وَإِذْ قُلْتُمْ يَٰمُوسَىٰ لَن نَّصْبِرَ عَلَىٰ طَعَامٍۢ وَٰحِدٍۢ فَٱدْعُ لَنَا رَبَّكَ يُخْرِجْ لَنَا مِمَّا تُنۢبِتُ ٱلْأَرْضُ مِنۢ بَقْلِهَا وَقِثَّآئِهَا وَفُومِهَا وَعَدَسِهَا وَبَصَلِهَا ۖ قَالَ أَتَسْتَبْدِلُونَ ٱلَّذِى هُوَ أَدْنَىٰ بِٱلَّذِى هُوَ خَيْرٌ ۚ ٱهْبِطُوا۟ مِصْرًۭا فَإِنَّ لَكُم مَّا سَأَلْتُمْ ۗ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ ٱلذِّلَّةُ وَٱلْمَسْكَنَةُ وَبَآءُو بِغَضَبٍۢ مِّنَ ٱللَّهِ ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا۟ يَكْفُرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَيَقْتُلُونَ ٱلنَّبِيِّۦنَ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ ۗ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوا۟ وَّكَانُوا۟ يَعْتَدُونَ
ئۆز ۋاقتىدا (سىنا چۆلىدە تەرەنجىبىن ۋە بۆدۈنە بىلەنلا ئوزۇقلىنىۋاتقىنىڭلاردا) سىلەر: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل يېمەكلىككە چىداپ تۇرالمايمىز، بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن» دېدىڭلار، مۇسا: «سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟ (يەنى پىياز، سامساق، كۆكتاتنى تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىدىن ئارتۇق كۆرەمسىلەر؟) بىرەر شەھەرگە كىرىڭلار، (شۇ يەردە) تىلىگىنىڭلار بار» دېدى. ئۇلار خارلىقتا، موھتاجلىقتا قالدى. اﷲ نىڭ غەزىپىگە تېگىشلىك بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولدى
ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە تۇزكورلۇق قىلغان ۋاقتىڭلارنى ياد ئېتىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە چۈشۈرۈپ بەرگەن تاتلىق ئېچىملىك بىلەن بۆدۈنە كاۋىپىنى يېيىشتىن زېرىكىپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىز ئۆزگەرمەيدىغان بىر خىل يېمەككە سەۋىر قىلالمايمىز دەپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن: بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلساڭ، بىزگە زېمىننىڭ كوكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسە دېدىڭلار، مۇسا ئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بۇ تەلىپىڭلاردىن ھەيران قىلىپ: سىلەرگە ھېرىش-چارچاشسىز كەلگەن بۆدۈنە كاۋىپى بىلەن تەرەنجىۋىن ئىچىملىكىدىن ئىبارەت ئېسىل نەرسىنى ئاددى بولغان سەي-كۆكتاتلارغا تىگىشەمسىلەر؟، بۇ يەردىن بىر شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ يەردە سورىغان نەرسىلىرىڭلار بار دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھاۋايى-ھەۋەس، نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىپ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەرگەن نەرسىسىدىن تەكرار يۈز ئۆرىگەنلىكى ئۈچۈن خارلىق، مۇھتاجلىق ۋە قېيىنچىلىقتا قالدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنى ھەقسىز ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ھەقلىق بولدى. ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى سەۋەبىدىندۇر.