Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 231–240 of 286

231

وَإِذَا طَلَّقْتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ سَرِّحُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍۢ ۚ وَلَا تُمْسِكُوهُنَّ ضِرَارًۭا لِّتَعْتَدُوا۟ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُۥ ۚ وَلَا تَتَّخِذُوٓا۟ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ هُزُوًۭا ۚ وَٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتَ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمَآ أَنزَلَ عَلَيْكُم مِّنَ ٱلْكِتَٰبِ وَٱلْحِكْمَةِ يَعِظُكُم بِهِۦ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌۭ

سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ، (ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا) تۇتۇڭلار، ياكى ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار، زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدە زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇش نىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىددىتىنى ئۇزارتىپ زۇلۇم قىلىش نىيىتىدە خوتۇنى بىلەن يارىشىدىكەن)، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى كۈلكە قىلىۋالماڭلار (يەنى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى خىلاپلىق قىلىش يولى بىلەن مەسخىرە قىلماڭلار)، اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابنى، ھېكمىتىنى (يەنى كىتابدىكى ئەھكاملارنى) ياد ئېتىڭلار، اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر

ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا ئىددىتى توشقىچە ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىڭلار ياكى يانماستىن چىرايلىقچە قويىۋىتىڭلار. جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك ئۇلارغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە يېنىشماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن ئۆزىنى گۇناھقا ۋە جازاغا توغرىلاش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئوينىشىپ مەسخىرە قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار. سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئان ۋە سۈننەت، ئاتا قىلىنغان نېئمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. ئاللاھ رەھمىتىگە قىزىقتۇرۇش ۋە ئازابىدىن قورقۇتۇش ئۈچۈن سىلەرگە بۇ نېئمەتلەرنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ سىلەرگە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-Baqara 2:231Listen in Qur'an →
232

وَإِذَا طَلَّقْتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا تَعْضُلُوهُنَّ أَن يَنكِحْنَ أَزْوَٰجَهُنَّ إِذَا تَرَٰضَوْا۟ بَيْنَهُم بِٱلْمَعْرُوفِ ۗ ذَٰلِكَ يُوعَظُ بِهِۦ مَن كَانَ مِنكُمْ يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ ۗ ذَٰلِكُمْ أَزْكَىٰ لَكُمْ وَأَطْهَرُ ۗ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ

ئەگەر سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان ۋە قائىدە بويىچە (تەگمەكچى بولغان) ئېرى بىلەن پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئىچىڭلاردىن اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ، بۇ (يەنى ۋەز - نەسىھەت ئېلىش، اﷲ نىڭ ئەمرىلىرىنى تۇتۇش)، سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر ۋە ئەڭ پاكتۇر، (شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن سىلەرگە نېمىلەر ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) اﷲ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر

ئى ئاياللارنىڭ ۋەلىلىرى! ئەگەر ئاياللىرىڭلارنى ئۈچتىن ئاز تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقاندا قائىدە بويىچە بۇرۇنقى ئىرى بىلەن پۈتۈشۈپ رازىلىق بىلدۈرگەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسىماڭلار. بۇ ھۆكۈم ئارقىلىق ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭلارنى كۆپەيتىدۇ ۋە يۈز-ئابرويىڭلارنى، مال-دۇنيالىرىڭلارنى كىرلاردىن ئەڭ پاكلىغۇچىدۇر. ئاللاھ ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئاقىۋىتىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ھالبۇكى سىلەر بىلمەيسىلەر.

Al-Baqara 2:232Listen in Qur'an →
233

۞ وَٱلْوَٰلِدَٰتُ يُرْضِعْنَ أَوْلَٰدَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ ۖ لِمَنْ أَرَادَ أَن يُتِمَّ ٱلرَّضَاعَةَ ۚ وَعَلَى ٱلْمَوْلُودِ لَهُۥ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِٱلْمَعْرُوفِ ۚ لَا تُكَلَّفُ نَفْسٌ إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَا تُضَآرَّ وَٰلِدَةٌۢ بِوَلَدِهَا وَلَا مَوْلُودٌۭ لَّهُۥ بِوَلَدِهِۦ ۚ وَعَلَى ٱلْوَارِثِ مِثْلُ ذَٰلِكَ ۗ فَإِنْ أَرَادَا فِصَالًا عَن تَرَاضٍۢ مِّنْهُمَا وَتَشَاوُرٍۢ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا ۗ وَإِنْ أَرَدتُّمْ أَن تَسْتَرْضِعُوٓا۟ أَوْلَٰدَكُمْ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِذَا سَلَّمْتُم مَّآ ءَاتَيْتُم بِٱلْمَعْرُوفِ ۗ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌۭ

ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك، كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. (ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى (يەنى ئانا بولغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى) ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا - ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلارلا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ تىن (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

ئانىلار بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا تۇلۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. شەرىئەتكە زىت بولمىغان قائىدە بويىچە نەپىقە ۋە كىيىم-كېچەك بېرىشى لازىم. ئاللاھ بىر كىشىنى قۇدرىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرۇمايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنى يەنە بىرىگە زىيان سېلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋېلىشى توغرا ئەمەس. دادا يوق بولۇپ، بوۋاقنىڭ مال-دۇنياسى بولمىسا ئاتىنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا-ئانا بالىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ كېڭەشكەندىن كېيىن بالىنى ئىككى يىل توشماستا ئايرىۋەتمەكچى بولسا ئۇلارغا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر بالىلىرىڭلارنى ئېنىك ئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، ئۇلار بىلەن كېلىشكەن ھەقنى كېمەيتمەستىن ۋە ئۇزۇنغا سوزىۋەتمەستىن چىرايلىقچە بەرسەڭلار سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. بىلىڭلاركى ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەر قىلىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر. ئاللاھقا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ سىلەرگە ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-Baqara 2:233Listen in Qur'an →
234

وَٱلَّذِينَ يُتَوَفَّوْنَ مِنكُمْ وَيَذَرُونَ أَزْوَٰجًۭا يَتَرَبَّصْنَ بِأَنفُسِهِنَّ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍۢ وَعَشْرًۭا ۖ فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا فَعَلْنَ فِىٓ أَنفُسِهِنَّ بِٱلْمَعْرُوفِ ۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌۭ

ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق قائىدە بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە (يەنى شۇ ئاياللارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارغا) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر

ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى ھامىلدار ئەمەس ھالەتتە قېلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم. ئۇلار ئىددەت مەزگىلىدە ئەرنىڭ ئۆيىدىن چىقىشتىن، زىننەتلىنىشتىن، توي قىلىشتىن چەكلىنىدۇ. ئى ئاياللارنىڭ ۋەلىلىرى! ئەگەر ئىددەت مۇددىتى تۈگىسە ئۇلار شەرئى قائىدە بويىچە ئىددەت مەزگىلىدە چەكلىنىدىغان ئىشلارنى قىلغان بولسا سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ قىلىۋاتقانلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. ئاللاھقا سىلەرنىڭ ئاشكارا-يۇشۇرۇن ئىشلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-Baqara 2:234Listen in Qur'an →
235

وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا عَرَّضْتُم بِهِۦ مِنْ خِطْبَةِ ٱلنِّسَآءِ أَوْ أَكْنَنتُمْ فِىٓ أَنفُسِكُمْ ۚ عَلِمَ ٱللَّهُ أَنَّكُمْ سَتَذْكُرُونَهُنَّ وَلَٰكِن لَّا تُوَاعِدُوهُنَّ سِرًّا إِلَّآ أَن تَقُولُوا۟ قَوْلًۭا مَّعْرُوفًۭا ۚ وَلَا تَعْزِمُوا۟ عُقْدَةَ ٱلنِّكَاحِ حَتَّىٰ يَبْلُغَ ٱلْكِتَٰبُ أَجَلَهُۥ ۚ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِىٓ أَنفُسِكُمْ فَٱحْذَرُوهُ ۚ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌۭ

ئىددىتى توشمىغان ئاياللارغا ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى بۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشۇرۇن تۇتساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلار اﷲ قا مەلۇمدۇر، لېكىن ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار، پەقەت (ئاشكارا ئېيتىلسا كىشى خىجىل بولمايدىغان) مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ، ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (اﷲ تىن قورقۇپ گۇناھتىن چەكلەنگەنلەرگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)

ئېرى ئۆلۈپ كېتىپ ياكى تالاق قىلغانلىقتىن ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالغا ئۇچۇق سۆزلىمەستىن ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى پۇرىتىپ ئۆتسەڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. مەسىلەن: ئىددىتىڭىز توشسا ماڭا خەۋەر قىلىڭ، دېگەنگە ئوخشاش. ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالغا ئىددىتى تۈگىگەندىن كىيىن نىكاھلىنىشنى كۆڭلىڭلاردا مەخپى تۇتساڭلارمۇ سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. سىلەر ئۇلارغا قاتتىق ئىنتىزار بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇچۇق سۆزلىمەستىن پۇرىتىپ گەپ قىلىشىڭلارغا رۇخسەت قىلدى. ئىددەت مۇددىتىدە سىلەر ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. پەقەت چىرايلىق سۆزلەرنى قىلساڭلار بولىدۇ. ئىددەت مەزگىلىدە سىلەر ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشنى بەل باغلىماڭلار. بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەر كۆڭلۈڭلاردا يۇشۇرغان سىلەر ئۈچۈن رۇخسەت بولغان ۋە ھارام بولغان نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ھەزەر ئەيلەڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. بىلىڭلاركى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغان كىشىلەرنى ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ.

Al-Baqara 2:235Listen in Qur'an →
236

لَّا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِن طَلَّقْتُمُ ٱلنِّسَآءَ مَا لَمْ تَمَسُّوهُنَّ أَوْ تَفْرِضُوا۟ لَهُنَّ فَرِيضَةًۭ ۚ وَمَتِّعُوهُنَّ عَلَى ٱلْمُوسِعِ قَدَرُهُۥ وَعَلَى ٱلْمُقْتِرِ قَدَرُهُۥ مَتَٰعًۢا بِٱلْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى ٱلْمُحْسِنِينَ

ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار (يەنى نىكاھىڭلارغا ئالغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولمىغان ياكى مەھرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن شارائىتتا) ئۇنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا مۇتئە (يەنى بەلگىلىك مىقداردا پۇل - مال) بېرىشىڭلار كېرەك، ئۇلارغا نەرسە بېرىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بويىچە بەرسۇن، (بۇ) ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر

ئەگەر سىلەر نىكاھلاپ ئالغان ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مېھرى ھەققى تەيىنلىمەي تۇرۇپ تالاق قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنى بۇ ھالەتتە تالاق قىلساڭلار سىلەرگە ئاياللارغا مېھرى ھەققى بېرىش كەلمەيدۇ. پەقەت ئۇلارغا مال دۇنياسى كۆپ باي بوسۇن ياكى يوقسۇل بولسۇن قۇدرىتى يەتكەن دائىرىدە ئۇلار مەنپەئەتلىنىدىغان ۋە كۆڭۈل ئازابىنى يەڭگىلەشتۈرىدىغان (يەنى بەلگىلىك مىقداردا پۇل-مال) بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ ئىش-ھەرىكەت ياخشىلىق قىلغۇچى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.

Al-Baqara 2:236Listen in Qur'an →
237

وَإِن طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِن قَبْلِ أَن تَمَسُّوهُنَّ وَقَدْ فَرَضْتُمْ لَهُنَّ فَرِيضَةًۭ فَنِصْفُ مَا فَرَضْتُمْ إِلَّآ أَن يَعْفُونَ أَوْ يَعْفُوَا۟ ٱلَّذِى بِيَدِهِۦ عُقْدَةُ ٱلنِّكَاحِ ۚ وَأَن تَعْفُوٓا۟ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ ۚ وَلَا تَنسَوُا۟ ٱلْفَضْلَ بَيْنَكُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە (يەنى مەھرىدىن ۋازكېچىپ پۈتۈنلەي ئالمىسا) ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. سىلەر ئۆتۈنسەڭلار، (ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

ئەگەر سىلەر نىكاھلانغان ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇلارغا مېھرى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار تەيىنلەنگەن مېھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار. ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە، ياكى ئەرلەر مېھرىنى تۇلۇق ئۇلارغا بېرىش ئارقىلىق ئەرلەر ئۆتۈنسە بۇ ئىلگىرىكى ھۆكۈمدىن مۇستەسنادۇر. ئۆز-ئارا ھەقلەردىن ئۆتۈنۈش ئاللاھتىن قورقۇشقا ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا ئەڭ يېقىندۇر. ئى كىشىلەر! ئۆز-ئارا پەزلى مەرھەمەت قىلىشنى ۋە ھەق-ھوقۇق ئىشلىرىدا كەڭ قورساق بولۇشنى تاشلىماڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەر قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر. ئاللاھنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ياخشىلىق قىلىشقا تىرىشىڭلار.

Al-Baqara 2:237Listen in Qur'an →
238

حَٰفِظُوا۟ عَلَى ٱلصَّلَوَٰتِ وَٱلصَّلَوٰةِ ٱلْوُسْطَىٰ وَقُومُوا۟ لِلَّهِ قَٰنِتِينَ

(بەش) نامازنى بولۇپمۇ نامازدىگەرنى داۋاملاشتۇرۇڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار). اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار

نامازلارنى ئاللاھ بۇيرىغىنىدەك ئادا قىلىش ئارقىلىق نامازلارغا ئەھمىيەت بېرىڭلار. نامازلار ئارىسىدا ئەسىر نامىزىغا ئەھمىيەت بېرىڭلار. نامىزىڭلاردا ئاللاھقا ئىتائەتمەنلىك ۋە خۇشۇئ بىلەن تۇرۇڭلار.

Al-Baqara 2:238Listen in Qur'an →
239

فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالًا أَوْ رُكْبَانًۭا ۖ فَإِذَآ أَمِنتُمْ فَٱذْكُرُوا۟ ٱللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُم مَّا لَمْ تَكُونُوا۟ تَعْلَمُونَ

قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار)، ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا اﷲ نىڭ سىلەرگە ئۆگەتكىنى بويىچە اﷲ نى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، اﷲ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمر قىلغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار

ئەگەر سىلەر دۈشمەندىن قورقساڭلار، شۇ سەۋەبلىك نامازلارنى تولۇق ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىساڭلار، پىيادە ياكى تۆگە ۋە ئاتلارغا مىنگەن ھالەتتە ياكى سىلەر قانداق شەكىلدە قادىر بولالىساڭلار شۇ ھالىتىڭلاردا ئادا قىلىڭلار. ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگىنىدەك ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. تولۇق ۋە مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلىنغان نامازدا ئاللاھنى ياد ئېتىشمۇ بۇنىڭ قاتارىدىندۇر. سىلەر ئىلگىرى بىلمەيدىغان نۇر ۋە ھىدايەتنى سىلەرگە بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار.

Al-Baqara 2:239Listen in Qur'an →
240

وَٱلَّذِينَ يُتَوَفَّوْنَ مِنكُمْ وَيَذَرُونَ أَزْوَٰجًۭا وَصِيَّةًۭ لِّأَزْوَٰجِهِم مَّتَٰعًا إِلَى ٱلْحَوْلِ غَيْرَ إِخْرَاجٍۢ ۚ فَإِنْ خَرَجْنَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِى مَا فَعَلْنَ فِىٓ أَنفُسِهِنَّ مِن مَّعْرُوفٍۢ ۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌۭ

سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئايالى قېلىپ قالىدىغانلار ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنىڭ) بىر يىلغىچە يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلىنىشىنى، ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلماسلىقىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر (ئاياللىرى) ئۆزلىرى چىقىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى توغرىسىدا قىلغان قائىدىلىك ئشلىرى ئۈچۈن سىلەرگە (يەنى مېيىتنىڭ ئىگىلىرىگە) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئايالى قېلىپ قالغانلار، ئاياللىرىنىڭ ئۇچرىغان مۇسىبەتلىرىگە تەسەللى بېرىش ۋە مېيىتقا ۋاپادارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، مېيتنىڭ ۋارىسلىرى ئۇلارنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتمەستىن، تۇلۇق بىر يىلغىچە تۇرىدىغان ئۆي ۋە نەپىقە بېرىشىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى چىقىپ كەتسە ئۇلارنىڭ زىننەتلىنىشى ۋە خۇشپۇراق ئىشلىتىشىدە سىلەرگىمۇ ۋە ئۇلارغىمۇ ھېچقانداق گۇناھ يوق. ئاللاھ غالىبتۇر. ئاللاھتىن غالىب كەلگۈچى يوقدۇر. ئاللاھ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. كۆپچىلىك تەپسىرشۇناسلار بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى ئاللاھ تائالانىڭ: «ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم» دېگەن ئايەتنىڭ نازىل بولۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.

Al-Baqara 2:240Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.