Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 251–260 of 286

251

فَهَزَمُوهُم بِإِذْنِ ٱللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُۥدُ جَالُوتَ وَءَاتَىٰهُ ٱللَّهُ ٱلْمُلْكَ وَٱلْحِكْمَةَ وَعَلَّمَهُۥ مِمَّا يَشَآءُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ ٱللَّهِ ٱلنَّاسَ بَعْضَهُم بِبَعْضٍۢ لَّفَسَدَتِ ٱلْأَرْضُ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ ذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلْعَٰلَمِينَ

مۆمىنلەر اﷲ نىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. اﷲ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرىنى (يەنى پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. اﷲ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (يەنى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خارابلىققا يۈزلىنەتتى)، لېكىن اﷲ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر

مۆئمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد ئۇلارنىڭ قوماندانى جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى بەردى. ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ئۆزى ئىرادە قىلغان ھەر تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۈگەتتى ۋە ئۇنىڭدا جەملىدى. كىشىلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىيە قىلىپ تۇرۇش ئاللاھنىڭ قانۇنيىتى بولمىسا ئىدى، يەر يۈزىنى بۇزغۇنچىلار ئىگەللەش ئارقىلىق، يەر يۈزى خاراپلىققا يۈزلىنەتتى. لېكىن ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.

Al-Baqara 2:251Listen in Qur'an →
252

تِلْكَ ءَايَٰتُ ٱللَّهِ نَتْلُوهَا عَلَيْكَ بِٱلْحَقِّ ۚ وَإِنَّكَ لَمِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ

بۇ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىدۇركى، ئۇنى بىز ساڭا توغرا رەۋىشتە ئوقۇپ بېرىمىز. (ئى مۇھەممەد!) سەن ئەلۋەتتە (اﷲ نىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن) پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىسەن

ئى پەيغەمبەر! بۇ خەۋەرلىرىدە راستچىللىقنى، ئەھكاملىرىدا ئادالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىدۇركى، ئۇنى بىز ساڭا ئوقۇپ بىرىمىز. سەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىدۇرسەن.

Al-Baqara 2:252Listen in Qur'an →
253

۞ تِلْكَ ٱلرُّسُلُ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍۢ ۘ مِّنْهُم مَّن كَلَّمَ ٱللَّهُ ۖ وَرَفَعَ بَعْضَهُمْ دَرَجَٰتٍۢ ۚ وَءَاتَيْنَا عِيسَى ٱبْنَ مَرْيَمَ ٱلْبَيِّنَٰتِ وَأَيَّدْنَٰهُ بِرُوحِ ٱلْقُدُسِ ۗ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ مَا ٱقْتَتَلَ ٱلَّذِينَ مِنۢ بَعْدِهِم مِّنۢ بَعْدِ مَا جَآءَتْهُمُ ٱلْبَيِّنَٰتُ وَلَٰكِنِ ٱخْتَلَفُوا۟ فَمِنْهُم مَّنْ ءَامَنَ وَمِنْهُم مَّن كَفَرَ ۚ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ مَا ٱقْتَتَلُوا۟ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ

ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ اﷲ ئۇلارنىڭ بەزىسى (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام) بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەريەم ئوغلى ئىساغا (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش) روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) بىلەن كۈچلەندۈردۇق، ئەگەر اﷲ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى، بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى. ئەگەر اﷲ خالىغا بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن اﷲ خالىغىنىنى قىلىدۇ

بىز ساڭا ئىسمىنى زىكىر قىلغان ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى ۋەھيى، ئەگىشىش ۋە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولىشى قاتارلىق تەرەپلەردە بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، شۇنىڭدەك، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بەزى پەيغەمبەرلەر بىلەن ئاللاھ سۆزلەشتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قىلدى، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھنى ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى، پەيغەمبەرلىكنى ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتۇردى، ئۇنىڭ ئۈممىتىنى باشقا ئۈممەتلەردىن پەزىلەتلىك قىلدى. مەريەم ئوغلى ئىساغا ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنلاشتا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆز-ئارا ئۇرۇشمىغان بولاتتى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى ۋە بۆلۈندى، بەزىسى ئاللاھقا ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆز-ئارا ئۇرۇشمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن ئىمانغا ھىدايەت قىلىدۇ ۋە خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ ئەدلى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئازدۇرىدۇ.

Al-Baqara 2:253Listen in Qur'an →
254

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَنفِقُوا۟ مِمَّا رَزَقْنَٰكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِىَ يَوْمٌۭ لَّا بَيْعٌۭ فِيهِ وَلَا خُلَّةٌۭ وَلَا شَفَٰعَةٌۭ ۗ وَٱلْكَٰفِرُونَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ

ئى مۆمىنلەر! سودا - سېتىق، دوستلۇق ۋە (اﷲ نىڭ ئىزنىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كۇفرانى نېمەت قىلغۇچىلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! قىيامەت كۈنى بولۇشتىن ئىلگىرى بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن تۈرلۈك ھالال مال-مۈلۈكلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىڭلار، ئۈ كۈندە ئىنسان ئۆزىگە مەنپەئەتلىك نەرسىنى تاپىدىغان سودا-سېتىق بولمايدۇ، بەك ئېھتىياجلىق بولغاندا ئەسقاتىدىغان دوستلۇقمۇ بولمايدۇ، ئاللاھ ئۆزى رازى بولغان ۋە خالىغان كىشىگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت بەرگەندىن باشقا، زىياننى يوق قىلىپ، پايدىنى كەلتۈرىدىغان ھېچقانداق ۋاسىتە بولمايدۇ، كاپىرلار ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھەقىقى زالىملاردۇر.

Al-Baqara 2:254Listen in Qur'an →
255

ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلْحَىُّ ٱلْقَيُّومُ ۚ لَا تَأْخُذُهُۥ سِنَةٌۭ وَلَا نَوْمٌۭ ۚ لَّهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۗ مَن ذَا ٱلَّذِى يَشْفَعُ عِندَهُۥٓ إِلَّا بِإِذْنِهِۦ ۚ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۖ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَىْءٍۢ مِّنْ عِلْمِهِۦٓ إِلَّا بِمَا شَآءَ ۚ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ ۖ وَلَا يَـُٔودُهُۥ حِفْظُهُمَا ۚ وَهُوَ ٱلْعَلِىُّ ٱلْعَظِيمُ

بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئەبەدى ھاياتتۇر. ئۇنىڭ ھاياتلىقى ئۆلۈم ۋە كەمچىللىكتىن خالى بولغان دائىمىي مۇكەممەل ھاياتتۇر. ئۇ ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى بولۇپ، ئۆز مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ ئىدارە قىلىشى بىلەن بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھدىن بىھاجەت بولالمايدۇ، ئاللاھ مۇكەممەل ئەبەدىي ھاياتقا ئىگە ئىدارە قىلغۇچى بولۇپ، ئۇنى مۈگە باسمايدۇ ۋە ئۇيقۇ تۇتمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە يەككە-يېگانە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ۋە رازىلىقىسىز ھېچكىم باشقا بىرىگە شاپائەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە مۇستەقبەلدە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ئاللاھ ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان ۋە پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىزدۇر. ئاللاھنىڭ كۇرسى يەنى، ئاللاھنىڭ ئىككى پۇتىنى قويۇدىغان ئورۇن بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭرىلىكى ۋە كاتتىلىقى ئاسمان ۋە زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان ـ زېمىننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە غالىپلىقى بىلەن يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، پادىشاھلىقى ۋە ھۆكۈمرانلىقىدا ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.

Al-Baqara 2:255Listen in Qur'an →
256

لَآ إِكْرَاهَ فِى ٱلدِّينِ ۖ قَد تَّبَيَّنَ ٱلرُّشْدُ مِنَ ٱلْغَىِّ ۚ فَمَن يَكْفُرْ بِٱلطَّٰغُوتِ وَيُؤْمِنۢ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱسْتَمْسَكَ بِٱلْعُرْوَةِ ٱلْوُثْقَىٰ لَا ٱنفِصَامَ لَهَا ۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى اﷲ تىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ئىسلام دىنىدا ھېچ كىشىنى ئۇنىڭغا كىرىشكە زورلاش يوقتۇر، چۈنكى ئۇ ئوچۇق-ئاشكارا ھەق دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنى ئۇنىڭغا كېرىشكە زورلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن روشەن ئايرىلدى، كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان بارلىق شەيتانىي كۈچ ۋە تۈزۈمنى ئىنكار قىلىپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ ساغلام دىندىن ئىبارەت (يەنى قىيامەت كۈنى نىجاتلىق ئۈچۈن ئۈزۈلمەيدىغان) مەھكەم تۇتقىنى مۇستەھكەم تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-Baqara 2:256Listen in Qur'an →
257

ٱللَّهُ وَلِىُّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ يُخْرِجُهُم مِّنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ ۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَوْلِيَآؤُهُمُ ٱلطَّٰغُوتُ يُخْرِجُونَهُم مِّنَ ٱلنُّورِ إِلَى ٱلظُّلُمَٰتِ ۗ أُو۟لَٰٓئِكَ أَصْحَٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَٰلِدُونَ

اﷲ مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇ، ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) زۇلمىتىدىن (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ؛ كاپىرلارنىڭ ئىگىسى شەيتاندۇر. ئۇلارنى (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىدىن (گۇمراھلىقنىڭ) قاراڭغۇلۇقىغا چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر

ئاللاھ ئىمان ئىيتقان مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ، ئۇلارنى كۇفرى ۋە نادانلىقنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ئىمان ۋە ئىلىمنىڭ يورۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ. كاپىرلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارغا كۇپىرنى چىرايلىق كۆرسەتكەن تاغۇتلاردۇر، ئۇلارنى ئىمان ۋە ئىلىمنىڭ يورۇقلۇقىدىن كۇپىرنىڭ ۋە گۇمراھلىقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىغا چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى دوزىخىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.

Al-Baqara 2:257Listen in Qur'an →
258

أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِى حَآجَّ إِبْرَٰهِۦمَ فِى رَبِّهِۦٓ أَنْ ءَاتَىٰهُ ٱللَّهُ ٱلْمُلْكَ إِذْ قَالَ إِبْرَٰهِۦمُ رَبِّىَ ٱلَّذِى يُحْىِۦ وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا۠ أُحْىِۦ وَأُمِيتُ ۖ قَالَ إِبْرَٰهِۦمُ فَإِنَّ ٱللَّهَ يَأْتِى بِٱلشَّمْسِ مِنَ ٱلْمَشْرِقِ فَأْتِ بِهَا مِنَ ٱلْمَغْرِبِ فَبُهِتَ ٱلَّذِى كَفَرَ ۗ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّٰلِمِينَ

پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، اﷲ نىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (اﷲ نىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كىلىپ بىرىنى ئۆلتۈردى، بىرىنى قويۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ): «اﷲ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە پەرۋەردىگارلىقى توغرىسىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن نەمرۇدنى كۆرمىدىڭمۇ؟!، ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ: «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەممە خالايىقنى تىرىلدۈرەلەيدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ زالىم ھەددىدىن ئېشىپ: «مەنمۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيمەن، تىرىكنى ئۆلتۈرەلەيمەن، خالىغان كىشىنى ئۆلتۈرىمەن ۋە خالىغان كىشىنى ئەپۇ قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىنمۇ بۈيۇكراق دەلىلنى كەلتۈرۈپ: «مەن ئىبادەت قىلىدىغان ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. بۇنداق پاكىت ئالدىدا ئۇ كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەلىلى كۈچلۈك كەلدى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ئۇلارنىڭ زالىملىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.

Al-Baqara 2:258Listen in Qur'an →
259

أَوْ كَٱلَّذِى مَرَّ عَلَىٰ قَرْيَةٍۢ وَهِىَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّىٰ يُحْىِۦ هَٰذِهِ ٱللَّهُ بَعْدَ مَوْتِهَا ۖ فَأَمَاتَهُ ٱللَّهُ مِا۟ئَةَ عَامٍۢ ثُمَّ بَعَثَهُۥ ۖ قَالَ كَمْ لَبِثْتَ ۖ قَالَ لَبِثْتُ يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍۢ ۖ قَالَ بَل لَّبِثْتَ مِا۟ئَةَ عَامٍۢ فَٱنظُرْ إِلَىٰ طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمْ يَتَسَنَّهْ ۖ وَٱنظُرْ إِلَىٰ حِمَارِكَ وَلِنَجْعَلَكَ ءَايَةًۭ لِّلنَّاسِ ۖ وَٱنظُرْ إِلَى ٱلْعِظَامِ كَيْفَ نُنشِزُهَا ثُمَّ نَكْسُوهَا لَحْمًۭا ۚ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُۥ قَالَ أَعْلَمُ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍۢ قَدِيرٌۭ

ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان (خارابە) شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دىن ئۆتكەن كىشىنى (يەنى ئۇزەيرنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ (ئەجەبلىنىپ): «اﷲ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. اﷲ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى. اﷲ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «(بۇ ھالەتتە) قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. اﷲ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، (تولۇق) 100 يىل تۇردۇڭ! يېمەك ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارىغىنكى (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). (ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى بىز كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز. (يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا (يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: «مەن اﷲ نىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى

ياكى سەن تاملىرى ئۆرۈلۈپ، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان، ئادەملىرى ھالاك بولغان، خارابە شەھەردىن ئۆتكەن كىشىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ ئەجەبلىنىپ: «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. ئاللاھ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىلدۈردى. ئاللاھ پەرىشتە ئارقىلىق ئۇنىڭدىن: «بۇ ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: بەلكى سەن تولۇق 100 يىل تۇردۇڭ! يېمەك- ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، ئۇ يېڭى ھالەتتە بۇزۇلمىغان؛ ئۆلۈك ئېشىكىڭگە قارىغىنكى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن، بىر-بىرىدىن ئاجرىغان بۇ سۆڭەكلەرگە گوش پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭغا قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلىمىز. ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز سېنى كىشىلەرگە ئۇلارنى ئۆلگەندىن كىيىن تېرىلدۇرىدىغان قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. يۇقىرىقى ئىشلار ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن ۋە ئاللاھنىڭ قۇدىرتىنى بىلگەن چاغدا، ئۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىپ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى

Al-Baqara 2:259Listen in Qur'an →
260

وَإِذْ قَالَ إِبْرَٰهِۦمُ رَبِّ أَرِنِى كَيْفَ تُحْىِ ٱلْمَوْتَىٰ ۖ قَالَ أَوَلَمْ تُؤْمِن ۖ قَالَ بَلَىٰ وَلَٰكِن لِّيَطْمَئِنَّ قَلْبِى ۖ قَالَ فَخُذْ أَرْبَعَةًۭ مِّنَ ٱلطَّيْرِ فَصُرْهُنَّ إِلَيْكَ ثُمَّ ٱجْعَلْ عَلَىٰ كُلِّ جَبَلٍۢ مِّنْهُنَّ جُزْءًۭا ثُمَّ ٱدْعُهُنَّ يَأْتِينَكَ سَعْيًۭا ۚ وَٱعْلَمْ أَنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌۭ

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. اﷲ: «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. اﷲ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە توپلىغىن (يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار چاپسان كېلىدۇ». بىلگىنكى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئى پەيغەمبەر! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇنۇ سۆزىنى ئەسلە: پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن دېدى، ئاللاھ: «ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنمىدىڭمۇ؟»دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈمنىڭ تېخىمۇ خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن»دېدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇيرۇپ: «قۇشتىن تۆرتنى ئالغىن، ئۇلارنى توپلىغىن يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن، ئاندىن ھەر بىرتاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، ئۇلارغا جان كېرىپ سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇچقانچە كېلىدۇ. ئەي ئىبراھىم! بىلگىنكى، ئاللاھ ئۆز پادىشاھلىقىدا غالىبتۇر، ئۆزىنىڭ بۇيرۇق ۋە بەلگىلىمىلىرىدە، يارىتىشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

Al-Baqara 2:260Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.