Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 271–280 of 286

271

إِن تُبْدُوا۟ ٱلصَّدَقَٰتِ فَنِعِمَّا هِىَ ۖ وَإِن تُخْفُوهَا وَتُؤْتُوهَا ٱلْفُقَرَآءَ فَهُوَ خَيْرٌۭ لَّكُمْ ۚ وَيُكَفِّرُ عَنكُم مِّن سَيِّـَٔاتِكُمْ ۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌۭ

سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ، سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارغا كەففارەت بولىدۇ، اﷲ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر

قىلماقچى بولغان سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، قىلغان سەدىقەڭلار ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى كەمبەغەللەرگە مەخپى ھالدا بەرسەڭلار، بۇ ئاشكارا بەرگەندىن تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى سەدىقىنى مەخپى بېرىش سەمىمىيەتكە ئەڭ يېقىندۇر، سەمىمى كىشىلەرنىڭ قىلغان سەدىقىسى ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى يوشۇرۇپ، گۇناھىنىڭ مەغپىرەت بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، سىلەرنىڭ .ئىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ

Al-Baqara 2:271Listen in Qur'an →
272

۞ لَّيْسَ عَلَيْكَ هُدَىٰهُمْ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَهْدِى مَن يَشَآءُ ۗ وَمَا تُنفِقُوا۟ مِنْ خَيْرٍۢ فَلِأَنفُسِكُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُونَ إِلَّا ٱبْتِغَآءَ وَجْهِ ٱللَّهِ ۚ وَمَا تُنفِقُوا۟ مِنْ خَيْرٍۢ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە اﷲ نىڭ ۋەھىسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن اﷲ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير - ئېھسان قىلىسىلەر (يەنى خەير - ئېھسانىڭلار ئۈچۈن اﷲ نىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)

ئى پەيغەمبەر! ئۇلارنى ھەقكە بويسۇندۇرۇش ۋە ھەقنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس، سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئۇلارغا ھەقنى تونۇتۇش ۋە ھەق يولغا باشلاپ قويۇشتىن ئىبارەتتۇر. ھەقكە مۇۋەپپەق قىلىش ۋە ھىدايەت قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھەقكە ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭدىن بىھاجەتتۇر، خەير ـ ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار. ھەقىقى مۆئمىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ خەير-ئېھسان قىلىدۇ، مېلىڭلاردىن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ.

Al-Baqara 2:272Listen in Qur'an →
273

لِلْفُقَرَآءِ ٱلَّذِينَ أُحْصِرُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ ضَرْبًۭا فِى ٱلْأَرْضِ يَحْسَبُهُمُ ٱلْجَاهِلُ أَغْنِيَآءَ مِنَ ٱلتَّعَفُّفِ تَعْرِفُهُم بِسِيمَٰهُمْ لَا يَسْـَٔلُونَ ٱلنَّاسَ إِلْحَافًۭا ۗ وَمَا تُنفِقُوا۟ مِنْ خَيْرٍۢ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٌ

ئۆزىنى اﷲ يولىغا ئاتىغان، (تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن) يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير - ئېھسان قىلىنىشى كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر

تىرىكچىلىك قىلىش سەۋەبلىك ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن چەكلىنىپ قالغان يوقسۇللارغا خەير-ئېھسان قىلىنىشى كېرەك، ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارغا سىنچىلاپ قارىغاندا ئۇلارنىڭ كىيىم-كىچەك ۋە سېرتقى كۆرۈنىشىدىن ھاجەتمەن ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلار باشقا كەمبەغەللەرگە ئوخشاش كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرگە كاتتا مۇكاپات بېرىدۇ

Al-Baqara 2:273Listen in Qur'an →
274

ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَٰلَهُم بِٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ سِرًّۭا وَعَلَانِيَةًۭ فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

ماللىرىنى كېچە - كۈندۈز (يەنى ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير - ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ

ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ كېچە ـ كۈندۈز ھەممە ۋاقىت، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا رىيا قىلماستىن ۋە باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلماستىن خەير ـ ئېھسان قىلىدىغانلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن پەزلى-نېئمەت بىلەن ئاخىرەتتە قورقۇنچ يوقتۇر. دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلىرگە غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ.

Al-Baqara 2:274Listen in Qur'an →
275

ٱلَّذِينَ يَأْكُلُونَ ٱلرِّبَوٰا۟ لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ ٱلَّذِى يَتَخَبَّطُهُ ٱلشَّيْطَٰنُ مِنَ ٱلْمَسِّ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوٓا۟ إِنَّمَا ٱلْبَيْعُ مِثْلُ ٱلرِّبَوٰا۟ ۗ وَأَحَلَّ ٱللَّهُ ٱلْبَيْعَ وَحَرَّمَ ٱلرِّبَوٰا۟ ۚ فَمَن جَآءَهُۥ مَوْعِظَةٌۭ مِّن رَّبِّهِۦ فَٱنتَهَىٰ فَلَهُۥ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُۥٓ إِلَى ٱللَّهِ ۖ وَمَنْ عَادَ فَأُو۟لَٰٓئِكَ أَصْحَٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَٰلِدُونَ

جازانە، ئۆسۈم يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار اﷲ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ: «سودا - سېتىق، جازانىگە ئوخشاش (جازانە نېمىشقا ھارام بولىدۇ؟)» دېدى. اﷲ سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز - نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى اﷲ قا تاپشۇرۇلىدۇ (يەنى اﷲ خالىسا ئۈنى كەچۈرىدۇ، خالىسا جازالايدۇ). قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ

جازانە، ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەر قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان جازانىنى ھالال بىلىپ، ئاللاھ ھالال قىلغان سودا ـ سېتىق بىلەن جازانىنىڭ ئارىسىنى ئايرىماي، سودا-سېتىقمۇ جازانىغا ئوخشاش، ھەر بىرى مالنى زىيادە قىلىش ۋە مەنپەئەت ئىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، دېدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ توغرا بولمىغان قىياسى ۋە يالغانچىلىقلىرىغا رەددىيە بېرىپ، سودىنىڭ ئومۇمغا ۋە شەخسلەرگە پايدىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھالال ئىكەنلىكىنى، جازانىنىڭ بولسا زۇلۇم قىلىپ، بەدەلسىز باتىل يول ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى يېيىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن جازانىدىن چەكلەش توغرىسىدىكى چەكلىمە كەلگەن ۋە ھۆججەت تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ دېگەندىن مەقسەت: ئۇلار جازانىنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلغان، ياكى بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت دوزاختا تۇرۇپ قالىدىغانلىقى كۆزدە تۇتىلىدۇ، چۈنكى دوزاختا مەڭگۈ قىلىش دېگەن كاپىرلار ئۈچۈن .بولىدۇ، ئەمما ئەھلى تەۋھىد دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ

Al-Baqara 2:275Listen in Qur'an →
276

يَمْحَقُ ٱللَّهُ ٱلرِّبَوٰا۟ وَيُرْبِى ٱلصَّدَقَٰتِ ۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ

اﷲ جازانىنىڭ (بەرىكىتىنى) ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ (بەرىكىتىنى) زىيادە قىلىدۇ. اﷲ ھەربىر ناشۈكۈر (يەنى جازانىنى ھالال سانىغۇچى) گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ

ئاللاھ جازانە قىلغان مالنى ھالاك قىلىدۇ ۋە ساھىبىنىڭ قولىدىن ئىلىپ قويىدۇ، ياكى ئەمەلىيەتتە ھالاك قىلىدۇ ياكى مەنىۋىي تەرەپتىن ئۇنىڭ بەرىكىتىنى تارتىۋېتىدۇ، سەدىقە مالنىڭ بەرىكىتىنى زىيادە قىلىدۇ، ساۋابىنى كۆپەيتىپ ئۆستۈرىدۇ، بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋىرىدىن يەتتە يۈز ھەتتا ئۇنىڭدىن زىيادە بولىدۇ، سەدىقە قىلغۇچىنىڭ ماللىرىغا بەرىكەت بېرىلىدۇ، ئاللاھ تائالا گۇناھ-مەسىيەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچى، چەكلەنگەن-ھارام نەرسىنى ھالال دەپ قارىغۇچى ھەرقانداق گەردەنكەش كاپىرنى ياقتۇرمايدۇ

Al-Baqara 2:276Listen in Qur'an →
277

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَأَقَامُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُا۟ ٱلزَّكَوٰةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (چوڭ) ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلاردا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ

ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى ئاللاھ يولغا قويغان بويىچە تولۇق ئادا قىلغان، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى مۇستەھىق بولغان كىشىلەرگە بەرگەنلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا ئاخىرەتتە قورقۇنچ يوقتۇر، دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلەرگە غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ

Al-Baqara 2:277Listen in Qur'an →
278

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَذَرُوا۟ مَا بَقِىَ مِنَ ٱلرِّبَوٰٓا۟ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقي) مۆمىن بولساڭلار، اﷲ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك) قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار

ئى ئاللاھغا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورققان كىشىلەر! ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقى ئىشەنسەڭلار ۋە جازانىدىن توسقان چەكلىمىسىگە ئەمەل قىلساڭلار، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلاردىن كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە قېلىپ قالغان جازانىنى تەلەپ قىلماڭلار.

Al-Baqara 2:278Listen in Qur'an →
279

فَإِن لَّمْ تَفْعَلُوا۟ فَأْذَنُوا۟ بِحَرْبٍۢ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ۖ وَإِن تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَٰلِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ

ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، ئەگەر (جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن) سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر

ئەگەر سىلەر بۇيرۇلغان ئىشنى قىلمىساڭلار، بىلىڭلاركى! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئاچقان بولىسىلەر، ئەگەر جازانىنى تەرك قىلىش بىلەن ئاللاھغا تەۋبە قىلساڭلار، سىلەرنىڭ قەرز بەرگەن سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، ئەسلى سەرمايىدىن ئارتۇق ئىلىش بىلەن باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر ۋە سىلەرمۇ ئەسلى سەرمايىنى كىمەيتىۋېتىش بىلەن زىيان تارتمايسىلەر

Al-Baqara 2:279Listen in Qur'an →
280

وَإِن كَانَ ذُو عُسْرَةٍۢ فَنَظِرَةٌ إِلَىٰ مَيْسَرَةٍۢ ۚ وَأَن تَصَدَّقُوا۟ خَيْرٌۭ لَّكُمْ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ

ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر

ئەگەر سىلەر قەرز بەرگەن مالنى تەلەپ قىلىدىغان كىشىنىڭ قولى قىسقا بولۇپ قەرزنى ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىسا، ئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، قەرزنى ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپقۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى تەلەپ قىلماي سەدىقە قىلىۋەتسەڭلار ياكى قەرزنىڭ بەزىسىنى ئەپۇ قىلىۋەتسەڭلەر، بۇ ئىشنىڭ ئاللاھ ھوزۇرىدىكى پەزىلىتىنى بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.

Al-Baqara 2:280Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.