سَلْ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ كَمْ ءَاتَيْنَٰهُم مِّنْ ءَايَةٍۭ بَيِّنَةٍۢ ۗ وَمَن يُبَدِّلْ نِعْمَةَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَتْهُ فَإِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ
(ئى مۇھەممەد!) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، بىز ئۇلارغا نەقەدەر كۆپ روشەن دەلىللەرنى ئاتا قىلدۇق. كىمكى اﷲ نىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى (كۇفرىلىق قىلىپ) ئۆزگەرتىۋەتسە (اﷲ ئۇنىڭغا ئازاب قىلىدۇ)، اﷲ نىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر
ئى پەيغەمبەر! ئەيىبلىگەن شەكىلدە ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، ئاللاھ سىلەرگە پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەقەدەر كۆپ روشەن دەلىللەرنى بايان قىلدى! سىلەر ئۇ دەلىللەرنى ئىنكار قىلىپ يۈز ئۆرۈدىڭلار. كىمكى ئاللاھنىڭ نېئمىتىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى كۇپرىلىق قىلىپ ۋە ئىنكار قىلىپ ئۆزگەرتىدىكەن، ئاللاھ ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارنى قاتتىق ئازاپلىغۇچىدۇر.