وَإِذَا طَلَّقْتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ سَرِّحُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍۢ ۚ وَلَا تُمْسِكُوهُنَّ ضِرَارًۭا لِّتَعْتَدُوا۟ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُۥ ۚ وَلَا تَتَّخِذُوٓا۟ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ هُزُوًۭا ۚ وَٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتَ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمَآ أَنزَلَ عَلَيْكُم مِّنَ ٱلْكِتَٰبِ وَٱلْحِكْمَةِ يَعِظُكُم بِهِۦ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌۭ
سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ، (ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا) تۇتۇڭلار، ياكى ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار، زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدە زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇش نىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىددىتىنى ئۇزارتىپ زۇلۇم قىلىش نىيىتىدە خوتۇنى بىلەن يارىشىدىكەن)، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى كۈلكە قىلىۋالماڭلار (يەنى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى خىلاپلىق قىلىش يولى بىلەن مەسخىرە قىلماڭلار)، اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابنى، ھېكمىتىنى (يەنى كىتابدىكى ئەھكاملارنى) ياد ئېتىڭلار، اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا ئىددىتى توشقىچە ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىڭلار ياكى يانماستىن چىرايلىقچە قويىۋىتىڭلار. جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك ئۇلارغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە يېنىشماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن ئۆزىنى گۇناھقا ۋە جازاغا توغرىلاش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئوينىشىپ مەسخىرە قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار. سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئان ۋە سۈننەت، ئاتا قىلىنغان نېئمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. ئاللاھ رەھمىتىگە قىزىقتۇرۇش ۋە ئازابىدىن قورقۇتۇش ئۈچۈن سىلەرگە بۇ نېئمەتلەرنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ سىلەرگە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.