Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 51–60 of 286

51

وَإِذْ وَٰعَدْنَا مُوسَىٰٓ أَرْبَعِينَ لَيْلَةًۭ ثُمَّ ٱتَّخَذْتُمُ ٱلْعِجْلَ مِنۢ بَعْدِهِۦ وَأَنتُمْ ظَٰلِمُونَ

ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا 40 كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىشنى) ۋەدە قىلدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ، موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار

مۇشۇ نېئمەتلەردىن، بىزنىڭ مۇساغا ھىدايەت ۋە نۇردىن ئىبارەت تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن قىرىق كۈننى تاماملاشنى ۋەدە قىلغانلىقىمىزنى ياد ئېتىڭلار، شۇ مۇددەتتە سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر موزايغا چوقۇندى، مۇشۇ قىلمىشىڭلار بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار

Al-Baqara 2:51Listen in Qur'an →
52

ثُمَّ عَفَوْنَا عَنكُم مِّنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ

شۇنىڭدىن كېيىن، شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق

تەۋبە قىلغاندىن كېيىن سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق، سىلەرنىڭ گۈزەل شەكىلدە ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىپ شۈكۈر ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالىمىدۇق

Al-Baqara 2:52Listen in Qur'an →
53

وَإِذْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَٰبَ وَٱلْفُرْقَانَ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ

ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، مۇساغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق

مۇشۇ نېئمەتلەر جۈملىسىدىن؛ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، ئازغۇنلۇق بىلەن ھىدايەتنىڭ، باتىل بىلەن ھەقىقەتنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان تەۋراتنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەردۇق

Al-Baqara 2:53Listen in Qur'an →
54

وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِۦ يَٰقَوْمِ إِنَّكُمْ ظَلَمْتُمْ أَنفُسَكُم بِٱتِّخَاذِكُمُ ٱلْعِجْلَ فَتُوبُوٓا۟ إِلَىٰ بَارِئِكُمْ فَٱقْتُلُوٓا۟ أَنفُسَكُمْ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌۭ لَّكُمْ عِندَ بَارِئِكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ

ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىپ، ھەقىقەتەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار، ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار، موزايغا چوقۇنمىغانلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرسۇن» دېدى. مۇنداق قىلىش ياراتقۇچىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. اﷲ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. اﷲ تەۋبىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

مۇشۇ نىمەتلەر جۈملىسىدىن؛ ئاللاھنىڭ سىلەرنى موزايغا چوقۇنغاندىن كېيىن تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىشىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام سىلەرگە: سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىپ چوقۇنۇش بىلەن ھەقىقەتەن ئۆزۇڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار، سىلەرنى پەيدا قىلغان ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار، بەزىڭلار بەزىڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، مۇشۇ تەرىقىدىكى تەۋبە قىلىش سىلەر ئۈچۈن دوزاختا مەڭگۈ قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان كۇپۇرلۇقتىن ياخشىدۇر، ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە مەۋەپپەق قىلىشى بىلەن بۇ ئىشنى ئادا قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، چۈنكى ئاللاھ تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچى ۋە بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر

Al-Baqara 2:54Listen in Qur'an →
55

وَإِذْ قُلْتُمْ يَٰمُوسَىٰ لَن نُّؤْمِنَ لَكَ حَتَّىٰ نَرَى ٱللَّهَ جَهْرَةًۭ فَأَخَذَتْكُمُ ٱلصَّٰعِقَةُ وَأَنتُمْ تَنظُرُونَ

ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! اﷲ نى ئوپئوچۇق كۆرمىگىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار - دە، (سىلەرگە نازىل بولغان ئازابنى) كۆرۈپ تۇرغىنىڭلار ھالدا سىلەرنى چاقماق سوقتى

ئۆز ۋاقتىدا ئەجدادلىرىڭلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا جاسارەت بىلەن خىتاپ قىلىپ: ئاللاھنى ھېچ قانداق توساقسىز، ئوپ-ئوچۇق كۆرمۈگىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز دېگەن سۆزىنى ياد ئېتىڭلار. سىلەرنى كۆيدۈرگۈچ ئوت سوقتى، بەزىڭلار بەزىڭلارغا قاراپ تۇرغان ھالەتتە ئۆلدۈڭلار

Al-Baqara 2:55Listen in Qur'an →
56

ثُمَّ بَعَثْنَٰكُم مِّنۢ بَعْدِ مَوْتِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ

ئاندىن كېيىن، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن، دەپ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈردۇق

ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتسۇن دەپ، ئۆلگەندىن كېيىن سىلەرنى تىرىلدۇردۇق

Al-Baqara 2:56Listen in Qur'an →
57

وَظَلَّلْنَا عَلَيْكُمُ ٱلْغَمَامَ وَأَنزَلْنَا عَلَيْكُمُ ٱلْمَنَّ وَٱلسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا۟ مِن طَيِّبَٰتِ مَا رَزَقْنَٰكُمْ ۖ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِن كَانُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ

سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (بىز سىلەرگە) «رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەپ - ئىچىڭلار» (دېدۇق). ئۇلار (نېمەتلىرىمىزگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە ئەمەس، پەقەت ئۆزلىرىگىلا زۇلۇم قىلدى

بىزنىڭ سىلەرگە قىلغان نېئمەتلىرىمىزدىن: سىلەر زېمىندا ئىسسىپ كەتكەندە قۇياش نۇرىدىن سايىدىشىڭلار ئۈچۈن بۇلۇتلارنى ئەۋەتتۇق، ھەسەلگە ئوخشاش تاتلىق ئىچىملىك، بۇدۇنىگە ئوخشاش كېچىك قۇشنىڭ كاۋىپىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەردىن يەپ-ئىچىڭلار دېدۇق، ئۇلار مۇشۇ نېئمەتلەرگە نانكورلۇق قىلسىمۇ بىز ھېچ نەرسىنى كىمەيتىۋەتمىدۇق، لېكىن ئۇلار ساۋابتىن بولغان نەسىۋىسىنى كىمەيتىش ۋە ئۆزلىرىنى ئازابقا دۇچار قىلىش بىلەن ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلدى

Al-Baqara 2:57Listen in Qur'an →
58

وَإِذْ قُلْنَا ٱدْخُلُوا۟ هَٰذِهِ ٱلْقَرْيَةَ فَكُلُوا۟ مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ رَغَدًۭا وَٱدْخُلُوا۟ ٱلْبَابَ سُجَّدًۭا وَقُولُوا۟ حِطَّةٌۭ نَّغْفِرْ لَكُمْ خَطَٰيَٰكُمْ ۚ وَسَنَزِيدُ ٱلْمُحْسِنِينَ

ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ - ئىچىڭلار، (بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (پەرۋەردىگارىمىز) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز» دېدۇق

ئاللاھنىڭ سىلەرگە: بەتۇلمەقەددەس شەھرىگە كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ-ئىچىڭلار، بەيتۇلمەقەددەس دەرۋازىسىدىن ئاللاھقا بويسۇنۈش يۈزىسىدىن سەجدە قىلغان ھالەتتە كىرىڭلار ۋە ئاللاھقا يېلىنىپ: پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، تىلىكىڭلارنى ئىجابەت قىلىمىز، توغرا يول تۇتۇپ ياخشى ئەمەل قىلغانلارنىڭ ئەمىلىگە ساۋاپنى زىيادە قىلىپ بېرىمىز دېگەن ۋاقتىدىكى نېئمىتىنى ياد ئېتىڭلار

Al-Baqara 2:58Listen in Qur'an →
59

فَبَدَّلَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ قَوْلًا غَيْرَ ٱلَّذِى قِيلَ لَهُمْ فَأَنزَلْنَا عَلَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ رِجْزًۭا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُوا۟ يَفْسُقُونَ

زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى، زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقلىرى (يەنى اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق

ئۇلاردىن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار بۇيرۇلغان ئىشنى ئالماشتۇردى، دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتتى، ئۇلار شەھەرگە كاسىلىرىنى سۈركەپ كېرىپ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى مەسخىرە قىلغان ھالەتتە: بىر تاغار ئاشلىق دەپ كىردى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھەق يولدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاپ ئاسماندىن ئازاب نازىل قىلدى

Al-Baqara 2:59Listen in Qur'an →
60

۞ وَإِذِ ٱسْتَسْقَىٰ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِۦ فَقُلْنَا ٱضْرِب بِّعَصَاكَ ٱلْحَجَرَ ۖ فَٱنفَجَرَتْ مِنْهُ ٱثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًۭا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍۢ مَّشْرَبَهُمْ ۖ كُلُوا۟ وَٱشْرَبُوا۟ مِن رِّزْقِ ٱللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا۟ فِى ٱلْأَرْضِ مُفْسِدِينَ

ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە ئادەم (يەنى قەبىلە) ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «اﷲ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق)

سىلەر چۆلدە بولغاندا ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمىتىنى ياد ئېتىڭلار: سىلەر بەك ئۇسساپ كەتكەندە، مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا يېلىنىپ سىلەرنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلدى، بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇشقا بۇيرىدۇق، تاشنى ئۇرغاندا تاشتىن سىلەرنىڭ قەبىلىلىرىڭلارنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جىدەل چىقمىسۇن دەپ ھەر بىر قەبىلىگە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بېكىتىپ بەردۇق ۋە ئۇلارغا: سىلەر جاپا تارتماستىن، ھېچ ئىش قىلماستىن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزقىنى يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار دېدۇق

Al-Baqara 2:60Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.