Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 261–270 of 286

261

مَّثَلُ ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَٰلَهُمْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنۢبَتَتْ سَبْعَ سَنَابِلَ فِى كُلِّ سُنۢبُلَةٍۢ مِّا۟ئَةُ حَبَّةٍۢ ۗ وَٱللَّهُ يُضَٰعِفُ لِمَن يَشَآءُ ۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ

اﷲ نىڭ يولىدا پۇل - مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ (سەرپ قىلغان نەرسىسى يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا 100 دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ. اﷲ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. اﷲ نىڭ مەرھەمىتى (چەكلىك ئەمەس) كەڭدۇر (اﷲ مال سەرپ قىلغۇچىنىڭ نىيىتىنى بىلگۈچىدۇر)

پۇل-مېلىنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلغان مۆئمىنغا بېرىلىدىغان ساۋابنىڭ مىسالى: دىھقان يەرگە ئۇرۇغ سالسا ئۇنىڭدىن يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر بىر باشاقتا يۈزدىن دان تۇتقان باشاققا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى، مەرھەمىتى چەكسىز ۋە كەڭرىدۇر. كىمنىڭ ئەجىر ۋە ساۋابقا ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلگۈچىدۇر.

Al-Baqara 2:261Listen in Qur'an →
262

ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَٰلَهُمْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ثُمَّ لَا يُتْبِعُونَ مَآ أَنفَقُوا۟ مَنًّۭا وَلَآ أَذًۭى ۙ لَّهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

پۇل - مېلىنى اﷲ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە (خەير - ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ

پۇل-ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىسىگە ئۇنىڭ ساۋابىنى بىكار قېلىۋىتىدىغان ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ھەركىتى بىلەن مىننەت قىلمايدىغان، ئۇلارنى رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا قىيامەت كۈنىدە قورقۇنچ بولمايدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نېئمەت كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىسىگە .قايغۇرمايدۇ

Al-Baqara 2:262Listen in Qur'an →
263

۞ قَوْلٌۭ مَّعْرُوفٌۭ وَمَغْفِرَةٌ خَيْرٌۭ مِّن صَدَقَةٍۢ يَتْبَعُهَآ أَذًۭى ۗ وَٱللَّهُ غَنِىٌّ حَلِيمٌۭ

ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈش كېيىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. اﷲ (بەندىلەرنىڭ سەدىقىسىدىن) بىھاجەتتۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ

ياخشى سۆز ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا خۇرسەنلىك پەيدا قىلىش، يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرۈش، ئەزىيەت ئېلىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن يەنى سەدىقە قىلىپ بولۇپ، سەدىقە قېلىنغۇچىغا مىننەت قىلىشتىن ياخشىدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سەدىقىسىدىن بىھاجەتتۇر، ئۇ ھەلىمدۇر يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ.

Al-Baqara 2:263Listen in Qur'an →
264

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تُبْطِلُوا۟ صَدَقَٰتِكُم بِٱلْمَنِّ وَٱلْأَذَىٰ كَٱلَّذِى يُنفِقُ مَالَهُۥ رِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ ۖ فَمَثَلُهُۥ كَمَثَلِ صَفْوَانٍ عَلَيْهِ تُرَابٌۭ فَأَصَابَهُۥ وَابِلٌۭ فَتَرَكَهُۥ صَلْدًۭا ۖ لَّا يَقْدِرُونَ عَلَىٰ شَىْءٍۢ مِّمَّا كَسَبُوا۟ ۗ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلْكَٰفِرِينَ

ئى مۆمىنلەر! پۇل - مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق (پۇل - مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان) ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا - چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. اﷲ كاپىر قەۋمىنى ھىدايەت قىلمايدۇ

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! سەدىقە قىلىنغۇچىغا مىننەت قىلىپ، ئەزىيەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق قىلغان سەدىقىلىرىڭلارنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار، بۇنداق كىشىنىڭ مىسالى: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغان، جازا ۋە مۇكاپاتقا ئىشەنمەيدىغان، پۇل-مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ۋە ماختىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان كىشىنىڭ قىلمىشىغا ئوخشايدۇ. بۇنداق پۇل ـ مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئادەمنىڭ مىسالى، خۇددى ئۈستىگە توپا ـ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن يۇيۇلۇپ بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ.ئاشۇنىڭغا ئوخشاش رىيا قىلغۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ۋە سەدىقىلىرىنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋېتىدۇ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنىڭدىن بىر نەرسە قالمايدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى ئۆزى رازى بولىدىغان، سەدىقە ۋە ئەمەللىرىدە پايدىغا ئېرىشىدىغان ئىشلارغا يېتەكلىمەيدۇ.

Al-Baqara 2:264Listen in Qur'an →
265

وَمَثَلُ ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَٰلَهُمُ ٱبْتِغَآءَ مَرْضَاتِ ٱللَّهِ وَتَثْبِيتًۭا مِّنْ أَنفُسِهِمْ كَمَثَلِ جَنَّةٍۭ بِرَبْوَةٍ أَصَابَهَا وَابِلٌۭ فَـَٔاتَتْ أُكُلَهَا ضِعْفَيْنِ فَإِن لَّمْ يُصِبْهَا وَابِلٌۭ فَطَلٌّۭ ۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

ماللىرىنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەش ۋە نەپسىلىرىنى (سەدىقە - ئېھسانغا) ئادەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن سەرپ قىلىدىغانلار ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولمىسا شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان (يەنى قايسى ھالدا بولسۇن مېۋە بېرىدىغان) بىر باغقا ئوخشايدۇ (دېمەك، بۇنداق خەير - ساخاۋەتلىك ئادەم مېلى كۆپ بولسا كۆپكە يارىشا، ئاز بولسا ئازغا يارىشا بېرىدۇ). اﷲ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ سەرپ قىلغان مۆئمىنلەرنىڭ مىسالى: ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، ئەگەر قاتتىق يامغۇر ياغماستىن يەڭگىل ياققان يامغۇردىمۇ مېۋە بېرىدىغان بىر باغقا ئوخشايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ چىن كۆڭۈلدىن سەرپ قىلىنغان نەپىقىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە گەرچە ئۇ ئاز بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ. ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئىخلاس قىلغۇچىلار بىلەن رىيا قىلغۇچىلارنىڭ ئىشلىرى مەخپى قالمايدۇ. ئاللاھ ھەممىسىنى قىلمىشىغا .كۆرە مۇكاپاتلايدۇ

Al-Baqara 2:265Listen in Qur'an →
266

أَيَوَدُّ أَحَدُكُمْ أَن تَكُونَ لَهُۥ جَنَّةٌۭ مِّن نَّخِيلٍۢ وَأَعْنَابٍۢ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَٰرُ لَهُۥ فِيهَا مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ وَأَصَابَهُ ٱلْكِبَرُ وَلَهُۥ ذُرِّيَّةٌۭ ضُعَفَآءُ فَأَصَابَهَآ إِعْصَارٌۭ فِيهِ نَارٌۭ فَٱحْتَرَقَتْ ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلْءَايَٰتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ

ئاراڭلاردا كىممۇ ياقتۇرسۇنكى، ئۇنىڭ خورمىلىق، ئۈزۈملۈك، ئاستىدىن ئېرىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى بولغان بىر بېغى بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى قېرىپ قالغان، بالىلىرى ئۇششاق بولۇپ، (بۇ باغ) ئوت ئېلىپ كەلگەن بىر قارا بوراندا كۆيۈپ كەتسۇن. سىلەرنىڭ ئويلىنىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە ئايەتلىرىنى شۇنداق (گۈزەل مىسال بىلەن) بايان قىلىدۇ (يەنى پۇل - مېلىنى رىيا ئۈچۈن سەرپ قىلغان ياكى باشقىلارغا رەنجىتىش، مىننەت قىلىش بىلەن سەرپ قىلغان ئادەم ساۋابىنى ئەڭ موھتاج تۇرۇقلۇق يوقىتىپ قويغان بولىدۇ)

ئاراڭلاردا كىممۇ، ئۇنىڭ خورمىلىق، ئۈزۈملۈك، ئاستىدىن ئېرىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى بولغان بىر بېغى بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى قېرىپ ئىش-ئەمگەكتىن قالغان، بالىلىرى ئىشقا يارىمايدىغان ئۇششاق بولۇپ، ئۇ كىشى ياشىنىپ، بۇ باغقا قاتتىق ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا، بۇ باغ قارا بوران ئېلىپ كەلگەن ئوتتا كۆيۈپ كېتىشىنى ياقتۇرامدۇ؟ پۇل-ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلىپ سەرپ قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى ياخشىلىققا بەك ئېھتىياجلىق بولىدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا ھېچقانداق ساۋابسىز كەلتۈرىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئويلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتى بولىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى شۇنداق گۈزەل مىسال بىلەن بايان قىلىدۇ.

Al-Baqara 2:266Listen in Qur'an →
267

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَنفِقُوا۟ مِن طَيِّبَٰتِ مَا كَسَبْتُمْ وَمِمَّآ أَخْرَجْنَا لَكُم مِّنَ ٱلْأَرْضِ ۖ وَلَا تَيَمَّمُوا۟ ٱلْخَبِيثَ مِنْهُ تُنفِقُونَ وَلَسْتُم بِـَٔاخِذِيهِ إِلَّآ أَن تُغْمِضُوا۟ فِيهِ ۚ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ غَنِىٌّ حَمِيدٌ

ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر) نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ (بۇنداق سەدىقەڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، ھەمدىگە لايىقتۇر

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! سىلەر ھالال يول بىلەن قان-تەرىڭلارنى ئىقىتىپ تاپقان مالدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن ھالال ۋە پاكىزە نەرسىلەردىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ ناچارلىرىنى سەدىقە قىلىشنى مەقسەت قىلماڭلار، ئەگەر سىلەرگە بېرىلسىمۇ ئۇ نەرسىنىڭ ناچارلىقىنى يامان كۆۈپ تۇرۇپ ئالىسىلەر، ئۆزۈڭلار رازى بولمايدىغان نەرسىنى قانداقمۇ ئاللاھ ئۈچۈن رازى بولۇپ سەرپ قىلىسىلەر؟، بىلىڭلاركى، ئاللاھ بۇنداق سەدىقەڭلاردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ ئۆز زاتىدا ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە .چەكسىز ھەمدۇ-سانالارغا لايىقتۇر

Al-Baqara 2:267Listen in Qur'an →
268

ٱلشَّيْطَٰنُ يَعِدُكُمُ ٱلْفَقْرَ وَيَأْمُرُكُم بِٱلْفَحْشَآءِ ۖ وَٱللَّهُ يَعِدُكُم مَّغْفِرَةًۭ مِّنْهُ وَفَضْلًۭا ۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌۭ

شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا (يەنى بېخىللىققا، زاكات بەرمەسلىككە) بۇيرۇيدۇ؛ اﷲ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. اﷲ نىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

شەيتان سىلەرنى پۇل-مىلىڭلارنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىش ئارقىلىق پېقىر بولۇپ قىلىشىڭلاردىن قورقۇتۇپ بېخىللىققا بۇيرۇيدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ۋە يامان ئىشلارغاچاقىرىدۇ، ئاللاھ سىلەرگە گۇناھىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىش، كەڭرى رىزىق بېرىش ئۈچۈن كاتتا پەزلى-رەھمىتىنى ۋەدە قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭرىدۇر، ئۇ بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

Al-Baqara 2:268Listen in Qur'an →
269

يُؤْتِى ٱلْحِكْمَةَ مَن يَشَآءُ ۚ وَمَن يُؤْتَ ٱلْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِىَ خَيْرًۭا كَثِيرًۭا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّآ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَٰبِ

ھېكمەتنى (يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئالىدۇ

ئاللاھ ئۆزىنىڭ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ياخشى ئىشقا يىتەكلەيدىغان ۋە توغرا سۆز قىلىدىغان ھېكمەتنى ئاتا قىلىدۇ، بۇنداق ھېكمەت ئاتا قىلىنغان كىشى كۆپ ياخشىلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن توغرا يول تاپقان، ئىمان نۇرى قەلبىنى يورۇتقان، كامالىي ئەقىل ئىگىلىرىلا ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ.

Al-Baqara 2:269Listen in Qur'an →
270

وَمَآ أَنفَقْتُم مِّن نَّفَقَةٍ أَوْ نَذَرْتُم مِّن نَّذْرٍۢ فَإِنَّ ٱللَّهَ يَعْلَمُهُۥ ۗ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ

نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار ياكى (اﷲ نىڭ يولىدا) نېمىنى ۋەدە قىلماڭلار، اﷲ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ. زالىملار (يەنى زاكاتنى مەنئى قىلغۇچىلار ياكى پۇل - مېلىنى گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلغۇچىلار) غا ھېچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ

ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ياخشىلىقتىن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نېمىنى خەير-ئىھسان قىلساڭلار ياكى نەپلە ئىبادەتلەرنى داۋام قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇ ئىشنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، سىلەرنى ئەڭ كاتتا ساۋاب بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەتلەرنى چەكلىگەن ياكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىغان زالىملارغا، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مۇداپىئە قىلىدىغان مەدەتكار بولمايدۇ.

Al-Baqara 2:270Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.