Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 41–50 of 286

41

وَءَامِنُوا۟ بِمَآ أَنزَلْتُ مُصَدِّقًۭا لِّمَا مَعَكُمْ وَلَا تَكُونُوٓا۟ أَوَّلَ كَافِرٍۭ بِهِۦ ۖ وَلَا تَشْتَرُوا۟ بِـَٔايَٰتِى ثَمَنًۭا قَلِيلًۭا وَإِيَّٰىَ فَٱتَّقُونِ

مەن نازىل قىلغان تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچى بولماڭلار، ئايەتلىرىمنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەڭلار، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار

ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى توغرىسىدا، ئۆزگەرتىلىشتىن ئىلگىرىكى تەۋراتتا كەلگەنگە مۇۋاپىق بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان قۇرئان كەرىمگە ئىشىنىڭلار، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، ھوقۇق ۋە يۈز ئابرۇيدىن بولغان ئازراق نەرسىگە مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سېتىۋەتمەڭلار، مېنىڭ غەزىبىم ۋە ئازابىمدىن قورقۇڭلار

Al-Baqara 2:41Listen in Qur'an →
42

وَلَا تَلْبِسُوا۟ ٱلْحَقَّ بِٱلْبَٰطِلِ وَتَكْتُمُوا۟ ٱلْحَقَّ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ

ھەقنى باتىلغا (يەنى اﷲ نازىل قىلغان ھەقىقەتنى ئۆزۈڭلار ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىگە) ئارىلاشتۇرماڭلار، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار

مەن پەيغەمبىرىمگە نازىل قىلغان ھەقنى ئۆزۇڭلار توقىغان باتىلغا ئارىلاشتۇرماڭلار، سىلەر ئىشەنچ بىلەن بىلىپ تۇرۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىدىن كىتابىڭلاردا بايان قىلىنغان ھەقىقەتنى يوشۇرماڭلار

Al-Baqara 2:42Listen in Qur'an →
43

وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱرْكَعُوا۟ مَعَ ٱلرَّٰكِعِينَ

نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار

نامازنى پەرز-ۋاجىپ، سۈننەتلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا قىلغان پۇل-ماللارنىڭ زاكىتىنى چېقىرىڭلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار بىلەن بىللە ئاللاھقا بويسۇنۇڭلار

Al-Baqara 2:43Listen in Qur'an →
44

۞ أَتَأْمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلْبِرِّ وَتَنسَوْنَ أَنفُسَكُمْ وَأَنتُمْ تَتْلُونَ ٱلْكِتَٰبَ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ

كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتاب (يەنى تەۋرات) نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر

سىلەرنىڭ باشقىلار ئىمانغا ۋە ياخشى ئەمەللەرگە بۇيرۇپ، ئۆزۈڭلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭلار نېمە دېگەن نۇمۇسسىزلىق! سىلەر تەۋراتنى ئوقۇيسىلەر، ئۇنىڭدىكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەگىشىش ۋە پەيغەمبىرىگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت بۇيرۇقنى بىلىسىلەر، ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنمەمسىلەر؟

Al-Baqara 2:44Listen in Qur'an →
45

وَٱسْتَعِينُوا۟ بِٱلصَّبْرِ وَٱلصَّلَوٰةِ ۚ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى ٱلْخَٰشِعِينَ

سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (اﷲ تىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز اﷲ تىن قورققۇچىلار (يەنى كەمتەرلىك بىلەن اﷲ قا بويسۇنغۇچىلار) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر

دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىدە سىلەرنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە ئاللاھقا يەتكۈزىدىغان ناماز ئوقۇش ۋە سەۋىر قىلىش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە مۇھاپىزەت قىلىدۇ. شۇنداقلا سىلەرگە يېتىدىغان زىياننى كەتكۈزۈۋېتىدۇ، ھەقىقەتەن ناماز كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلاردىن باشقىلارغا قېيىن ۋە مۇشەققەتلىك ئىشتۇر

Al-Baqara 2:45Listen in Qur'an →
46

ٱلَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلَٰقُوا۟ رَبِّهِمْ وَأَنَّهُمْ إِلَيْهِ رَٰجِعُونَ

اﷲ تىن قورققۇچىلار پەرۋەردىگارىغا چوقۇم مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ۋە اﷲ نىڭ دەرگاھىغا چوقۇم قايتىپ بارىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىدۇ

ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدىغان ۋە قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىشىنىدىغانلار تەقۋادار كىشىلەردۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىگە مۇناسىپ ھالدا مۇكاپاتلايدۇ

Al-Baqara 2:46Listen in Qur'an →
47

يَٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتِىَ ٱلَّتِىٓ أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّى فَضَّلْتُكُمْ عَلَى ٱلْعَٰلَمِينَ

ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى (بىر زامانلاردا) تامام جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار

ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى يەئقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى! مېنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان دىنى ۋە دۇنيالىق نېئمەتلىرىمنى ئەسلەڭلار، سىلەرنى پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىق بىلەن شۇ زاماندىكى بارلىق جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئېسىڭلارغا ئىلىڭلار

Al-Baqara 2:47Listen in Qur'an →
48

وَٱتَّقُوا۟ يَوْمًۭا لَّا تَجْزِى نَفْسٌ عَن نَّفْسٍۢ شَيْـًۭٔا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا شَفَٰعَةٌۭ وَلَا يُؤْخَذُ مِنْهَا عَدْلٌۭ وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ

كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىدىيە ئېلىنمايدىغان، ئۇلار (يەنى كاپىرلار ۋە گۇناھكار بەندىلەر) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار

ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىنى تەرك قىلىش بىلەن قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى بىلەن ئۆزۇڭلارنىڭ ئارىسىدا توساق قىلىڭلار، ئۇ كۈندە كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مەنپەئەتنى جەلىپ قىلىپ، زېياننى دەپئى قىلىشتا ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ، زېمىن تولغىدەك ئالتۇن بولسىمۇ ھېچ كىشىدىن پىديە ئېلىنمايدۇ، ئۇ كۈندە گۇناھكار-كاپىرلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ، شاپائەت قوبۇل قىلىنمىسا، پىديە ئېلىنمىسا ۋە ياردەمگە ئېرىشەلمىسە، قەيەرگە قاچىدۇ؟!

Al-Baqara 2:48Listen in Qur'an →
49

وَإِذْ نَجَّيْنَٰكُم مِّنْ ءَالِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوٓءَ ٱلْعَذَابِ يُذَبِّحُونَ أَبْنَآءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَآءَكُمْ ۚ وَفِى ذَٰلِكُم بَلَآءٌۭ مِّن رَّبِّكُمْ عَظِيمٌۭ

ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى (ئىشقا سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدۇق. بۇ، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ (ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى ئاجرىتىدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى

ئى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى! ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سىلەرنىڭ نەسلىڭلارنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئاھانەت قىلىش ۋە بەك خارلاش ئۈچۈن قىزلىرىڭلارنى ھايات قويۇپ خىزمەتكە سېلىشتىن ئىبارەت بولغان تۈرلۈك ئازابدىن قۇتقۇزغانلىقىنى ئەسلەڭلار، سىلەرنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇش، سىلەرنىڭ شۈكۈر ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭلاردىن بولغان زور سىناقتۇر

Al-Baqara 2:49Listen in Qur'an →
50

وَإِذْ فَرَقْنَا بِكُمُ ٱلْبَحْرَ فَأَنجَيْنَٰكُمْ وَأَغْرَقْنَآ ءَالَ فِرْعَوْنَ وَأَنتُمْ تَنظُرُونَ

ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزدۇق (يەنى دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ، قۇرۇق يول ھاسىل قىلىپ، شۇ يەردىن سىلەرنى سالامەت ئۆتكۈزدۇق) ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلدۇق

بىزنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىمىزنى ياد ئېتىڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنىڭ مېڭىشىڭلار ئۈچۈن قۇرۇق يول قىلدۇق، سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، دۈشمىنىڭلار بولغان پىرئەۋن ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر قاراپ تۇرغان ھالەتتە غەرق قىلدۇق

Al-Baqara 2:50Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.