىت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ پاھىشە قىلغانلىقىغا شاھىت بولسا، ئۇلارنى جازالاپ ئۆلگەنگە قەدەر ئۆيگە قاماپ قويۇڭلار، ياكى ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن ئۆيگە قاماشتىن باشقا بىر يول كۆرسۈتۈپ بىرەر، ئاندىن ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن ئۆيگە قاماشتىن باشقا بىر يولنى بايان قىلىپ بەردى. يەنى زىنا قىلغۇچى ئايال توي قىلمىغان قىز بولسا يۈز قامچا ئۇرۇپ بىر يىل باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلىش، توي قىلغان بولسا چالما-كېسەك قىلىشتىن ئىبارەت ھۆكۈمنى يولغا قويدى.

16

وَٱلَّذَانِ يَأْتِيَٰنِهَا مِنكُمْ فَـَٔاذُوهُمَا ۖ فَإِن تَابَا وَأَصْلَحَا فَأَعْرِضُوا۟ عَنْهُمَآ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ تَوَّابًۭا رَّحِيمًا

ئاراڭلاردا ئىككى كىشى (يەنى ئەر بىلەن ئايال) پاھىشە قىلسا، ئۇلارنى ئەيىبلەڭلار؛ ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ تۈزەلسە، ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار، اﷲ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر

ئاراڭلاردا ئەرلەردىن ئىككى كىشى زىنا-پاھىشە قىلغان بولسا، ئۇلار توي قىلغان بولسۇن ياكى توي قىلمىغان بولسۇن، تىللىرىڭلار ۋە قوللىرىڭلار بىلەن ئۇلارنى ئاھانەت قىلىش ۋە چەكلەش بىلەن ئەيىبلەڭلار، ئەگەر ئۇلار خاتالىقتىن قول ئۈزۈپ قىلمىشىنى ئىسلاھ قىلسا، ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەڭلار، چۈنكى گۇناھىدىن تەۋبە قىلغۇچى گۇناھ قىلمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا بەك مېھرىباندۇر، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە مۇشۇ بىرقانچە تۈرلۈك جازالاش بىلەن كۇپايە قىلغان، كېيىن توي قىلمىغان قىزنى قامچا ئۇرۇپ سۈرگۈن قىلىش ۋە توي قىلغان ئايالنى چالما-كېسەك قىلىش دېگەن ھۆكۈم بىلەن دەسلەپكى ھۆكۈم ئەمەلدىن قالغان.

17

إِنَّمَا ٱلتَّوْبَةُ عَلَى ٱللَّهِ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ ٱلسُّوٓءَ بِجَهَٰلَةٍۢ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِن قَرِيبٍۢ فَأُو۟لَٰٓئِكَ يَتُوبُ ٱللَّهُ عَلَيْهِمْ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًۭا

اﷲ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ اﷲ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، اﷲ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ھەقىقەتتە ئاللاھ قوبۇل قىلىدىغان تەۋبە بولسا: بىلمەسلىكتىن گۇناھ-مەسىيەت قىلىپ، ئۇنىڭ جازاسى ۋە ئاقىبىتىنى بىلمىگەن، بۇ گۇناھنى قەستەن قىلغان بولسۇن ياكى قەستەن قىلمىغان بولسۇن ئوخشاش، ئاندىن ئۆلۈم كىلىشتىن بۇرۇن ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ تەرىپىگە قايىتقۇچى كىشىنىڭ تەۋبىسىدۇر. ئاللاھ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى ئۆتىۋېتىدۇ، ئاللاھ ئۆز خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

18

وَلَيْسَتِ ٱلتَّوْبَةُ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ حَتَّىٰٓ إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ ٱلْمَوْتُ قَالَ إِنِّى تُبْتُ ٱلْـَٰٔنَ وَلَا ٱلَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمْ كُفَّارٌ ۚ أُو۟لَٰٓئِكَ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًۭا

داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق

ئاللاھ تائالا داۋاملىق گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرغان، جان ھەلقۇمغا كەلمىگۈچە گۇناھىغا تەۋبە قىلمىغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، جان ھەلقۇمغا يەتكەندە، ئۇلارنىڭ بىرى: مەن ئىلگىرىكى بارلىق خاتالىقلىرىم ئۈچۈن تەۋبە قىلدىم دەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ كۇپىرلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كاپىر ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ تەۋبىسىنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇلار گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرغۇچى ئاسىيلار بولۇپ، كۇپىر ھالەتتە ئۆلىدۇ، ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب تەييارلىدۇق.

19

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا يَحِلُّ لَكُمْ أَن تَرِثُوا۟ ٱلنِّسَآءَ كَرْهًۭا ۖ وَلَا تَعْضُلُوهُنَّ لِتَذْهَبُوا۟ بِبَعْضِ مَآ ءَاتَيْتُمُوهُنَّ إِلَّآ أَن يَأْتِينَ بِفَٰحِشَةٍۢ مُّبَيِّنَةٍۢ ۚ وَعَاشِرُوهُنَّ بِٱلْمَعْرُوفِ ۚ فَإِن كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰٓ أَن تَكْرَهُوا۟ شَيْـًۭٔا وَيَجْعَلَ ٱللَّهُ فِيهِ خَيْرًۭا كَثِيرًۭا

ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشىنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا اﷲ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن

ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاتىلىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى مىراس ئالغاندەك ئاياللىرىنى مىراس ئېلىشىڭلار، ئۇلار بىلەن توي قىلىش ياكى ئەرگە بېرىش ياكى توي قىلىشتىن چەكلەش قاتارلىق تەسەررۇپاتلارنى قىلىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئاياللىرىڭلارنى ئۇلارغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ھەتتا ئۇلار سىلەر بەرگەن تويلۇق مېھرىدىن ياكى باشقا ماللاردىن مەلۇم مىقدار سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەمرىڭلاردا تۇتۇپ تۇرىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئۇلار زىناغا ئوخشاش ئوچۇق-ئاشكارا پاھىشە قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا سىلەرگە ئۇ ئاياللارنى تۇتۇپ تۇرۇش، سىلەر بەرگەن تويلۇق مېھرىدىن مەلۇم بىر نەرسە بەرگەنگە قەدەر سىقىشىڭلار توغرا بولىدۇ، ئاياللىرىڭلار بىلەن ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەستىن ياخشىلىق قىلىڭلار چېرايلىق ياشاڭلار، ئۇلارنىڭ دۇنيالىق بىرەر ئىشىنى ياقتۇرمىساڭلار ئۇنىڭغا سەۋىر قىلىڭلار، چوقۇم ئاللاھ تائالا سىلەر ياقتۇرمىغان ئىشتا سىلەر ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە كۆپ ياخشىلىق قىلىدۇ.

20

وَإِنْ أَرَدتُّمُ ٱسْتِبْدَالَ زَوْجٍۢ مَّكَانَ زَوْجٍۢ وَءَاتَيْتُمْ إِحْدَىٰهُنَّ قِنطَارًۭا فَلَا تَأْخُذُوا۟ مِنْهُ شَيْـًٔا ۚ أَتَأْخُذُونَهُۥ بُهْتَٰنًۭا وَإِثْمًۭا مُّبِينًۭا

ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار، ئۇلارنىڭ بىرىگە (مەھرى قىلىپ) كۆپ مال بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۇۋالماڭلار. ئۇنى (ئايالغا) قارا چاپلاپ ۋە ئوچۇق زۇلۇم قىلىپ ئالامسىلەر؟

ئى ئەرلەر! ئەگەر سىلەر بىر خوتۇننى قويىۋېتىپ ئورنىغا يەنە بىر خوتۇن ئالماقچى بولساڭلار، بۇنىڭدا سىلەرگە گۇناھ يوق، ئەگەر سىلەر كەسكىن ئايرىلماقچى بولغان ئايالغا تويلۇق مېھرى ئۈچۈن كۆپ مال-دۇنيا بەرگەن بولساڭلارمۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى ئېلىۋېلىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، ئەگەر مەقسىتىڭلار ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىدىن بىر نەرسە ئىلىۋېلىش بولسا، بۇ ئوچۇق بۆھتان ۋە روشەن گۇناھدۇر.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.