Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 101–110 of 176

101

وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِى ٱلْأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَقْصُرُوا۟ مِنَ ٱلصَّلَوٰةِ إِنْ خِفْتُمْ أَن يَفْتِنَكُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ ۚ إِنَّ ٱلْكَٰفِرِينَ كَانُوا۟ لَكُمْ عَدُوًّۭا مُّبِينًۭا

سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر (ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ)

سىلەر زېمىندا سەپەر قىلغاندا كاپىرلاردىن ئەزىيەت يېتىپ قىلىشتىن ئەنسىرىسەڭلار، تۆت رەكئەتلىك نامازنى ئىككى رەكئەتكە قەسىر قىلىپ ئوقۇساڭلار گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى كاپىرلارنىڭ سىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكى ئاشكارىدۇر، سەپەردە تىنچ-خاتىرجەم بولغاندىمۇ نامازنى قەسىر قىلىش سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغاندۇر.

An-Nisaa 4:101Listen in Qur'an →
102

وَإِذَا كُنتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ ٱلصَّلَوٰةَ فَلْتَقُمْ طَآئِفَةٌۭ مِّنْهُم مَّعَكَ وَلْيَأْخُذُوٓا۟ أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا۟ فَلْيَكُونُوا۟ مِن وَرَآئِكُمْ وَلْتَأْتِ طَآئِفَةٌ أُخْرَىٰ لَمْ يُصَلُّوا۟ فَلْيُصَلُّوا۟ مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا۟ حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ ۗ وَدَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُم مَّيْلَةًۭ وَٰحِدَةًۭ ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِن كَانَ بِكُمْ أَذًۭى مِّن مَّطَرٍ أَوْ كُنتُم مَّرْضَىٰٓ أَن تَضَعُوٓا۟ أَسْلِحَتَكُمْ ۖ وَخُذُوا۟ حِذْرَكُمْ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ أَعَدَّ لِلْكَٰفِرِينَ عَذَابًۭا مُّهِينًۭا

(ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادقا) بىللە بولۇپ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلىرىدىن) ئېھتىياجلىق بىلەن ھوشيار تۇرسۇن. (دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرۇش يۈزىسىدىن) قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، كاپىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلاردىن، ئەشيالىرىڭلاردىن غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىزدىن) ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەرنىڭ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممەڭلار بىرلا ۋاقىتتا يىغىلىپ ناماز ئوقۇماي، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئوقۇڭلار). ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك ھەرەج بولىدىغان بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن خور قىلغۇچى ئازاب تەييارلىدى

ئەي پەيغەمبەر! دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ۋاقىتتا قوشۇن ئىچىدە ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوشۇننى ئىككى گۇرۇپقا ئايرىپ، ئۇلاردىن بىر گۇرۇپ سەن بىلەن بىرگە نامازغا تۇرسۇن، ئەمما نامازدىمۇ قوراللىرىنى ئېلىۋالسۇن. يەنە بىر گۇرۇپ سىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرسۇن. بىرىنچى گۇرۇپ ئىمام بىلەن بىر رەكئەت نامازنى ئوقۇپ بولغاندا، قالغىنىنى ئۆزلىرى تاماملىسۇن. نامازنى ئوقۇپ بولغاندا كەينىڭلارغا دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۈپ تۇرسۇن ۋە مۇھاپىزەتچىلىكتە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيالمىغان گۇرۇپ كېلىپ، ئىمام بىلەن بىرگە بىر رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن. ئىمام سالام بەرگەندە نامازلىرىدىن قېپقالغىنىنى تولۇقلىۋالسۇن، دۈشمەنلىرىدىن پەخەس بولسۇن، قوراللىرىنىمۇ يانلىرىدا ئېلىۋالسۇن. شەكسىزكى كاپىرلار قوراللىرىڭلاردىن ۋە يۈك-تاقلىرىڭلاردىن بىخۇد قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇبادا ھەممىڭلار بىراقلا نامازغا تۇرساڭلار، ئۇلار سىلەرنى بىخۇد ھالىتىڭلاردا بىر ھۇجۇم بىلەنلا يوقىتىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر يامغۇر سەۋەبىدىن قىينىلىپ قالساڭلار ياكى كېسەل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزرىلىك بوپقالساڭلار، قوراللىرىڭلارنى يېنىڭلاردا قويۇپ، قولۇڭلارغا ئالمىساڭلارمۇ سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. قولۇڭلاردىن كېلىشىچە دۈشمىنىڭلاردىن ھۇشيار بولۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى.

An-Nisaa 4:102Listen in Qur'an →
103

فَإِذَا قَضَيْتُمُ ٱلصَّلَوٰةَ فَٱذْكُرُوا۟ ٱللَّهَ قِيَٰمًۭا وَقُعُودًۭا وَعَلَىٰ جُنُوبِكُمْ ۚ فَإِذَا ٱطْمَأْنَنتُمْ فَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ ۚ إِنَّ ٱلصَّلَوٰةَ كَانَتْ عَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ كِتَٰبًۭا مَّوْقُوتًۭا

نامازدىن فارىغ بولغىنىڭلاردا ئۆرە تۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا اﷲ نى ياد ئېتىڭلار (اﷲ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىشى مۇمكىن). خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى (پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن) مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى

ئەي مۇئمىنلەر! نامازدىن بىكار بولغىنىڭلاردا ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھەر قانداق ھالىتىڭلاردا تەسبىھ ئېيتىش، ھەمدۇسانا ئېيتىش ۋە تەھلىل ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرۇڭلار. ئەنسىزلىك يوقىلىپ، خاتىرجەم بولغان ۋاقتىڭلاردا نامازنى بارلىق ئەركانلىرى، ۋاجىبلىرى ۋە مۇستەھەبلىرى بىلەن ئەسلى بۇيرۇلغىنىڭلار بويىچە تولۇق ئادا قىلىڭلار. شەكسىزكى ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلگەن پەرزدۇر، ئۇنى ھېچبىر ئۆزرىسىز بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن كېچىكتۈرۈش توغرا ئەمەس. بۇ، مۇقىم تۇرغان ھالەتتىكى ھۆكۈمدۇر. ئەمما سەپەر ھالىتىدە نامازلارنى جۇغلاپ ۋە قىسقارتىپ ئوقۇساڭلار بولىدۇ.

An-Nisaa 4:103Listen in Qur'an →
104

وَلَا تَهِنُوا۟ فِى ٱبْتِغَآءِ ٱلْقَوْمِ ۖ إِن تَكُونُوا۟ تَأْلَمُونَ فَإِنَّهُمْ يَأْلَمُونَ كَمَا تَأْلَمُونَ ۖ وَتَرْجُونَ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا يَرْجُونَ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا

دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا سۇسلۇق قىلماڭلار؛ ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى (يەنى شېھىت بولۇشىنى، ساۋابنى ۋە غەلىبىنى) اﷲ تىن ئۈمىد قىلىسىلەر. اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئەي مۇئمىنلەر! كاپىر دۈشمىنىڭلارنى قوغلاشتا بوشاڭلىق، ھۇرۇنلۇق قىلماڭلار. چۈنكى سىلەر ئۆلتۈرۈلۈش ۋە يارىلىنىشتىن بىئارام بولغىنىڭلاردەك، دۈشمىنىڭلارمۇ بىئارام بولىدۇ. سىلەرگە كەلگەن خاپىلىق ئوخشاشلا ئۇلارغىمۇ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ چىدامچانلىقى سىلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن. چۈنكى سىلەر ئاللاھتىن ساۋاب، غەلىبە ۋە ياردەم كۈتىسىلەر، ئەمما ئۇلار ئۇنى كۈتەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يولغا قويغان ھۆكۈملىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.

An-Nisaa 4:104Listen in Qur'an →
105

إِنَّآ أَنزَلْنَآ إِلَيْكَ ٱلْكِتَٰبَ بِٱلْحَقِّ لِتَحْكُمَ بَيْنَ ٱلنَّاسِ بِمَآ أَرَىٰكَ ٱللَّهُ ۚ وَلَا تَكُن لِّلْخَآئِنِينَ خَصِيمًۭا

(ئى مۇھەممەد!) سېنى كىشىلەر ئارىسىدا اﷲ نىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. خائىنلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن

ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى بىز ساڭا ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ئۆز خاھىشىڭ ۋە كۆز-قارىشىڭ بويىچە ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ساڭا ئۆگەتكەن ۋە ئىلھام قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ تامامەن توغرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدۇق. ھەق تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ ئۆزلىرىگە ۋە ئامانەتلەرگە خىيانەت قىلغان خائىنلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن.

An-Nisaa 4:105Listen in Qur'an →
106

وَٱسْتَغْفِرِ ٱللَّهَ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورًۭا رَّحِيمًۭا

اﷲ تىن مەغپىرەت تىلىگىن. اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن ۋە كەچۈرۈم سورىغىن. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر.

An-Nisaa 4:106Listen in Qur'an →
107

وَلَا تُجَٰدِلْ عَنِ ٱلَّذِينَ يَخْتَانُونَ أَنفُسَهُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ خَوَّانًا أَثِيمًۭا

(گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا چۆمگەن كىشىنى اﷲ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ

خىيانەت قىلىدىغان ۋە خىيانىتىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق چەكتىن ئاشىدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. ئاللاھ تائالا بۇنداق خائىن، يالغانچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.

An-Nisaa 4:107Listen in Qur'an →
108

يَسْتَخْفُونَ مِنَ ٱلنَّاسِ وَلَا يَسْتَخْفُونَ مِنَ ٱللَّهِ وَهُوَ مَعَهُمْ إِذْ يُبَيِّتُونَ مَا لَا يَرْضَىٰ مِنَ ٱلْقَوْلِ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطًا

ئۇلار (خىيانەتلىرىنى) ئىنسانلاردىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرىدۇ، اﷲ تىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرمايدۇ؛ ئۇلار اﷲ رازى بولمايدىغان سۆزنى (يەنى بوھتان چاپلاش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە يالغان قەسەمنى) پىلانلىغان چاغدا، اﷲ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتى، سۆزىنى ئاڭلاپ تۇراتتى). ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى اﷲ تامامەن بىلگۈچىدۇر

ئۇلار گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلغان چاغدا قورقۇپ ۋە خىجىل بولۇپ ئىنسانلاردىن يوشۇرۇن قىلىدۇ - يۇ، ئاللاھتىن يوشۇرمايدۇ. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىش ئارقىلىق ھەر دائىم ئۇلار بىلەن بىللىدۇر. ئۇلار گۇناھكارغا چاپان يېپىش، گۇناھسىز كىشىلەرگە تۆھمەت قىلىش دېگەندەك ئاللاھ رازى بولمايدىغان ئىشلارنى مەخپىي پىلانلىغان چاغدا ئۇلاردىن ھېچنەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ مەخپىي ۋە ئاشكارا قىلمىشلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

An-Nisaa 4:108Listen in Qur'an →
109

هَٰٓأَنتُمْ هَٰٓؤُلَآءِ جَٰدَلْتُمْ عَنْهُمْ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا فَمَن يُجَٰدِلُ ٱللَّهَ عَنْهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ أَم مَّن يَكُونُ عَلَيْهِمْ وَكِيلًۭا

سىلەر شۇنداق كىشىلەر سىلەركى، ھاياتىي دۇنيادا ئۇلارنىڭ (يەنى ئوغرى ۋە خائىنلارنىڭ) تەرىپىنى ئالدىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم اﷲ قا قارشى ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ؟ (يەنى اﷲ نىڭ ئازابىنى كىم ئۇلاردىن دەپئى قىلىدۇ؟) ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولىدۇ؟

ئاشۇ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەي ئىنسانلار! سىلەر بۇ دۇنيادا جىنايەتچىلەرنى ئاقلاش ۋە ئۇلارنى جازالىنىشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالدىڭلار. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلىدىغان تۇرسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھقا قارشى كىم ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالالايدۇ؟ ئاشۇ كۈندە كىم ئۇلارغا چاپان ياپالايدۇ؟ شەكسىزكى ھېچكىم ئۇنداق قىلالمايدۇ.

An-Nisaa 4:109Listen in Qur'an →
110

وَمَن يَعْمَلْ سُوٓءًا أَوْ يَظْلِمْ نَفْسَهُۥ ثُمَّ يَسْتَغْفِرِ ٱللَّهَ يَجِدِ ٱللَّهَ غَفُورًۭا رَّحِيمًۭا

كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن اﷲ تىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ اﷲ نىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ

كىمكى بىرەر يامان ئىش قىلىپ ياكى گۇناھلارنى سادىر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولسا، ئاندىن قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ ھەم گۇناھتىن قول ئۈزۈپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئاللاھنىڭ چوقۇم ئۆزىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە ناھايىتى رەھىمدىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.

An-Nisaa 4:110Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.