فَهَزَمُوهُم بِإِذْنِ ٱللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُۥدُ جَالُوتَ وَءَاتَىٰهُ ٱللَّهُ ٱلْمُلْكَ وَٱلْحِكْمَةَ وَعَلَّمَهُۥ مِمَّا يَشَآءُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ ٱللَّهِ ٱلنَّاسَ بَعْضَهُم بِبَعْضٍۢ لَّفَسَدَتِ ٱلْأَرْضُ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ ذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلْعَٰلَمِينَ
مۆمىنلەر اﷲ نىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. اﷲ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرىنى (يەنى پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. اﷲ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (يەنى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خارابلىققا يۈزلىنەتتى)، لېكىن اﷲ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
مۆئمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد ئۇلارنىڭ قوماندانى جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى بەردى. ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ئۆزى ئىرادە قىلغان ھەر تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۈگەتتى ۋە ئۇنىڭدا جەملىدى. كىشىلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىيە قىلىپ تۇرۇش ئاللاھنىڭ قانۇنيىتى بولمىسا ئىدى، يەر يۈزىنى بۇزغۇنچىلار ئىگەللەش ئارقىلىق، يەر يۈزى خاراپلىققا يۈزلىنەتتى. لېكىن ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.