Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 71–80 of 286

71

قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌۭ لَّا ذَلُولٌۭ تُثِيرُ ٱلْأَرْضَ وَلَا تَسْقِى ٱلْحَرْثَ مُسَلَّمَةٌۭ لَّا شِيَةَ فِيهَا ۚ قَالُوا۟ ٱلْـَٰٔنَ جِئْتَ بِٱلْحَقِّ ۚ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُوا۟ يَفْعَلُونَ

مۇسا: «اﷲ ئۇنىڭ يەر ھەيدەپ، ئېكىن سۇغۇرۇپ كۆندۈرۈلگەن بولماسلىقىنى، بېجىرىم، ئالىسى يوق (يەنى رەڭگىدە سېرىقلىقتىن باشقا رەڭ يوق) بولۇشىنى ئېيتتى» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى ئۇلار (كالىنى) تېپىپ كېلىپ بوغۇزلىدى، (ئۇلار سوئال سوراۋەرگەنلىكتىن) بۇنى ئورۇنلىيالمىغىلى تاس قالدى

مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھ بۇ كالا يەر ھەيدەپ، ئېكىن سۈغۈرۇپ خارلانغان بولماسلىقى، ئەيىپ-نۇقساندىن خالى، ئالىسى يوق ساپ-سېرىق بولۇشى كېرەك دەيدۇ دېدى، ئۇلار: ئەمدى بىزگە كالىنىڭ سۈپىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تولۇق بايان قىلىپ بەردىڭ دەيدۇ، ئۇلار تەرسالىق ۋە كاجلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئۇ كالىنى بوغۇزلىيالماي قالغىلى تاس قالدى.

Al-Baqara 2:71Listen in Qur'an →
72

وَإِذْ قَتَلْتُمْ نَفْسًۭا فَٱدَّٰرَْٰٔتُمْ فِيهَا ۖ وَٱللَّهُ مُخْرِجٌۭ مَّا كُنتُمْ تَكْتُمُونَ

ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە (قاتىلنىڭ كىملىكى) توغرىسىدا دەتالاش قىلىشقان ئىدىڭلار. سىلەر يوشۇرماقچى بولغان نەرسىنى (يەنى قاتىلنىڭ ئىشىنى) اﷲ ئاشكارىلىغۇچىدۇر

ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، قاتىلنىڭ كىملىكى توغرىسىدا دەتالاش قىلدىڭلار، ھەر كىشى قاتىل دېگەن تۆھمەتنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇپ باشقىلارغا دۆڭگەيدۇ، ئاشۇ گۇناھسىز ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئىشىدىن سىلەر يوشۇرماقچى بولغان ئىشنى ئاللاھ ئاشكارا قىلىدۇ

Al-Baqara 2:72Listen in Qur'an →
73

فَقُلْنَا ٱضْرِبُوهُ بِبَعْضِهَا ۚ كَذَٰلِكَ يُحْىِ ٱللَّهُ ٱلْمَوْتَىٰ وَيُرِيكُمْ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ

(سىلەرگە مۇسا ئارقىلىق) دېدۇقكى، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار (ئۇ تىرىلىپ قاتىلنى ئېيتىپ بېرىدۇ)، اﷲ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق (يەنى كۆز ئالدىڭلاردا بۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەندەك) تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرنى چۈشەنسۇن دپ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە كۆرسىتىدۇ

سىلەرگە ئۆلۈكنى سىلەرنى بوغۇشلاشقا بۇيرىغان كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۇرۇڭلار، شەكسىزكى ئاللاھ بۇ ئۆلۈكنىڭ قاتىلدىن خەۋەر بېرىشى ئۈچۈن ئۇنى تېرگۈزىدۇ دېدۇق، ئۇلار شۇنداق قىلدى، ئۇ كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى خەۋەر بەردى، مۇشۇ ئۆلۈكنى تىرگۈزگەندەك ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزىدۇ، سىلەرنىڭ ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ ئاللاھغا ھەقىقى ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان دەلىللەرنى كۆرسىتىدۇ

Al-Baqara 2:73Listen in Qur'an →
74

ثُمَّ قَسَتْ قُلُوبُكُم مِّنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ فَهِىَ كَٱلْحِجَارَةِ أَوْ أَشَدُّ قَسْوَةًۭ ۚ وَإِنَّ مِنَ ٱلْحِجَارَةِ لَمَا يَتَفَجَّرُ مِنْهُ ٱلْأَنْهَٰرُ ۚ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَشَّقَّقُ فَيَخْرُجُ مِنْهُ ٱلْمَآءُ ۚ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَهْبِطُ مِنْ خَشْيَةِ ٱللَّهِ ۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ

(ئى يەھۇدىيلار جامائەسى!) شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى شانلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن) دىلىڭلار قېتىپ كەتتى، تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ قاتتىق قېتىپ كەتتى. تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن (سۇ ئېتىلىپ چىقىپ) ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار؛ اﷲ تىن قورقۇپ (تاغ چوققىلىرىدىن) دومىلاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار (دېمەك، تاش يۇمشايدۇ، سىلەرنىڭ دىلىڭلار بولسا يۇمشىمايدۇ ۋە تەسىرلەنمەيدۇ)، اﷲ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر

مۇشۇ تەسىرلىك ۋەز-نەسىھەت، شانلىق مۆجىزىنى كۆرگەندىن كېيىن دىللىرىڭلار قېتىپ تاشتەك بولۇپ كەتتى، بەلكى تاشتىنمۇ قاتتىق بولۇپ، ئۆزگەرمەس بىر ھالەتكە كەلدى، ئەمما تاش يۇمشايدۇ ۋە ئۆزگۈرىدۇ، تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، تاشلاردىن يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ، زېمىندا بۇلاق بولۇپ ئېقىپ ئۇنىڭدىن ئىنسانلار ۋە چارۋىلار مەنپەئەتلىنىدىغانلىرى بار، تاشلاردىن ئاللاھدىن قورقۇپ تاغ چوقۇسىدىن دومىلاپ چۈشىدىغانلىرى بار، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەس، بەلكى ھەممە ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرنى جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ

Al-Baqara 2:74Listen in Qur'an →
75

۞ أَفَتَطْمَعُونَ أَن يُؤْمِنُوا۟ لَكُمْ وَقَدْ كَانَ فَرِيقٌۭ مِّنْهُمْ يَسْمَعُونَ كَلَٰمَ ٱللَّهِ ثُمَّ يُحَرِّفُونَهُۥ مِنۢ بَعْدِ مَا عَقَلُوهُ وَهُمْ يَعْلَمُونَ

(ئى مۆمىنلەر جامائەسى! دەۋىتىڭلار ئارقىلىق) يەھۇدىيلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم، اﷲ نىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ (قەستەن) ئۆزگەرتىۋەتتى

ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى ۋە گەردەنكەشلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ سىلەرنىڭ چاقىرقىڭلارغا ئاۋاز قوشۇپ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟. ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرىدىن بىر گۇروھ ئادەم تەۋراتتا ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ بولۇپ، لەپزى ۋە مەنىلىرىنى چۈشۈنۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار بۇنداق قىلىشنىڭ كاتتا جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ

Al-Baqara 2:75Listen in Qur'an →
76

وَإِذَا لَقُوا۟ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَا بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍۢ قَالُوٓا۟ أَتُحَدِّثُونَهُم بِمَا فَتَحَ ٱللَّهُ عَلَيْكُمْ لِيُحَآجُّوكُم بِهِۦ عِندَ رَبِّكُمْ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ

ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقانلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيتتى. بىر - بىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقانلىرىدا: «پەرۋەردىگارىڭلار قېشىدا مۆمىنلەر سىلەرگە قارشى پاكىت كۆرسەتسۇن دەپ اﷲ سىلەرگە بىلدۈرگەن ۋەھيىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىنى) ئۇلارغا سۆزلەپ بېرەمسىلەر؟ (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر!» دەيتتى

يەھۇدىلارنىڭ قارمۇ-قارشىلىق پىرىنسىپى ۋە ساختىپەزلىكىدىن، ئۇلارنىڭ بەزىسى مۆمىنلەرگە ئۇچراشقاندا، ئۇلار مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەقىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، تەۋراتمۇ بۇنىڭغا شاھىت بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، يەھۇدىلارنىڭ بەزىسى بەزىسى بىلەن يالغۇز قالغاندا، مۇشۇ ئىتىراپ قىلغانلىق سەۋەبىدىن بىر-بىرىنى ئەيىبلىشىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىگە ئۇلاردىن سادىر بولغان شاھىتلىقنى ئۇلارغا ھۆججەت قىلىدۇ

Al-Baqara 2:76Listen in Qur'an →
77

أَوَلَا يَعْلَمُونَ أَنَّ ٱللَّهَ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ

يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى اﷲ نىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟

مۇشۇنداق نۇمۇزسىزلىق يولىدا كېتىۋاتقان ئاشۇ يەھۇدىلار، خۇددى ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى بەندىلەر ئارىسىدا رەزىل قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟

Al-Baqara 2:77Listen in Qur'an →
78

وَمِنْهُمْ أُمِّيُّونَ لَا يَعْلَمُونَ ٱلْكِتَٰبَ إِلَّآ أَمَانِىَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ

ئۇلارنىڭ ساۋاتسىزلىرى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) ئۇقمايدۇ، (ئەھبارلىرى ئويدۇرۇپ چىققان) ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدۇ، گۇمان بىلەنلا ئىش قىلىدۇ

يەھۇدىلاردىن بىر گورۇھ كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار تەۋراتنى تىلاۋەت قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار ئۆلىمالىرىنىڭ توقۇغان يالغانلىرىغا ئىشىنىپ، ئۇ توقۇلمىلارنى ئاللاھ نازىل قىلغان تەۋراتنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارايدۇ

Al-Baqara 2:78Listen in Qur'an →
79

فَوَيْلٌۭ لِّلَّذِينَ يَكْتُبُونَ ٱلْكِتَٰبَ بِأَيْدِيهِمْ ثُمَّ يَقُولُونَ هَٰذَا مِنْ عِندِ ٱللَّهِ لِيَشْتَرُوا۟ بِهِۦ ثَمَنًۭا قَلِيلًۭا ۖ فَوَيْلٌۭ لَّهُم مِّمَّا كَتَبَتْ أَيْدِيهِمْ وَوَيْلٌۭ لَّهُم مِّمَّا يَكْسِبُونَ

كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ ئۇنى ئاز پۇلغا سېتىش (يەنى دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئىتى) ئۈچۈن، بۇ اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرگە ۋاي! قولى بىلەن يازغانلىرى (يەنى تەۋراتنى ئۆزگەرتكەنلىكلىرى) ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي! (بۇنىڭ بىلەن) ئېرىشكەن (ھارام) نەرسىلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي

كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ ئازغىنا ماددىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇنى يالغاندىن ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچى كىشىلەرنى ھالاكەت ۋە دەرتلىك ئازاب كۈتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتنى ۋە توغرا يولغا ئەگىشىشنى، دۇنيادىكى رىياسەت ۋە مالدىن ئىبارەت ئازغىنە مەنپەئەتگە تېگىشىۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يالغاننى توقۇپ قولى بىلەن يازغانلىرىغا قاتتىق ئازاب ۋە ھالاكەت بولسۇن! ئۇلارنىڭ تاپقان يۈز-ئابرۇي ۋە ماللىرىغا قاتتىق ئازاب ۋە ھالاكەت بولسۇن

Al-Baqara 2:79Listen in Qur'an →
80

وَقَالُوا۟ لَن تَمَسَّنَا ٱلنَّارُ إِلَّآ أَيَّامًۭا مَّعْدُودَةًۭ ۚ قُلْ أَتَّخَذْتُمْ عِندَ ٱللَّهِ عَهْدًۭا فَلَن يُخْلِفَ ٱللَّهُ عَهْدَهُۥٓ ۖ أَمْ تَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ

ئۇلار: «بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ» دەيدۇ. (ئۇلارغا) «سىلەرگە اﷲ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ، (ۋەدە بەرگەن بولسا) اﷲ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ، ياكى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغاننى اﷲ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن

ئۇلار يالغانچىلىق ۋە چوڭچىلىق بىلەن: بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا: سىلەرگە ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ؟ ۋەدە بەرگەن بولسا ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ ياكى سىلەر يالغانچىلىق ۋە بۇھتان قىلىپ ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىنى ئاللاھ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟

Al-Baqara 2:80Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.