وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ ءَامِنُوا۟ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُوا۟ نُؤْمِنُ بِمَآ أُنزِلَ عَلَيْنَا وَيَكْفُرُونَ بِمَا وَرَآءَهُۥ وَهُوَ ٱلْحَقُّ مُصَدِّقًۭا لِّمَا مَعَهُمْ ۗ قُلْ فَلِمَ تَقْتُلُونَ أَنۢبِيَآءَ ٱللَّهِ مِن قَبْلُ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
ئۇلارغا: «اﷲ نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا) ئىمان كەلتۈرىمىز» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ، ھالبۇكى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى تەستىق قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارغا) «سىلەر (تەۋراتقا) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن اﷲ نىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟» دېگىن
ئەگەر ئاشۇ يەھۇدىلارغا: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ھەقىقەت ۋە توغرا يولدىن ئىبارەت بولغان قۇرئان كەرىمگە ئىشىنىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: بىز ئۆزىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزگەنازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشىنىمىز دەيدۇ، ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا بولغان كىتابقا مۇۋاپىق كىلىدىغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن باشقا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان قۇرئان كەرىمگىمۇ كاپىر بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىغا ھەقىقى ئىشەنسە ئىدى، ئەلۋەتتە قۇرئان كەرىمگە ئىشەنگەن بولاتتى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: سىلەر تەۋراتقا ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن سىلەرگە ھەقنى ئىلىپ كەلگەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟ دېگىن