Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 241–250 of 286

241

وَلِلْمُطَلَّقَٰتِ مَتَٰعٌۢ بِٱلْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى ٱلْمُتَّقِينَ

تالاق قىلىنغان ئاياللارغا قائىدە بويىچە نەپىقە بېرىش لازىم. (ئۇ) تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر

تالاق قىلىنغان ئاياللارغا قائىدە بويىچە ئەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تالاق سەۋەبلىك ئۇچرىغان كۆڭۈلسىزلىكىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، مال-مۈلۈك، كىيىم كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى بېرىشى لازىم. بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغۇچىلارغا بېكىتىلگەن ھۆكۈمدۇر.

Al-Baqara 2:241Listen in Qur'an →
242

كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمْ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ

سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ (ئۆز ئەھكاملىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ

ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشىڭلار ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئىرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ بەلگىلىمە ۋە ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرىنى ئىلگىرىكىدەك بايان قىلىدۇ.

Al-Baqara 2:242Listen in Qur'an →
243

۞ أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ خَرَجُوا۟ مِن دِيَٰرِهِمْ وَهُمْ أُلُوفٌ حَذَرَ ٱلْمَوْتِ فَقَالَ لَهُمُ ٱللَّهُ مُوتُوا۟ ثُمَّ أَحْيَٰهُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ

ئۆزلىرى مىڭلارچە تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ اﷲ ئۇلارنى «ئۆلۈڭلار» دېدى (ئۇلار ئۆلدى). ئاندىن كېيىن اﷲ ئۇلارنى تىرىلدۈردى، اﷲ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (اﷲ نىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ

ئى پەيغەمبەر! ئۆزلىرى كۆپ تۇرۇغلۇق ۋابا ۋە باشقا كېسەللەر سەۋەبىدىن ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئۆيلىرىدىن چىققان ئىسرائىل ئوغۇللىرىدىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارغا: «ئۆلۈڭلار»دېدى ئۇلار ئۆلدى، ئاندىن كېيىن ئاللاھ پۈتۈن ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھېچقانداق پايدا زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قايتىدىن تىرىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلمايدۇ.

Al-Baqara 2:243Listen in Qur'an →
244

وَقَٰتِلُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌۭ

اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى، ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ۋە ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن جىھاد قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر، نىيەت ۋە قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر، سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-Baqara 2:244Listen in Qur'an →
245

مَّن ذَا ٱلَّذِى يُقْرِضُ ٱللَّهَ قَرْضًا حَسَنًۭا فَيُضَٰعِفَهُۥ لَهُۥٓ أَضْعَافًۭا كَثِيرَةًۭ ۚ وَٱللَّهُ يَقْبِضُ وَيَبْصُۜطُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ

كىمكى اﷲ قا قەرزىي ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى اﷲ نىڭ يولىدا پۇل - مېلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، اﷲ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە (يەنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە) كۆپ قايتۇرىدۇ. اﷲ (سىناش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) كەڭ قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر

كىمكى مېلىنىڭ ئۆزىگە ھەسسىلەپ قايتىپ كىلىشى ئۈچۈن، ئىچىدىن چىقىرىپ توغرا نىيەت بىلەن قەرز بەرگۈچىدەك مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ ئۆز ھىكمىتى ۋە ئادالىتى بىلەن رىزىقنى ۋە تەن ساقلىقنى تارمۇ قىلىدۇ ۋە كەڭرىمۇ قىلىدۇ. ئاخىرەتتە يەككە-يېگانە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىسىلەر. ئاللاھ ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-Baqara 2:245Listen in Qur'an →
246

أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلْمَلَإِ مِنۢ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ مِنۢ بَعْدِ مُوسَىٰٓ إِذْ قَالُوا۟ لِنَبِىٍّۢ لَّهُمُ ٱبْعَثْ لَنَا مَلِكًۭا نُّقَٰتِلْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ۖ قَالَ هَلْ عَسَيْتُمْ إِن كُتِبَ عَلَيْكُمُ ٱلْقِتَالُ أَلَّا تُقَٰتِلُوا۟ ۖ قَالُوا۟ وَمَا لَنَآ أَلَّا نُقَٰتِلَ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَقَدْ أُخْرِجْنَا مِن دِيَٰرِنَا وَأَبْنَآئِنَا ۖ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ ٱلْقِتَالُ تَوَلَّوْا۟ إِلَّا قَلِيلًۭا مِّنْهُمْ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ

ساڭا مۇسا (ۋاپاتى) دىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىدىدىن بولغان بىر جامائەنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە؛ «بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، (ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەرگە قارشى) اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشتى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى جىھادتىن باش تارتتى. اﷲ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر

ئى پەيغەمبەر! ساڭا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان كاتتا كىشىلەرنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبىرىگە: بىزگە بىر پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلايلى! دېيىشتى. پەيغەمبەر ئۇلارغا: سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟ دېدى. ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى ئويىنى ئىنكار قىلىپ: بىزنىڭ جىھادقا چىقىشىمىزنى تەقەززا قىلىدىغان ئىشلار بار تۇرسا، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن بىزنى نېمە چەكلەيدۇ؟ دۈشمەنلىرىمىز بىزنى يۇرتلىرىمىزدىن قوغلاپ چىقاردى، بالىلىرىمىزنى ئەسىر ئالدى، ۋەتىنىمىزنى قولىمىزغا قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە ئەسىرلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىمىز دېدى. ئاللاھ ئۇلارغا جىھادنى پەرز قىلغان چاغدا ئازغىنىسىدىن باشقىسى قىلغان ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلماي يۈز ئۆرىدى. ئاللاھ بۇيرىقىدىن يۈز ئۆرىگەن، ئەھدىسىنى بۇزغان زالىملارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر ۋە ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-Baqara 2:246Listen in Qur'an →
247

وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ ٱللَّهَ قَدْ بَعَثَ لَكُمْ طَالُوتَ مَلِكًۭا ۚ قَالُوٓا۟ أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُ ٱلْمُلْكُ عَلَيْنَا وَنَحْنُ أَحَقُّ بِٱلْمُلْكِ مِنْهُ وَلَمْ يُؤْتَ سَعَةًۭ مِّنَ ٱلْمَالِ ۚ قَالَ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصْطَفَىٰهُ عَلَيْكُمْ وَزَادَهُۥ بَسْطَةًۭ فِى ٱلْعِلْمِ وَٱلْجِسْمِ ۖ وَٱللَّهُ يُؤْتِى مُلْكَهُۥ مَن يَشَآءُ ۚ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌۭ

پەيغەمبىرى ئۇلارغا: «اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى» دېدى. ئۇلار (پەيغەمبىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ): «ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولىدۇ. (ئارىمىزدا پادىشاھ ئەۋلاتلىرى بولغانلىقتىن) پادىشاھلىققا بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مال - مۈلكى كۆپ بولمىغان تۇرسا» دېدى. پەيغەمبەر: «اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرگە (پادىشاھ قىلىشقا) ئۇنى ئىختىيار قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى قابىل قىلدى، اﷲ سەلتەنەتنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ. اﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئۇنىڭغا كىمنىڭ لايىق بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ» دېدى

پەيغەمبەر ئۇلارغا: ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە قوماندانلىقى ئاستىدا جىھاد قىلىشىڭلار ئۈچۈن تالۇتنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى، دېدى. ئۇلارنىڭ كاتتىلىرى ئاللاھنىڭ بۇ تاللىشىغا ئىتىراز بىلدۈرۈپ: ئۇ، قانداقسىگە بىزگە پادىشاھ بولىدۇ؟ بىز پادىشاھلىققا ئۇنىڭدىنمۇ ھەقلىقراقمىز، چۈنكى ئۇ پادىشاھ ئەۋلاتلىرىدىن ئەمەس، ئۇنىڭ پادىشاھلىققا ياردىمى تېگىدىغان كۆپ مال-مۈلكى يوق تۇرسا، دېدى. پەيغەمبەر ئۇلارغا: ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە پادىشاھ قىلىشقا ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى بەستىلىك قىلدى.ئاللاھ ھېكمىتى ۋە رەھمىتى بىلەن سەلتەنىتىنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭرى بولۇپ خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئۆز مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىن ئۇ مەنسەپكە ھەقلىق بولغان كىشىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.

Al-Baqara 2:247Listen in Qur'an →
248

وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ ءَايَةَ مُلْكِهِۦٓ أَن يَأْتِيَكُمُ ٱلتَّابُوتُ فِيهِ سَكِينَةٌۭ مِّن رَّبِّكُمْ وَبَقِيَّةٌۭ مِّمَّا تَرَكَ ءَالُ مُوسَىٰ وَءَالُ هَٰرُونَ تَحْمِلُهُ ٱلْمَلَٰٓئِكَةُ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَءَايَةًۭ لَّكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

ئۇلارغا پەيغەمبىرى ئېيتتىكى: «ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئالامىتى شۇكى، سىلەرگە بىر ساندۇق كېلىدۇ، ئۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرنى تەسكىن تاپقۇزىدىغان نەرسە ۋە مۇسانىڭ ھارۇننىڭ تەۋەلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەر (يەنى مۇسانىڭ ھاسىسى، كىيىمى ۋە تەۋرات يېزىلغان بەزى تاختىلار) قاچىلانغان بولىدۇ، ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئەگەر (اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان) بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى تابۇتنىڭ نازىل بولۇشىدا اﷲ نىڭ تالۇتنى سىلەرگە پادىشاھلىققا تاللىغانلىقىغا) ئەلۋەتتە سىلەر ئۈچۈن (روشەن) ئالامەت بار»

ئۇلارغا پەيغەمبىرى ئېيتتىكى: ئۇنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تاللىشىنىڭ راستلىقىنىڭ ئالامىتى شۇكى، ئاللاھ سىلەرگە بىر ساندۇقنى كەلتۈرىدۇ -ئۇ ساندۇق ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئېلىۋېلىنغان بولۇپ ئۇلار ئۇ ساندۇقنى چوڭ بىلەتتى-ئۇنىڭدا ساندۇق بىلەن بىرگە سىلەرنى تەسكىن تاپقۇزىدىغان نەرسە ۋە مۇسانىڭ، ھارۇننىڭ ئائىلىسى قالدۇرۇپ كەتكەن مۇسانىڭ ھاسىسى تەۋرات يېزىلغان بىر قىسىم تاختايلارغا ئوخشاش نەرسىلەر بار. بۇلاردا ئەگەر سىلەر ھەقىقى مۆمىن بولساڭلار ئەلۋەتتە سىلەر ئۈچۈن روشەن ئالامەتلەر بار.

Al-Baqara 2:248Listen in Qur'an →
249

فَلَمَّا فَصَلَ طَالُوتُ بِٱلْجُنُودِ قَالَ إِنَّ ٱللَّهَ مُبْتَلِيكُم بِنَهَرٍۢ فَمَن شَرِبَ مِنْهُ فَلَيْسَ مِنِّى وَمَن لَّمْ يَطْعَمْهُ فَإِنَّهُۥ مِنِّىٓ إِلَّا مَنِ ٱغْتَرَفَ غُرْفَةًۢ بِيَدِهِۦ ۚ فَشَرِبُوا۟ مِنْهُ إِلَّا قَلِيلًۭا مِّنْهُمْ ۚ فَلَمَّا جَاوَزَهُۥ هُوَ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ قَالُوا۟ لَا طَاقَةَ لَنَا ٱلْيَوْمَ بِجَالُوتَ وَجُنُودِهِۦ ۚ قَالَ ٱلَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلَٰقُوا۟ ٱللَّهِ كَم مِّن فِئَةٍۢ قَلِيلَةٍ غَلَبَتْ فِئَةًۭ كَثِيرَةًۢ بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ

تالۇت ئەسكەرلىرى بىلەن (بەيتۇلمۇقەددەستىن) ئايرىلغان چاغدا: «اﷲ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، كىمكى دەريا سۈيىنى تېتىمايدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ماڭا تەۋەدۇر، ئۇنىڭدىن (ئۇسسۇزلۇقىنى بىرئاز بېسىش ئۈچۈن) ئىچكەن ئادەم (بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ)» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا (دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ قورقۇنچقا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى): «بۈگۈن بىز جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تاقەت كەلتۈرەلمەيمىز» دېدى. (تالۇتنىڭ تەۋەلىرىدىن) اﷲ قا مۇلاقات بولۇشقا ئېتىقاد قىلىدىغانلار: «اﷲ نىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ» دېدى. اﷲ چىداملىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن بىللىدۇر

تالۇت ئەسكەرلىرى بىلەن شەھەردىن ئايرىلغان چاغدا ئەسكەرلىرىگە: ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، ئۇرۇشتا ماڭا ھەمراھمۇ بولمىسۇن. كىمكى دەريا سۈيىدىن تېتىمايدىكەن ئۇ ماڭا تەۋەدۇر، ماڭا ئۇرۇشتا ھەمراھ بولسۇن. ئۇنىڭدىن مەجبۇر بولۇپ قېلىپ، بىر ئوچۇم ئىچكەن كىشى بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ، دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن بولسىمۇ سەۋر قىلغان ئازغىنە كىشىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا ئۇلارنىڭ بىر قىسمى: بۈگۈن بىزنىڭ جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ، دېدى. شۇ چاغدا قىيامەت كۈنى ئاللاھقا مۇلاقەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەر: ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە ياردىمى بىلەن ئاز مۆئمىن جامائە كۆپ كاپىر جامائەدىن غەلبە قىلىدۇ، دېدى. غەلبە ساننىڭ كۆپلىكى بىلەن ئەمەس ئىشەنچ بىلەن قولغا كېلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىدىن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە بولۇپ، ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ.

Al-Baqara 2:249Listen in Qur'an →
250

وَلَمَّا بَرَزُوا۟ لِجَالُوتَ وَجُنُودِهِۦ قَالُوا۟ رَبَّنَآ أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًۭا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَٱنصُرْنَا عَلَى ٱلْقَوْمِ ٱلْكَٰفِرِينَ

ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «پەرۋەردىگارىمىز! قەلبىمىزنى چىداملىقلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) ساباتلىق قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى

ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا ئاللاھقا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىمىز! قەلبىمىزنى چىدامچانلىق بىلەن تولدۇرغىن، دۈشمىنىمىزنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولۇپ قاچماسلىقىمىز ئۈچۈن قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى كۈچ-قۇۋۋىتىڭ بىلەن بىزگە ياردەم بەرگىن، دېدى.

Al-Baqara 2:250Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.