Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 211–220 of 286

211

سَلْ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ كَمْ ءَاتَيْنَٰهُم مِّنْ ءَايَةٍۭ بَيِّنَةٍۢ ۗ وَمَن يُبَدِّلْ نِعْمَةَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَتْهُ فَإِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ

(ئى مۇھەممەد!) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، بىز ئۇلارغا نەقەدەر كۆپ روشەن دەلىللەرنى ئاتا قىلدۇق. كىمكى اﷲ نىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى (كۇفرىلىق قىلىپ) ئۆزگەرتىۋەتسە (اﷲ ئۇنىڭغا ئازاب قىلىدۇ)، اﷲ نىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر

ئى پەيغەمبەر! ئەيىبلىگەن شەكىلدە ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، ئاللاھ سىلەرگە پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەقەدەر كۆپ روشەن دەلىللەرنى بايان قىلدى! سىلەر ئۇ دەلىللەرنى ئىنكار قىلىپ يۈز ئۆرۈدىڭلار. كىمكى ئاللاھنىڭ نېئمىتىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى كۇپرىلىق قىلىپ ۋە ئىنكار قىلىپ ئۆزگەرتىدىكەن، ئاللاھ ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارنى قاتتىق ئازاپلىغۇچىدۇر.

Al-Baqara 2:211Listen in Qur'an →
212

زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا وَيَسْخَرُونَ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ۘ وَٱلَّذِينَ ٱتَّقَوْا۟ فَوْقَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ ۗ وَٱللَّهُ يَرْزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيْرِ حِسَابٍۢ

كاپىرلارغا دۇنيا تىرىكچىلىكى چىرايلىق كۆرسىتىلدى (يەنى ئۇلار دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرىگە، نېمەتلىرىگە مەپتۇن بولىدۇ)، مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى تەقۋادارلار ئۇلاردىن (دەرىجە جەھەتتە) ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ اﷲ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ

دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ ئىچىدىكى ۋاقىتىلىق نازۇ-نىمەتلەر، ئاخىرى چىقمايدىغان ھۇزۇر ھالاۋەتلەر كاپىرلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىملىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلار ئاخىرەتتە ئۇلاردىن دەرىجە جەھەتتە ئۈستۈندۈر. چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. ئۆز مەخلۇقاتلىرىدىن خالىغان كىشىگە ھېسابسىز ۋە ساناقسىز نېئمەت بېرىدۇ.

Al-Baqara 2:212Listen in Qur'an →
213

كَانَ ٱلنَّاسُ أُمَّةًۭ وَٰحِدَةًۭ فَبَعَثَ ٱللَّهُ ٱلنَّبِيِّۦنَ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ وَأَنزَلَ مَعَهُمُ ٱلْكِتَٰبَ بِٱلْحَقِّ لِيَحْكُمَ بَيْنَ ٱلنَّاسِ فِيمَا ٱخْتَلَفُوا۟ فِيهِ ۚ وَمَا ٱخْتَلَفَ فِيهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ أُوتُوهُ مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَتْهُمُ ٱلْبَيِّنَٰتُ بَغْيًۢا بَيْنَهُمْ ۖ فَهَدَى ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لِمَا ٱخْتَلَفُوا۟ فِيهِ مِنَ ٱلْحَقِّ بِإِذْنِهِۦ ۗ وَٱللَّهُ يَهْدِى مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٍۢ مُّسْتَقِيمٍ

ئىنسانلار (دەسلەپتە) بىر ئۈممەت (يەنى ھەق دىندا) ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى ئىمان ئېيتماي ئىختىلاپ قىلىشتى)، اﷲ (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كۇففارلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ (اﷲ) كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھەق كىتابنى نازىل قىلدى، پەقەت كىتاب بېرىلگەن كىشىلەرلا ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ (يەنى كاپىرلار مۆمىنلەرگە ھەسەت قىلىپ)، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، اﷲ ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۆمىنلەرنى ئۇلار (يەنى گۇمراھلار) ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلدى. اﷲ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ

ئىنسانلار تاكى شەيتان ئۇلارنى ئازدۇرغانغا قەدەر ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدا يەنى ھىدايەت ئۈستىدە ئورتاق بىر ئۈممەت ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ بەزىسى كاپىر بولۇپ ئىختىلاپلاشتى. شۇ سەۋەپتىن ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى مۇئمىنلەرگە تەييارلىغان رەھمىتى، كاپىرلارغا تەھدىت سالغان قاتتىق ئازابتىن خۇش-بىشارەت بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. پەيغەمبەرلەرگە ئۇلار كىشىلەر ئىختىلاپلىشىپ قالغان مەسىلىلەردە كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىشى ئۈچۈن شەكسىز ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلارنى چۈشۈردى. پەقەت تەۋراتنىڭ ئىلمى بىلدۈرۈلگەن يەھۇدىلارلا ئۇلارغا تەۋراتنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقا بولمايدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ھۆججەتلەر كەلگىنىدىن كېيىن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ تەۋرات ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىزنى بىلەن زالالەتتىن ھىدايەتنى ئايرىشقا مۇۋەپپەق قىلدى. خالىغان كىشىنى ئىمان يولىدىن ئىبارەت قۇسۇرسىز بولغان توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ.

Al-Baqara 2:213Listen in Qur'an →
214

أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُوا۟ ٱلْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُم مَّثَلُ ٱلَّذِينَ خَلَوْا۟ مِن قَبْلِكُم ۖ مَّسَّتْهُمُ ٱلْبَأْسَآءُ وَٱلضَّرَّآءُ وَزُلْزِلُوا۟ حَتَّىٰ يَقُولَ ٱلرَّسُولُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ مَتَىٰ نَصْرُ ٱللَّهِ ۗ أَلَآ إِنَّ نَصْرَ ٱللَّهِ قَرِيبٌۭ

سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۆمىن) لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «اﷲ نىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر

ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان سىناقلارغا ئۇچرىماي جەننەتكە كېرىشنى ئويلامسىلەر؟ ئۇلارغا قاتتىق يوقسۇللۇق، ئېغىر كېسەل ۋە قورقۇنچ يەتكەن. ئۇلار ئۇچرىغان سىناق شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئالدىراپ پەيغەمبەر ۋە مۆئمىنلەر بىرلىكتە: « ئاللاھنىڭ نۇستىرى قاچان كېلىدۇ؟ » دىيىشىپ كەتكەن. بىلىپ قويۇڭلاركى ئاللاھنىڭ ياردىمى مۆئمىنلەرگە ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر.

Al-Baqara 2:214Listen in Qur'an →
215

يَسْـَٔلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَ ۖ قُلْ مَآ أَنفَقْتُم مِّنْ خَيْرٍۢ فَلِلْوَٰلِدَيْنِ وَٱلْأَقْرَبِينَ وَٱلْيَتَٰمَىٰ وَٱلْمَسَٰكِينِ وَٱبْنِ ٱلسَّبِيلِ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا۟ مِنْ خَيْرٍۢ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٌۭ

(ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ماللىرىنى) قانداق سەرپ قىلسا بولدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «مال - مۈلكىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئۇنى ئاتا ئاناڭلارغا، خىش - ئەقرىبالىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىبن سەبىللەرگە سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، اﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»

ئى پەيغەمبەر! سەندىن ساھابىلىرىڭ خىلمۇ-خىل ماللىرىدىن نېمىنى سەدىقە قىلىدىغانلىقىنى، نەگە سەرپ قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: پاك، ھالال مالدىن نېمىنى سەرپ قىلساڭلار ئاتا-ئاناڭلارغا، ئاراڭلاردىكى تۇرمۇشى تۆۋەن خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، مۇھتاج يېتىملەرگە، ھېچ نەرسىسى يوق يوقسۇللارغا، ئائىلىسى ۋە ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا سەرپ قىلىڭلار. ئى مۆئمىنلەر! ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نېمە ياخشىلىق قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-Baqara 2:215Listen in Qur'an →
216

كُتِبَ عَلَيْكُمُ ٱلْقِتَالُ وَهُوَ كُرْهٌۭ لَّكُمْ ۖ وَعَسَىٰٓ أَن تَكْرَهُوا۟ شَيْـًۭٔا وَهُوَ خَيْرٌۭ لَّكُمْ ۖ وَعَسَىٰٓ أَن تُحِبُّوا۟ شَيْـًۭٔا وَهُوَ شَرٌّۭ لَّكُمْ ۗ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ

سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىندى، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر؛ سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) اﷲ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر، (شۇنىڭ ئۈچۈن) اﷲ بۇيرۇغانغا ئالدىراڭلار

ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى. ھالبۇكى، ئۇرۇشتا مال ۋە جان كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىنساننىڭ تەبىئىتى ئۇرۇش قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. سىلەر بىر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ ئەمەلىيەتتە سىلەرگە ياخشى ۋە مەنپەئەتلىكتۇر. ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. ئۇرۇش قىلىشنىڭ ساۋابى كاتتا بولۇش بىلەن بىرگە ئۇ ئارقىلىق دۈشمەنلەردىن نۇسرەت تاپقىلى، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلغىلى بولىدۇ. سىلەر بىر نەرسىنى ياخشى كۆرۈشۈڭلار مۇمكىن ئەمما ئۇ سىلەرگە زىيانلىقتۇر. جىھادقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىش بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. مەغلۇبىيەت ۋە دۈشمەنلەرنىڭ ھاكىميەتنى ئىگەللىۋېلىشى جىھادنى تەرك ئەتكەنلىكتىن بولىدۇ. ئاللاھ پۈتۈن ياخشى يامان ئەمەللەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى سىلەر بىلمەيسىلەر. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنساڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.

Al-Baqara 2:216Listen in Qur'an →
217

يَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلشَّهْرِ ٱلْحَرَامِ قِتَالٍۢ فِيهِ ۖ قُلْ قِتَالٌۭ فِيهِ كَبِيرٌۭ ۖ وَصَدٌّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَكُفْرٌۢ بِهِۦ وَٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ وَإِخْرَاجُ أَهْلِهِۦ مِنْهُ أَكْبَرُ عِندَ ٱللَّهِ ۚ وَٱلْفِتْنَةُ أَكْبَرُ مِنَ ٱلْقَتْلِ ۗ وَلَا يَزَالُونَ يُقَٰتِلُونَكُمْ حَتَّىٰ يَرُدُّوكُمْ عَن دِينِكُمْ إِنِ ٱسْتَطَٰعُوا۟ ۚ وَمَن يَرْتَدِدْ مِنكُمْ عَن دِينِهِۦ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌۭ فَأُو۟لَٰٓئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَٰلُهُمْ فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْءَاخِرَةِ ۖ وَأُو۟لَٰٓئِكَ أَصْحَٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَٰلِدُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن: «ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر؛ اﷲ نىڭ يولىدىن توسۇش، اﷲ قا كۇفرىلىق قىلىش، مەسجىدى ھەرەمدا (ئىبادەت قىلىشتىن) توسۇش ۋە مەسجىدى ھەرەمدىن ئاھالىنى ھەيدەپ چىقىرىش اﷲ نىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر، پىتنە (يەنى مۆمىنلەرگە زىيانداشلىق قىلىش) ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر». ئۇلار (يەنى كۇففارلار) قولىدىن كەلسىلا سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كاپىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر

ئى پەيغەمبەر! ئۇلار سەندىن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەپ ئايلىرىدا ئۇرۇش قىلىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە سورايدۇ. ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: بۇ ئايلاردا ئۇرۇش قىلىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قەبىھ سانىلىدىغان چوڭ گۇناھتۇر. مۇشرىكلارنىڭ باشقىلارنى ئاللاھ يولىدىن توسۇشى، مۆئمىنلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن چەكلىشى، مەسجىدى ھەرەمدىن ئۇنىڭ ئاھالىسىنى ھەيدەپ چىقىرىشى بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلغاندىنمۇ چوڭ گۇناھتۇر. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئادەم ئۆلتۈرگەندىنمۇ چوڭ گۇناھتۇر. ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار سىلەرنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە تاكى ھەق دىنىڭلاردىن ئۆزلىرىنىڭ باتىل دىنىغا قايتۇرغانغا قەدەر زۇلۇمىنى داۋاملاشتۇرۇپ سىلەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ. كىم دىنىدىن يېنىپ، ئاللاھقا كاپىر بولغان پېتى ئۆلسە ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئاخرەتتىكى جايى دەۋزەختە مەڭگۈ قېلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

Al-Baqara 2:217Listen in Qur'an →
218

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَٱلَّذِينَ هَاجَرُوا۟ وَجَٰهَدُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ أُو۟لَٰٓئِكَ يَرْجُونَ رَحْمَتَ ٱللَّهِ ۚ وَٱللَّهُ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

شۈبھىسىزكى، ئمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار ئەنە شۇنداق كىشىلەر اﷲ نىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنگەنلەر، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ يولىدا ھىجرەت قىلىپ ۋەتەنلىرىنى تەرك ئەتكەنلەر، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغانلار، ئۇنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.

Al-Baqara 2:218Listen in Qur'an →
219

۞ يَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلْخَمْرِ وَٱلْمَيْسِرِ ۖ قُلْ فِيهِمَآ إِثْمٌۭ كَبِيرٌۭ وَمَنَٰفِعُ لِلنَّاسِ وَإِثْمُهُمَآ أَكْبَرُ مِن نَّفْعِهِمَا ۗ وَيَسْـَٔلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَ قُلِ ٱلْعَفْوَ ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلْءَايَٰتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ

(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە (ئازغىنا ماددى) پايدىمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ» دېگىن، ئۇلار سەندىن نېمىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ، «(ئېھتىياجدىن) ئارتۇقىنى (سەدىقە قىلىڭلار)» دېگىن. (دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى) تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ ئۆز ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ

ئى پەيغەمبەر! ساھابىلىرىڭ سەندىن ھاراق ھەققىدە يەنى ئېلىش، سېتىش ۋە ئىچىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە سورايدۇ. (ئەقىلنى كەتكۈزگەن ھەر قانداق نەرسە ھاراقتۇر). ئۇلار سەندىن قىمارنىڭ ھۆكمى ھەققىدە سورايدۇ. سەن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: ئۇ ئىككىسىدە ئەقىلنى ۋە مال-دۇنيانى زايا قىلىش، دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەتكە چۈشۈشكە ئوخشاش نۇرغۇن دىنى ۋە دۇنيالىق زىيانلار بار. ئۇ ئىككىسىدە ئازغىنە ماددى پايدىمۇ بار. بۇ ئىككىسىنىڭ زىيىنى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان گۇناھ ئۇنىڭ پايدىسىغا قارىغاندا كۆپتۇر. زىيىنى پايدىسىدىن چوڭ بولغان ھەرقانداق نەرسىدىن ئەقىللىق ئادەم يىراق تۇرۇشى كېرەك. بۇ ئاللاھنىڭ بايانى بولۇپ ھاراقنى ھارام قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىدە بايان قىلىنغان. ئى پەيغەمبەر! ساھابىلىرىڭ سەندىن نەپلە سەدىقە ۋە ئىئانە قىلىدىغان ماللىرىنىڭ مىقدارى ھەققىدە سورايدۇ. سەن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: ئېھتىياجىڭلاردىن ئارتۇق ماللىرىڭلاردىن سەدىقە قىلىڭلار دېگىن. بۇ دەسلەپكى بۇيرۇق بولۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ مۇئەييەن نىسابقا يەتكەن مەخسۇس ماللارغا كېلىدىغان زاكاتنى يولغا قويدى. ئاللاھ بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇق بايانلار ئارقىلىق سىلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلىدۇ.

Al-Baqara 2:219Listen in Qur'an →
220

فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْءَاخِرَةِ ۗ وَيَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلْيَتَٰمَىٰ ۖ قُلْ إِصْلَاحٌۭ لَّهُمْ خَيْرٌۭ ۖ وَإِن تُخَالِطُوهُمْ فَإِخْوَٰنُكُمْ ۚ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ ٱلْمُفْسِدَ مِنَ ٱلْمُصْلِحِ ۚ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ لَأَعْنَتَكُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌۭ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «(تەربىيىلەش، ماللىرىنى ئۆستۈرۈپ) ئۇلارنى تۈزەش ياخشىدۇر، ئۇلار بىلەن (ئۇلارغا پايدىلىق بولغان رەۋىشتە) ئارىلىشىپ ياشىساڭلار، ئۇ چاغدا (يەنى ئۇلارغا قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلىڭلار)، ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. اﷲ (يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىنى) بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر اﷲ خالىسا، سىلەرنى (قىيىن ئىشقا تەكلىپ قىلىش بىلەن) چوقۇم جاپاغا سالاتتى». اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئاللاھ يۇقىرىقى ھۆكۈملەرنى سىلەرگە دۇنيا ئاخىرەتتە مەنپەئەتى تېگىدىغان ئىشلار ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن يولغا قويدى. ئى پەيغەمبەر! ساھابىلىرىڭ سەندىن: يىتىملارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھەققىدە ئۇلار بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىنى نەپىقە، يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ قاتارلىقلاردا ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ئارىلاشتۇرامدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورىشىدۇ. سەن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئەجىر ئالماي، ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىغا ئارىلاشتۇرماي تۈزەش ئارقىلىق ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىنىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە ياخشى ۋە ئەجىر جەھەتتە كاتتىدۇر. ئۇلارنىڭمۇ ماللىرى ساقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ ياخشىدۇر. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىغا قېتىپ ئۇلارنى كۈندىلىك مەئىشەت ۋە تۇرالغۇدا ئۆزۈڭلارغا شېرىك قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىندىشىڭلاردۇر. قېرىنداشلار ئۆز-ئارا بىر بىرىگە ياردەملىشىدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدۇ. ئاللاھ يېتىملەرنىڭ ۋەلىلىرى ئىچىدە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىغا شېرىك قىلىپ ئىسلاھ قىلماقچى بولغان كىشى بىلەن بۇزماقچى بولغان كىشىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ يېتىملارنىڭ ئىشىدا سىلەرنى جاپاغا سېلىشنى خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى جاپاغا سالغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ سىلەرگە يېتىملارغا مۇئامىلە قىلىش يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. چۈنكى ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ئاسانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۈبھىسىزكى ئاللاھ غالىبدۇر. ھىچ قانداق نەرسە ئاللاھدىن غالىپ كېلەلمەيدۇ. مەخلۇقاتلارنى يارىتىش، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

Al-Baqara 2:220Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.