Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 31–40 of 286

31

وَعَلَّمَ ءَادَمَ ٱلْأَسْمَآءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمْ عَلَى ٱلْمَلَٰٓئِكَةِ فَقَالَ أَنۢبِـُٔونِى بِأَسْمَآءِ هَٰٓؤُلَآءِ إِن كُنتُمْ صَٰدِقِينَ

اﷲ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ: «(خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى

ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن بارلىق جانلىق-جانسىز نەرسىلەرنىڭ ئىسىم-ئاتالغۇلىرى ۋە مەنالىرىنى تەلىم بەردى، ئاندىن ئىسىملىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بىلدۇرۇلگەن نەرسىلەرنى پەرىشتىلەرگە كۆرسۈتۈپ: سىلەر ئۆز قارىشىڭلاردا بىز بۇ مەخلۇقتىن ئىززەتلىك ۋە ھۆرمەتلىك دېگەن سۆزۈڭلاردا سەمىمى بولساڭلار، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسملىرىنى ئېيتىپ بېرىڭلار دەيدۇ.

Al-Baqara 2:31Listen in Qur'an →
32

قَالُوا۟ سُبْحَٰنَكَ لَا عِلْمَ لَنَآ إِلَّا مَا عَلَّمْتَنَآ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَلِيمُ ٱلْحَكِيمُ

پەرىشتىلەر: «سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەمچىلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىپ، پەزلى-ھېكمەتنى ئاللاھقا قايتۇرۇپ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز سېنى پاك دەپ ئۇلۇغلايمىز، سېنىڭ ھۆكمىڭ ۋە قانۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈرمەيمىز، بىز سەن بىزگە ئىلىمدىن تەلىم بەرگەن نەرسىنى بىلىمىز، سەن بارلىق نەرسىلەرنى بىلىسەن، قانۇنىڭ ۋە قۇدرىتىڭدىن ھەر نەرسىنى ئۆز ئورنىغا قويىدىغان ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن دەيدۇ.

Al-Baqara 2:32Listen in Qur'an →
33

قَالَ يَٰٓـَٔادَمُ أَنۢبِئْهُم بِأَسْمَآئِهِمْ ۖ فَلَمَّآ أَنۢبَأَهُم بِأَسْمَآئِهِمْ قَالَ أَلَمْ أَقُل لَّكُمْ إِنِّىٓ أَعْلَمُ غَيْبَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَأَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا كُنتُمْ تَكْتُمُونَ

اﷲ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، اﷲ: «مەن سىلەرگە، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى

شۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا: پەرىشتىلەرگە بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىدىن خەۋەر بەرگىن دەيدۇ، ئادەم ئۇلارغا ئاللاھ تائالا تەلىم بەرگەندەك خەۋەر بېرىدۇ، ئاللاھ پەرىشتىلەرگە: مەن سىلەرگە ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، سىلەرنىڭ ئىشىڭلاردىن ئاشكارا ۋە كۆڭلۈڭلەردە يوشۇرغاننىمۇ بىلىپ تۇرىمەن دېمىگەنمىدىم، دېدى.

Al-Baqara 2:33Listen in Qur'an →
34

وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَٰٓئِكَةِ ٱسْجُدُوا۟ لِءَادَمَ فَسَجَدُوٓا۟ إِلَّآ إِبْلِيسَ أَبَىٰ وَٱسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلْكَٰفِرِينَ

ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى

ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت-ئېھتىرام سەجدىسى قىلىشقا بۇيرىغان ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇشقا ئالدىراپ تىزدىن سەجدە قىلدى، جىنلاردىن بولغان ئىبلىس ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئادەمگە تەكەببۇرلۇق قىلىپ، سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغۇچىلاردىن بولدى.

Al-Baqara 2:34Listen in Qur'an →
35

وَقُلْنَا يَٰٓـَٔادَمُ ٱسْكُنْ أَنتَ وَزَوْجُكَ ٱلْجَنَّةَ وَكُلَا مِنْهَا رَغَدًا حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَٰذِهِ ٱلشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ

بىز (ئادەمگە): «ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (يەنى ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ - ئىچىڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار (يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار)، بولمىسا (ئۆزۈڭلارغا) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدۇق

بىز ئادەمگە: ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتتىكى نەرسىلەردىن قېينالماستىن كەڭتاشا يەپ-ئىچىڭلار. سىلەر مېۋىسىنى يېيىشتىن چەكلەنگەن مۇشۇ دەرەخكە يېقىنلىشىشتىن ساقلىنىڭلار، بولمىسا بۇيرۇقۇمغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر.

Al-Baqara 2:35Listen in Qur'an →
36

فَأَزَلَّهُمَا ٱلشَّيْطَٰنُ عَنْهَا فَأَخْرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِ ۖ وَقُلْنَا ٱهْبِطُوا۟ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّۭ ۖ وَلَكُمْ فِى ٱلْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّۭ وَمَتَٰعٌ إِلَىٰ حِينٍۢ

شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى (يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ خاتالاشتۇردى)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى. (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا) «بىر - بېرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق (ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە (نېمەتلەردىن) بەھرىمەن بولۇڭلار» دېدۇق

شەيتان ئۇ ئىككىسىنى ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەبىھ ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ھەتتا ئاللاھ ئۇلارنى يېيىشتىن چەكلىگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈش ئارقىلىق خاتالاشتۇردى، ئاللاھ بۇ ئىككىسىنى جازالاپ جەننەتتىن چىقاردى، ئۇ ئىككىسىگە ۋە شەيتانغا: بەزىڭلار بەزىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالەتتە زېمىنغا چۈشۈڭلار، سىلەر زېمىندا ئەجىلىڭلار توشۇپ، قىيامەت بولغانغا قەدەر زېمىندىكى نېمەتلەردىن مەنپەئەتلىنىڭلار دېدى

Al-Baqara 2:36Listen in Qur'an →
37

فَتَلَقَّىٰٓ ءَادَمُ مِن رَّبِّهِۦ كَلِمَٰتٍۢ فَتَابَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ

ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە سۆز تەلىم ئالدى (يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى)، اﷲ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىر قانچە سۆز تەلىم ئالدى، ئۇ دۇئالار ئىلھام ئارقىلىق بلدۈرۈلدى، ئۇ سۆزلەر تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت: «ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز، دېدى» [ئەئراپ سۈرىسى 23-ئايەت]. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايتى مېھرىباندۇر

Al-Baqara 2:37Listen in Qur'an →
38

قُلْنَا ٱهْبِطُوا۟ مِنْهَا جَمِيعًۭا ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُم مِّنِّى هُدًۭى فَمَن تَبِعَ هُدَاىَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

(ئۇلارغا) «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى (يەنى پەيغەمبەر) كېلىدۇ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ» دېدۇق

ئۇلارغا: ھەممىڭلار جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈڭلار، سىلەرگە مېنىڭ پەيغەمبىرىم ئارقىلىق مەن تەرەپتىن يول كۆرسەتكۈچ كەلسە، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ۋە پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە ئاخىرەتتە قورقۇنچ بولمايدۇ، دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىگىمۇ قايغۇرمايدۇ، دېدۇق.

Al-Baqara 2:38Listen in Qur'an →
39

وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَٰتِنَآ أُو۟لَٰٓئِكَ أَصْحَٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَٰلِدُونَ

كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ

كاپىر بولغانلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.

Al-Baqara 2:39Listen in Qur'an →
40

يَٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتِىَ ٱلَّتِىٓ أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَوْفُوا۟ بِعَهْدِىٓ أُوفِ بِعَهْدِكُمْ وَإِيَّٰىَ فَٱرْهَبُونِ

ئى ئسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار، ماڭا بەرگەن (ئىمان ئېيتىش ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىش ھەققىدىكى) ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان (ساۋاب بېرىش ھەققىدىكى) ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار

ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى يەئقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئارقىمۇ-ئارقا بەرگەن نېئمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار ۋە ئۇ نېئمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمگە ئىشىنىش ۋە قانۇن-پرىنسىپلىرىمغا ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. مەنمۇ: سىلەرنى دۇنيادا ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش، قىيامەت كۈنىدە ئېسىل مۇكاپات بېرىشتىن ئىبارەت بولغان ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار، ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارنى بۇزماڭلار

Al-Baqara 2:40Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.