Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 81–90 of 286

81

بَلَىٰ مَن كَسَبَ سَيِّئَةًۭ وَأَحَٰطَتْ بِهِۦ خَطِيٓـَٔتُهُۥ فَأُو۟لَٰٓئِكَ أَصْحَٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَٰلِدُونَ

ئۇنداق ئەمەس (سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ)، گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ

ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، ھەقىقەتەن ئاللاھ گۇناھ قىلغان ۋە ھەر تەرەپتىن گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەرنى دوزاختا مەڭگۈ قويۇش بىلەن ئازابلايدۇ، ئۇلار ئەبەدى دوزاختا قالىدۇ

Al-Baqara 2:81Listen in Qur'an →
82

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أُو۟لَٰٓئِكَ أَصْحَٰبُ ٱلْجَنَّةِ ۖ هُمْ فِيهَا خَٰلِدُونَ

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئەھلى جەننەتتۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ

ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئىيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەجىر-ساۋابى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ

Al-Baqara 2:82Listen in Qur'an →
83

وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَٰقَ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا ٱللَّهَ وَبِٱلْوَٰلِدَيْنِ إِحْسَانًۭا وَذِى ٱلْقُرْبَىٰ وَٱلْيَتَٰمَىٰ وَٱلْمَسَٰكِينِ وَقُولُوا۟ لِلنَّاسِ حُسْنًۭا وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًۭا مِّنكُمْ وَأَنتُم مُّعْرِضُونَ

ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن اﷲ تىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا - ئانىغا، خىش - ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، ناماز ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق. ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (ئەھدەڭلاردىن) يېنىۋالىسىلەر

ئى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى! سىلەردىن ئېلىنغان تەكىتلەنگەن ۋەدىنى ئەسلەڭلار، ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، ئاتا-ئانىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ھاجەتمەنلەرگە ياخشىلىق قىلىش، كىشىلەرگە چىرايلىق سۆز قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش، كىشىلەرگە قوپاللىق قىلماسلىق، نامازنى بۇيرۇلغان بويىچە تولۇق ئادا قىلىش، زاكاتنى چىن كۆڭلۇڭلاردىن رازى بولۇپ ھەقلىق كىشىلەرگە بېرىشتىن ئىبارەت ئىشلاردا سىلەردىن چىن ۋەدە ئالدۇق. سىلەردىن ئازغىنە كىشىلەردىن باشقىلار بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى

Al-Baqara 2:83Listen in Qur'an →
84

وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَٰقَكُمْ لَا تَسْفِكُونَ دِمَآءَكُمْ وَلَا تُخْرِجُونَ أَنفُسَكُم مِّن دِيَٰرِكُمْ ثُمَّ أَقْرَرْتُمْ وَأَنتُمْ تَشْهَدُونَ

ئۆز ۋاقتىدا بىر - بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر - بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا، سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھسىلەر

ئۆز ۋاقتىدا تەۋراتتا سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر-بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا ئېلىنغان چىن ئەھدىنى ئەسلەڭلار. ئاندىن بىز سىلەردىن ئالغان ئاشۇ چىن ئەھدىنى ئېتىراپ قىلدىڭلار ۋە ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىڭلار

Al-Baqara 2:84Listen in Qur'an →
85

ثُمَّ أَنتُمْ هَٰٓؤُلَآءِ تَقْتُلُونَ أَنفُسَكُمْ وَتُخْرِجُونَ فَرِيقًۭا مِّنكُم مِّن دِيَٰرِهِمْ تَظَٰهَرُونَ عَلَيْهِم بِٱلْإِثْمِ وَٱلْعُدْوَٰنِ وَإِن يَأْتُوكُمْ أُسَٰرَىٰ تُفَٰدُوهُمْ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيْكُمْ إِخْرَاجُهُمْ ۚ أَفَتُؤْمِنُونَ بِبَعْضِ ٱلْكِتَٰبِ وَتَكْفُرُونَ بِبَعْضٍۢ ۚ فَمَا جَزَآءُ مَن يَفْعَلُ ذَٰلِكَ مِنكُمْ إِلَّا خِزْىٌۭ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۖ وَيَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ يُرَدُّونَ إِلَىٰٓ أَشَدِّ ٱلْعَذَابِ ۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ

كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە، فىدىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى (يەنى بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرۈسىلەرۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خارلىققا قېلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. اﷲ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر

كېيىن سىلەر ئەھدىنى بۇزۇپ بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ كەلسە، ئۇلارنى پىديە بېرىپ قۇتقۇزۇشقا تېرىشتىڭلار، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى (يەنى بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرۈسىلەر-يۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر قانداقمۇ ئەسىرلەرگە پىديە بېرىپ قۇتقۇزۇش ۋاجىپ دېگەن ئايەتنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشنىڭ ھاراملىقى ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنىڭ ھاراملىقىدىن ئىبارەت بولغان يەنە بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟. سىلەردىن شۇنداق ئىشنى قىلغان كىشىنىڭ جازاسى دۇنيادا خارلىق ۋە ئېتىبارسىزلىق بولسا، ئاخىرەتتە ئەڭ دەھشەتلىك ئازابقا ئۇچرايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرنى جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ

Al-Baqara 2:85Listen in Qur'an →
86

أُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشْتَرَوُا۟ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا بِٱلْءَاخِرَةِ ۖ فَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ ٱلْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ

ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى بېرىپ، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ

ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى دۇنيا ھاياتىغا ئالماشتۇرغانلار، مەڭگۈ قالىدىغان نەرسىنىڭ بەدىلىگە يوقىلىدىغان نەرسىنى تاللىغانلار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرەتتە ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. قىيامەت كۈنىدە ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ

Al-Baqara 2:86Listen in Qur'an →
87

وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَٰبَ وَقَفَّيْنَا مِنۢ بَعْدِهِۦ بِٱلرُّسُلِ ۖ وَءَاتَيْنَا عِيسَى ٱبْنَ مَرْيَمَ ٱلْبَيِّنَٰتِ وَأَيَّدْنَٰهُ بِرُوحِ ٱلْقُدُسِ ۗ أَفَكُلَّمَا جَآءَكُمْ رَسُولٌۢ بِمَا لَا تَهْوَىٰٓ أَنفُسُكُمُ ٱسْتَكْبَرْتُمْ فَفَرِيقًۭا كَذَّبْتُمْ وَفَرِيقًۭا تَقْتُلُونَ

شەك - شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇئارقا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىساغا مۆجىزىلەر بەردۇق، ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇددۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن يۆلىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار

ھەقىقەتەن بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى بەردۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇ-ئارقا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىساغا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش، قارىغۇ ۋە بەرەس كېسەللىكىنى ساقايتىشتىن ئىبارەت بولغان ئوچۇق مۆجىزىلەرنى بەردۇق، ئۇنى رۇھۇلقۇددۇس يەنى جىبرائىل بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى! ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىر نەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە چوڭچىلىق قىلىسىلە، بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار؟

Al-Baqara 2:87Listen in Qur'an →
88

وَقَالُوا۟ قُلُوبُنَا غُلْفٌۢ ۚ بَل لَّعَنَهُمُ ٱللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَقَلِيلًۭا مَّا يُؤْمِنُونَ

ئۇلار: «دىللىرىمىز پەردىلەنگەن» دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك اﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز

يەھۇدىلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەسلىكتىكى ھۆججىتى ئۇلارنىڭ: بىزنىڭ دىللىرىمىز پەردىلەنگەن، سېنىڭ دېگەن سۆزلىرىڭ ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ ۋە ئۇنى چۈشەنمەيدۇ دېگەن سۆزىدۇر، ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلاردىن ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز بىرقىسىم كىشىلەردۇر.

Al-Baqara 2:88Listen in Qur'an →
89

وَلَمَّا جَآءَهُمْ كِتَٰبٌۭ مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٌۭ لِّمَا مَعَهُمْ وَكَانُوا۟ مِن قَبْلُ يَسْتَفْتِحُونَ عَلَى ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَلَمَّا جَآءَهُم مَّا عَرَفُوا۟ كَفَرُوا۟ بِهِۦ ۚ فَلَعْنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلْكَٰفِرِينَ

ئۇلارغا اﷲ تەرىپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب (تەۋرات) نى تەستىقلايدىغان كىتاب (قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا (ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى). ئىلگىرى ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ) كاپىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار بىلىدىغان (يەنى تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان) پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. اﷲ كاپىرلارغا (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىنى ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلارغا) لەنەت قىلدى

ئۇلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۇلاردىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى توغرا بولغان ئومۇمى پرىنسىپقا مۇۋاپىق قۇرئان كەرىم نازىل بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇلار: ئاخىرقى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ۋاقىتتا، بىزگە مۇشرىكلارغا قارشى ياردەم بېرىلىدۇ، بىز غەلىبە قىلىمىز، ئۇ پەيغەمبەرگە ئىشىنىمىز ۋە ئەگىشىمىز دەيتتى، ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ۋە مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىنى تونىغان ۋاقىتتا ئۇنى ئىنكار قىلدى ۋە ئىشەنمىدى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن

Al-Baqara 2:89Listen in Qur'an →
90

بِئْسَمَا ٱشْتَرَوْا۟ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمْ أَن يَكْفُرُوا۟ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بَغْيًا أَن يُنَزِّلَ ٱللَّهُ مِن فَضْلِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ ۖ فَبَآءُو بِغَضَبٍ عَلَىٰ غَضَبٍۢ ۚ وَلِلْكَٰفِرِينَ عَذَابٌۭ مُّهِينٌۭ

يەھۇدىيلارنىڭ اﷲ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى اﷲ نىڭ ئۆز پەزلىنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى (يەنى ئىمانىنى) كۇفرىغا سېتىشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى - ئۈستىگە غەزەپكە تېگىشلىك بولدى. كاپىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ

يەھۇدىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشىنىشتىن بولغان نەسىۋېسىنى، ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا كاپىر بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئالماشتۇرىشى نېمە دېگەن يامان ئىش!. بۇ ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىك ۋە قۇرئان كەرىمگە ھەسەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈستى-ئۈستى ئازابقا تىگىشلىك بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمىگەنلىكى ۋە تەۋراتنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىندۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى خار قىلغۇچى ئازاب بار

Al-Baqara 2:90Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.