Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 201–210 of 286

201

وَمِنْهُم مَّن يَقُولُ رَبَّنَآ ءَاتِنَا فِى ٱلدُّنْيَا حَسَنَةًۭ وَفِى ٱلْءَاخِرَةِ حَسَنَةًۭ وَقِنَا عَذَابَ ٱلنَّارِ

بەزى كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ

يەنە بەزى كىشىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ. رەببىدىن دەۋزەخ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ جەننەتكە كېرىشنى سورىغىنىدەك، دۇنيانىڭ نازۇ-نېئمەتلىرى بىلەن سالىھ ئەمەلنى سورايدۇ.

Al-Baqara 2:201Listen in Qur'an →
202

أُو۟لَٰٓئِكَ لَهُمْ نَصِيبٌۭ مِّمَّا كَسَبُوا۟ ۚ وَٱللَّهُ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ

ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ. اﷲ نىڭ ھېساب ئېلىشى تېزدۇر (يەنى شۇنچە كۆپ خالايىقتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھېساب ئېلىپ بولىدۇ)

دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى سورىغۇچىلار دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ كاتتا ساۋابىغا ئىرىشىدۇ. ئاللاھ ئەمەللەردىن ناھايىتى تىز ھېساب ئالغۇچىدۇر.

Al-Baqara 2:202Listen in Qur'an →
203

۞ وَٱذْكُرُوا۟ ٱللَّهَ فِىٓ أَيَّامٍۢ مَّعْدُودَٰتٍۢ ۚ فَمَن تَعَجَّلَ فِى يَوْمَيْنِ فَلَآ إِثْمَ عَلَيْهِ وَمَن تَأَخَّرَ فَلَآ إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ لِمَنِ ٱتَّقَىٰ ۗ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّكُمْ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ

ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە) اﷲ نى ياد ئېتىڭلار (يەنى نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار)، (مىنادىن) ئالدىراپ ئىككى كۈندە قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، تەخىر قىلىپ قايتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (يۇقىرىقى ئەھكاملار) تەقۋادارلىق قىلىپ (ھەجنى تولۇق ئادا قىلماقچى بولغان) ئادەم ئۈچۈندۇر. اﷲ تىن قورقۇڭلار؛ بىلىڭلاركى، سىلەر ھېساب ئۈچۈن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر

ساناقلىق كۈنلەردە يەنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 11-12-13-كۈنلىرىدە تەكبىر ۋە تەھلىل بىلەن ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. كىمكى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 12-كۈنى شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كىيىن مىنادىن ئالدىراپ قايتقان بولسا، ئۇ كىشىگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا كىشىلەرگە بۇ ھۆكۈمنى يەڭگىللەشتۈرۈپ بەرگەن. كىمكى 13- كۈنى تاكى تاش ئاتقانغا قەدەر مىنادا تۇرغان بولسا ئۇ كىشىگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن 13-كۈنىگىچە تۇرغان كىشى ھەج ئىبادىتىنى ئەڭ مۇكەممەل قىلغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ، ھەجنى ئاللاھ بۇيرۇغاندەك قىلغان كىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ يەككە-يېگانە ئاللاھ تەرەپكە قايتىپ، ئاللاھنىڭ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭلار.

Al-Baqara 2:203Listen in Qur'an →
204

وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُعْجِبُكَ قَوْلُهُۥ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَيُشْهِدُ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا فِى قَلْبِهِۦ وَهُوَ أَلَدُّ ٱلْخِصَامِ

(ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ (لېكىن ئۇ يالغانچى مۇناپىقتۇر)، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە (يەنى دىلى باشقا تىلى باشقا ئەمەسلىكىگە) اﷲ نى گۇۋاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكۈچىلەرگە) ئەشەددىي دۈشمەندۇر (كۆرۈنۈشتە ئۇ شېرىن سۆزى ئارقىلىق دىندار قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ)

ئى پەيغەمبەر! كىشىلەر ئىچىدە شۇنداق مۇناپىق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدىكى سۆزى سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ. سەن ئۇنىڭ تاتلىق سۆزلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى راستچىل، سەمىمى دەپ ئويلاپ قالىسەن. ئۇنىڭ مەقسىتى پەقەتلا ئۆزىنى ۋە مېلىنى ساقلاپ قېلىشتۇر. ئۇ يالغانچى مۇسۇلمانلارغا قاتتىق دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت ساقلاپ تۇرۇپمۇ قەلبىدىكى ئىمان ۋە ياخشىلىققا گۇۋاھ قىلىدۇ.

Al-Baqara 2:204Listen in Qur'an →
205

وَإِذَا تَوَلَّىٰ سَعَىٰ فِى ٱلْأَرْضِ لِيُفْسِدَ فِيهَا وَيُهْلِكَ ٱلْحَرْثَ وَٱلنَّسْلَ ۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلْفَسَادَ

ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). اﷲ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ

ئۇ سەندىن ئايرىلىپ قايتقاندىن كېيىن زېمىندا گۇناھ مەئسىيەت قىلىش ئۈچۈن، زىرائەتلەرنى ۋە ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئاللاھ زېمىندا پاساتچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.

Al-Baqara 2:205Listen in Qur'an →
206

وَإِذَا قِيلَ لَهُ ٱتَّقِ ٱللَّهَ أَخَذَتْهُ ٱلْعِزَّةُ بِٱلْإِثْمِ ۚ فَحَسْبُهُۥ جَهَنَّمُ ۚ وَلَبِئْسَ ٱلْمِهَادُ

ئۇنىڭغا (ۋەز - نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز - ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ) اﷲ تىن قورققىن دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە - پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر

ئەگەر ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلۇغلاش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھدىن قورققىن دېيىلسە، ئۇنى غۇرۇرى ۋە تەكەببۇرلۇقى ھەقىقەتكە قايتىشتىن توسۇپ قويىدۇ. گۇناھ مەئسىيەتكە تېخىمۇ پاتىدۇ. جەھەننەمگە كېرىش ئۇ كىشىگە كۇپايە قىلىدىغان جازادۇر. جەھەننەم دەۋزىخىلەرگە نېمىدېگەن يامان قارارگاھ ھە!.

Al-Baqara 2:206Listen in Qur'an →
207

وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشْرِى نَفْسَهُ ٱبْتِغَآءَ مَرْضَاتِ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ رَءُوفٌۢ بِٱلْعِبَادِ

بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار اﷲ نىڭ رەزاسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ (قىلغان ئەمەلى بىلەن پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقىنىلا تىلەيدۇ). اﷲ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر

بەزى كىشىلەر باركى رەببىنى رازى قىلىش، ئۇنىڭ يولىدا جىھاد قىلىش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مەرھەمەتلىك ۋە كۆيۈمچاندۇر.

Al-Baqara 2:207Listen in Qur'an →
208

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱدْخُلُوا۟ فِى ٱلسِّلْمِ كَآفَّةًۭ وَلَا تَتَّبِعُوا۟ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيْطَٰنِ ۚ إِنَّهُۥ لَكُمْ عَدُوٌّۭ مُّبِينٌۭ

ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار. ئەھلى كىتابلارغا ئوخشاش كىتابنىڭ بەزى ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ بەزى ئەھكاملىرىغا ئىنكار قىلماڭلار. شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوپ-ئۇچۇق دۈشمەندۇر.

Al-Baqara 2:208Listen in Qur'an →
209

فَإِن زَلَلْتُم مِّنۢ بَعْدِ مَا جَآءَتْكُمُ ٱلْبَيِّنَٰتُ فَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

سىلەرگە (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن (توغرا يولدىن) تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، (سىلەر جازالىنىسىلەر، چۈنكى) اﷲ غالىبتۇر (يەنى سىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشتىن ئاجىز ئەمەستۇر)، ھېكمەت بىلەن ئش قىلغۇچىدۇر

سىلەرگە ئېنىق دەلىللەر كەلگىنىدىن كىيىن توغرا يولدىن تېيىپ كەتسەڭلار بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆز قۇدرىتىدە غالىبدۇر. ئەھكاملارنى يولغا قويۇش ۋە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. شۇڭلاشقا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار.

Al-Baqara 2:209Listen in Qur'an →
210

هَلْ يَنظُرُونَ إِلَّآ أَن يَأْتِيَهُمُ ٱللَّهُ فِى ظُلَلٍۢ مِّنَ ٱلْغَمَامِ وَٱلْمَلَٰٓئِكَةُ وَقُضِىَ ٱلْأَمْرُ ۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرْجَعُ ٱلْأُمُورُ

ئۇلار (يەنى ئسلامغا كىرىشنى تەرك ئەتكەنلەر) پەقەت اﷲ نىڭ (قىيامەت كۈنى خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) بۇلۇت پارچىلىرى ئىچىدە كېلىشىنى، پەرىشتلەرنىڭ كېلىشىنى ۋە (خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، بىر گۇرۇھ جەننەتى، بىر گۇرۇھ دوزىخى بولۇپ ئايرىلىش بىلەن خالايىقنىڭ) ئىشىنىڭ پۈتۈشىنى كۈتەمدۇ؟ (بەندىلەرنىڭ) ھەممە ئىشى اﷲ قا قايتۇرۇلىدۇ

ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ، شەيتاننىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەر ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن بۇلۇت پارچىسى ئىچىدە ئۆز ئۇلۇغلىقى ۋە شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق رەۋىشتە كېلىشىنى ساقلامدۇ؟. پەرىشتىلەر ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەققىدە بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدۇ، پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشى يەككە-يېگانە ئاللاھقا قايتىدۇ.

Al-Baqara 2:210Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.