وَلَا تَنكِحُوا۟ ٱلْمُشْرِكَٰتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّ ۚ وَلَأَمَةٌۭ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌۭ مِّن مُّشْرِكَةٍۢ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ ۗ وَلَا تُنكِحُوا۟ ٱلْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا۟ ۚ وَلَعَبْدٌۭ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌۭ مِّن مُّشْرِكٍۢ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ ۗ أُو۟لَٰٓئِكَ يَدْعُونَ إِلَى ٱلنَّارِ ۖ وَٱللَّهُ يَدْعُوٓا۟ إِلَى ٱلْجَنَّةِ وَٱلْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِۦ ۖ وَيُبَيِّنُ ءَايَٰتِهِۦ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
(ئى مۇسۇلمانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن - جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار سىلەرنى) دوزاخقا چاقىرىدۇ، اﷲ ئۆز ئىرادىسى بويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند - نەسىھەت ئالسۇن دەپ اﷲ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ
ئى مۆمىنلەر! مۇشرىك ئاياللار تاكى يەككە-يېگانە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئىسلام دىنىغا كىرمىگۈچە نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەن دېدەك ئايال، ھۆسىن-جامالى ۋە پۇل-مېلى بىلەن سىلەرنى مەپتۇن قىلغان بۇتپەرەس ھۆر ئايالدىن ئەۋزەلدۇر. مۇسۇلمان ئاياللارنى مۇشرىك ئەرلەرگە ياتلىق قىلماڭلار. ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەن ئەر قۇل گەرچە سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ ھۆر مۇشرىك ئەردىن ياخشى. ئەر-ئايال مۇشرىكلار سۆزلىرى ۋە ئىش ھەرىكەتلىرى بىلەن دەۋزەخكە كىرىشكە چاقىرىدۇ. ئاللاھ پەزلى مەرھەمىتى بىلەن جەننەتكە كىرىش، گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت بولىشىغا ئېلىپ بارىدىغان سالىھ ئەمەللەرگە چاقىرىدۇ، كىشىلەرگە ئىبرەت ئېلىپ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ.