Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 21–30 of 286

21

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱعْبُدُوا۟ رَبَّكُمُ ٱلَّذِى خَلَقَكُمْ وَٱلَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ

ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار

ئى ئىنسانلار! سىلەر يالغۇز پەرۋەردىگارىڭلارغا، ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ئاللاھ سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتتى، سىلەردىن ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن ئۆزۈڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ ئارىسىدا توسانجا قېلىشىڭلار ئۈمىد قىلىنىدۇ

Al-Baqara 2:21Listen in Qur'an →
22

ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ فِرَٰشًۭا وَٱلسَّمَآءَ بِنَآءًۭ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءًۭ فَأَخْرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزْقًۭا لَّكُمْ ۖ فَلَا تَجْعَلُوا۟ لِلَّهِ أَندَادًۭا وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ

اﷲ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا (يەنى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش) قىلىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. ئەمدى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى، سىلەر (اﷲ نىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر

ئاللاھ زېمىننى سىلەر ئۈچۈن تۆشەك قىلدى، زېمىننىڭ ئۈستىدە ئاسماننى مۇستەھكەم بىناغا ئوخشاش قىلدى، سىلەرگە نېئمەت ئاتا قىلىش بىلەن يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق زېمىندىن تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەردى. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق يەككە-يىگانە ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر

Al-Baqara 2:22Listen in Qur'an →
23

وَإِن كُنتُمْ فِى رَيْبٍۢ مِّمَّا نَزَّلْنَا عَلَىٰ عَبْدِنَا فَأْتُوا۟ بِسُورَةٍۢ مِّن مِّثْلِهِۦ وَٱدْعُوا۟ شُهَدَآءَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمْ صَٰدِقِينَ

بەندىمىز (مۇھەممەد) گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار (قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا) اﷲ تىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى (ياردەمگە) چاقىرىڭلار، (قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار

ئى ئىنسانلار! سىلەر بەندىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان قۇرئان كەرىم ھەققىدە شەك قىلساڭلار، بىز سىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىمىز، سىلەر قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، قۇرئاندىكى سۈرىلەرنىڭ ئوخشىشىدا ئەڭ قىسقا بولسىمۇ بىرەر سۆرە كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، قۇرئانغا قارشى تۇرۇشتا بارلىق ياردەمچىلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىڭلار

Al-Baqara 2:23Listen in Qur'an →
24

فَإِن لَّمْ تَفْعَلُوا۟ وَلَن تَفْعَلُوا۟ فَٱتَّقُوا۟ ٱلنَّارَ ٱلَّتِى وَقُودُهَا ٱلنَّاسُ وَٱلْحِجَارَةُ ۖ أُعِدَّتْ لِلْكَٰفِرِينَ

ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار - ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر - كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار

ئەگەر ئۇنداق قىلالمىغان بولساڭلار، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىلەر، ئازابقا ھەقلىق بولغان ئىنسانلار ۋە ئۇلار چوقۇنغان تۈرلۈك تاشلار ۋە باشقا نەرسىلەر يېقىلغۇ قېلىنىدىغان دوزاختىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تائالا دوزاخ ئوتىنى كاپىرلارغا تەييار قىلدى

Al-Baqara 2:24Listen in Qur'an →
25

وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أَنَّ لَهُمْ جَنَّٰتٍۢ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَٰرُ ۖ كُلَّمَا رُزِقُوا۟ مِنْهَا مِن ثَمَرَةٍۢ رِّزْقًۭا ۙ قَالُوا۟ هَٰذَا ٱلَّذِى رُزِقْنَا مِن قَبْلُ ۖ وَأُتُوا۟ بِهِۦ مُتَشَٰبِهًۭا ۖ وَلَهُمْ فِيهَآ أَزْوَٰجٌۭ مُّطَهَّرَةٌۭ ۖ وَهُمْ فِيهَا خَٰلِدُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر (يەنى ھۆرلەر) بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ

يۇقىرىدا كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئازابلار بايان قىلىندى، ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا ئىشەنگەن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆئمىنلەرگە، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان قەسىرلىرى ۋە باغچىلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلەردە سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن، ئۇلار جەننەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان ۋاقىتتا، بۇ مېۋىلەرنىڭ دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە بەك ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار بىز بۇرۇن دۇنيادىمۇ بۇ مېۋىلەردىن رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق دەيدۇ، ئۇلارغا شەكلى، ئىسمى كۆرۈنىشى دۇنيادا تونۇشلۇق بولغان مېۋىلەر كەلتۈرۈلىدۇ، لېكىن ئۇ مېۋىلەرنىڭ تەمى ۋە تاتلىقلىقى دۇنيادىكى مېۋىلەرگە ئوخشىمايدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا دۇنيا ئەھلىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى پاسكىنا ۋە يىرگىنىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن پاك بولغان جۈپلەر بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتتە دۇنيادىكى ئۈزۈلۈپ قالىدىغان نېئمەتلەرگە ئوخشىمايدىغان، ئۈزۈلمەي مەڭگۈ داۋاملىشىپ تۇرىدىغان نېمەتلەردە بولىدۇ

Al-Baqara 2:25Listen in Qur'an →
26

۞ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَسْتَحْىِۦٓ أَن يَضْرِبَ مَثَلًۭا مَّا بَعُوضَةًۭ فَمَا فَوْقَهَا ۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ فَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّهِمْ ۖ وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَيَقُولُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلًۭا ۘ يُضِلُّ بِهِۦ كَثِيرًۭا وَيَهْدِى بِهِۦ كَثِيرًۭا ۚ وَمَا يُضِلُّ بِهِۦٓ إِلَّا ٱلْفَٰسِقِينَ

اﷲ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، مۆمىنلەر بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كاپىرلار بولسا: «اﷲ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟» دەيدۇ. اﷲ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن) ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى تەستىقلىغانلىقتىن) ھىدايەت قىلىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، پاشا ۋە ئۇنىڭدىن چوڭراق ياكى كېچىكرەك نەرسىنى مىسال قىلىدۇ، ئىنسانلار مۇشۇ مىسالنىڭ تەرىپىدە ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: مۆئمىنلەر ۋە كاپىرلار، ئەمما مۆئمىنلەر بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە بۇ مىسالنىڭ ئارقىسىدا ھېكمەت بارلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما كاپىرلار بولسا مەسخىرە قىلغان ھالەتتە، ئاللاھ تائالانىڭ پاشا، چېۋىن ۋە ئۆمۇچۈككە ئوخشاش ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان نەرسىلەرنى مىسال كەلتۈرىشىدىكى سەۋەبنى سورايدۇ، بۇنىڭ جاۋابىنى ئاللاھ تائالا بېرىدۇ: بۇ مىساللاردا ئىنسانلارنى ئىمتىھان قىلىش، يول كۆرسۈتۈش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەشتىن ئىبارەت بۈيۈك بىر ھېكمەت بار، ئاللاھ تائالا مۇشۇ مىساللار بىلەن بۇ توغرىدا پىكىر قېلىشتىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار كۆپ ساندىكى كىشىلەردۇر، بۇ مىسالنىڭ سەۋەبى بىلەن ۋەز-نەسىھەت ئالغان كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ، ئۇلارمۇ كۆپتۇر، ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارغا ئوخشاش ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان، ئازغۇنلۇققا دۇچار بولغان كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ

Al-Baqara 2:26Listen in Qur'an →
27

ٱلَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهْدَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعْدِ مِيثَٰقِهِۦ وَيَقْطَعُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِى ٱلْأَرْضِ ۚ أُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَٰسِرُونَ

پاسىقلار اﷲ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ. اﷲ ئۇلاشقا بۇيرۇغان شەيئىنى ئۈزۈپ قويىدۇ (يەنى سىلە - رەھىم قىلمايدۇ)، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر

ئاللاھ ئۇلاردىن يالغۇز ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر خەۋەر بەرگەن ئاللاھنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش توغرىسىدا ئەھدە ئالغاندىن كېيىن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ، ئاللاھغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلاشقا بۇيرىغان سىلە-رەھىمنى ئۈزۈش، زېمىندا گۇناھ-مەسىيەت تارىتىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشقا ئوخشىغان رەزىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، ئۇلار دۇنيا-ئاخىرەتتە تولۇق نەسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

Al-Baqara 2:27Listen in Qur'an →
28

كَيْفَ تَكْفُرُونَ بِٱللَّهِ وَكُنتُمْ أَمْوَٰتًۭا فَأَحْيَٰكُمْ ۖ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ

اﷲ نى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى، جانسىز ئىدىڭلار، سىلەرگە جان بەردى (يەنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ئابىمەنىي ئىدىڭلار)، كېيىن (ئەجىلىڭلار توشقاندا) اﷲ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتۇرۇلىسىلەر

ئى كاپىرلار سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ھەيران قالارلىق! ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسىنى ئۆزۈڭلاردا كۆرۈۋاتىسىلەر، سىلەر ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئېدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى پەيدا قىلدى، تىرىلگۈزدى، ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى ئىككىنچى قېتىم ۋاپات تاپقۇزۇپ، ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.

Al-Baqara 2:28Listen in Qur'an →
29

هُوَ ٱلَّذِى خَلَقَ لَكُم مَّا فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًۭا ثُمَّ ٱسْتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَسَوَّىٰهُنَّ سَبْعَ سَمَٰوَٰتٍۢ ۚ وَهُوَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌۭ

اﷲ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر (نىڭ پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. اﷲ ھەرنەرسىنى بىلگۈچىدۇر

ئاللاھ ئۆزى يالغۇز زېمىندىكى دەريا-ئۆستەڭ، دەل-دەرەخ قاتارلىق سانىنى ساناپ بولغىلى بولمايدىغان بارلىق نەرسىلەرنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، سىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن نەرسىلەردىن مەنپەئەتلىنىسىلەر، ئاندىن ئاسمانغا ئۆرلەپ يەتتە قات ئاسماننى تەدرىجى ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئىلمى كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

Al-Baqara 2:29Listen in Qur'an →
30

وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَٰٓئِكَةِ إِنِّى جَاعِلٌۭ فِى ٱلْأَرْضِ خَلِيفَةًۭ ۖ قَالُوٓا۟ أَتَجْعَلُ فِيهَا مَن يُفْسِدُ فِيهَا وَيَسْفِكُ ٱلدِّمَآءَ وَنَحْنُ نُسَبِّحُ بِحَمْدِكَ وَنُقَدِّسُ لَكَ ۖ قَالَ إِنِّىٓ أَعْلَمُ مَا لَا تَعْلَمُونَ

ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سىنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيىلەيمىز» دېدى. اﷲ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى

ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە ئۆزىنىڭ زېمىندا ئىنسان يارىتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئورۇنباسار بولىدىغانلىقى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ، پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالادىن(بىلىش ۋە توغرا يول تېپىش مەقسىتىدە) زېمىندا ئادەم ئەۋلادلىرىنى ئورۇنباسار قىلىپ يارىتىشنىڭ ھېكمىتىنى سوراپ، ئۇلار زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ، ناھەق قان تۆكىدۇ، بىز بولساق ساڭا ئىتائەت قىلىمىز، سېنى پاك دەپ مەدھىيلەيمىز، توختىماستىن سېنى يۈكسەكلىكىڭ ۋە مۇكەممەللىكىڭ بىلەن ئۇلۇغلايمىز دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ: مەن ئۇلارنى زېمىندا ئورۇنباسار قىلىشتىن ئىبارەت كاتتا مەقسەت ۋە ئۇلارنى يارىتىشتىن ئىبارەت بولغان پارلاق ھېكمەتتىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن دەيدۇ

Al-Baqara 2:30Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.