Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 191–200 of 286

191

وَٱقْتُلُوهُمْ حَيْثُ ثَقِفْتُمُوهُمْ وَأَخْرِجُوهُم مِّنْ حَيْثُ أَخْرَجُوكُمْ ۚ وَٱلْفِتْنَةُ أَشَدُّ مِنَ ٱلْقَتْلِ ۚ وَلَا تُقَٰتِلُوهُمْ عِندَ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ حَتَّىٰ يُقَٰتِلُوكُمْ فِيهِ ۖ فَإِن قَٰتَلُوكُمْ فَٱقْتُلُوهُمْ ۗ كَذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلْكَٰفِرِينَ

ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) (ئۇلار ھەرەمدە بولسۇن، باشقا يەردە بولسۇن، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا بولسۇن) ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن (يەنى مەككىدىن) چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرمۇ ئۇلارنى يۇرتىدىن چىقىرىۋېتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر. تاكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچمىغىچە مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار (مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا) ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېرىڭلار. كاپىرلارنىڭ جازاسى شۇنداق بولىدۇ

سىلەر ئۇلارنى ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى چىقىرىۋەتكەن جاي مەككىدىن سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىڭلار. مۆئمىننى دىنىدىن توسۇش ۋە كۇپرىغا قايتۇرۇش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن پىتنە ئۆلتۈرۋەتكەندىنمۇ يامان. تاكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچمىغۇچە مەسجىدى ھەرەمنى ئۇلۇغلىغانلىق ئۈچۈن مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار. ئەگەر ئۇلار مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇرۇش ئاچسا ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋىرىڭلار. مەسجىدى ھەرەمدە ھەددىدىن ئاشقان كاپىرلارنىڭ جازاسى ئۆلۈمدۇر.

Al-Baqara 2:191Listen in Qur'an →
192

فَإِنِ ٱنتَهَوْا۟ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا (سىلەرمۇ ئۇرۇشتىن قول يىغىڭلار)، اﷲ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشۇشتىن ۋە كۇپرىلىقىدىن يانسا، سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشتىن قول يىغىڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر ۋە جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ.

Al-Baqara 2:192Listen in Qur'an →
193

وَقَٰتِلُوهُمْ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتْنَةٌۭ وَيَكُونَ ٱلدِّينُ لِلَّهِ ۖ فَإِنِ ٱنتَهَوْا۟ فَلَا عُدْوَٰنَ إِلَّا عَلَى ٱلظَّٰلِمِينَ

تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە اﷲ نىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ

تاكى كاپىرلاردىن كۇپرۇلۇق، شېرىك ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش تۈگەپ، ئاللاھنىڭ دىنى غالىب كەلگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر ئۇلار كۇپرىلىقىدىن ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشتىن يانسا سىلەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشماڭلار. كۇپرۇلۇق ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش بىلەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ.

Al-Baqara 2:193Listen in Qur'an →
194

ٱلشَّهْرُ ٱلْحَرَامُ بِٱلشَّهْرِ ٱلْحَرَامِ وَٱلْحُرُمَٰتُ قِصَاصٌۭ ۚ فَمَنِ ٱعْتَدَىٰ عَلَيْكُمْ فَٱعْتَدُوا۟ عَلَيْهِ بِمِثْلِ مَا ٱعْتَدَىٰ عَلَيْكُمْ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلْمُتَّقِينَ

(ئۇرۇش) ھارام قىلىنغان ئاي (ئۇرۇش) ھارام قىلىنغان ئايغا تەڭدۇر (يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان. ئايلاردا دۈشمىنىڭلار سىلەرگە چېقىلسا، شۇ ئايلاردا سىلەرمۇ ئۇلارغا چېقىلساڭلار بولىدۇ). ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر تەڭ - باراۋەردۇر (يەنى ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى باشقىلار دەپسەندە قىلسا، ئىنتىقام ئېلىش يۈزسىدىن، سىلەرمۇ ئۇلارنى دەپسەندە قىلساڭلار ھېچ يامىنى يوق. (بىراۋ سىلەرگە قانچىلىك چېقىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چېقىلىڭلار؛ اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر

ھىجىرىيە 7- يىلى ئۇرۇش ھارام قىلغان ئايدا ئاللاھ سىلەرگە ھەرەمگە كىرىپ ئۆمرە قىلىش ئىمكانىيىتى بەرگەن ۋاقىت بولسا، ھىجىرىيە 6- يىلى مۇشرىكلار سىلەرنى ھەرەمدىن توسۇۋالغان ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينىڭ تۇلۇقلىمىسىدۇر. ھەددىدىن ئاشقانلاردىن قىساس ئېلىش ھەرەم ۋە ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا، ئېھراملىق بولۇشقا ئوخشاش رايون ۋە ئەھۋاللاردىمۇ ئىجرا قىلىنىۋېرىدۇ. كىمكى سىلەرگە ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ھۇجۇم قىلسا، سىلەرمۇ شۇ ئايلاردا ئۇلارغا چېقىلساڭلار بولىدۇ. سىلەر ھۇجۇمنى تەڭ-باراۋەر قىلىشتىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ، سىلەرگە رۇخسەت قىلىنغان نەرسىلەردە چەكتىن ئاشۇرىۋىتىشتە ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى ئاللاھ تەۋپىق ۋە كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلىشتا تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر.

Al-Baqara 2:194Listen in Qur'an →
195

وَأَنفِقُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَا تُلْقُوا۟ بِأَيْدِيكُمْ إِلَى ٱلتَّهْلُكَةِ ۛ وَأَحْسِنُوٓا۟ ۛ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلْمُحْسِنِينَ

اﷲ نىڭ يولىدا (پۇل - مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى اﷲ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ

پۇل-مالنى جىھاد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھنىڭ يولىغا سەرپ قىلىڭلار. سىلەر جىھاد ۋە جىھادقا پۇل-مال بېرىشنى تەرك ئېتىش ياكى ھالاكىتىڭلارغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارغا ئۆزۈڭلارنى ئېتىش ئارقىلىق نەپسىڭلارنى ھالاك قىلماڭلار. ئىبادىتىڭلارنى، مۇئامىلەڭلارنى ۋە ئەخلاقىڭلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ پۈتۈن ئىشلىرىدا ئېھسان قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. ئۇلارغا كاتتا ساۋاپ بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.

Al-Baqara 2:195Listen in Qur'an →
196

وَأَتِمُّوا۟ ٱلْحَجَّ وَٱلْعُمْرَةَ لِلَّهِ ۚ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا ٱسْتَيْسَرَ مِنَ ٱلْهَدْىِ ۖ وَلَا تَحْلِقُوا۟ رُءُوسَكُمْ حَتَّىٰ يَبْلُغَ ٱلْهَدْىُ مَحِلَّهُۥ ۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ بِهِۦٓ أَذًۭى مِّن رَّأْسِهِۦ فَفِدْيَةٌۭ مِّن صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍۢ ۚ فَإِذَآ أَمِنتُمْ فَمَن تَمَتَّعَ بِٱلْعُمْرَةِ إِلَى ٱلْحَجِّ فَمَا ٱسْتَيْسَرَ مِنَ ٱلْهَدْىِ ۚ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَٰثَةِ أَيَّامٍۢ فِى ٱلْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ ۗ تِلْكَ عَشَرَةٌۭ كَامِلَةٌۭ ۗ ذَٰلِكَ لِمَن لَّمْ يَكُنْ أَهْلُهُۥ حَاضِرِى ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ

ھەج بىلەن ئۆمرەنى اﷲ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (يەنى بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (بېشىنى چۈشۈرمىسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر

ھەج ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ تۇلۇق ئادا قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر كېسەل ياكى دۈشمەن سەۋەبلىك ھەج ئۆمرىنى تۇلۇق ئادا قىلىشتىن چەكلىنىپ قالساڭلار، ئېھرامدىن چىقىشىڭلار ئۈچۈن تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار. قۇربانلىق قىلىدىغان مال، بۇغۇزلايدىغان يەرگە يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار ياكى قىسقارتماڭلار. ئەگەر قۇربانلىق قىلىدىغان مال ھەرەمگە يىتىپ بېرىشتىن چەكلىنىپ قالغان بولسا ئۇنى چەكلەنگەن جايدا بۇغۇزلىسۇن. ئەگەر ھەرەمگە بېرىشتىن چەكلەنمىگەن بولسا نەھرى كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن كىيىنكى تەشرىق كۈنلىرىدە ھەرەمدە بۇغۇزلىسۇن. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا پىتقا ئوخشاش ئەزىيەت بار بولۇپ شۇ سەۋەبلىك چېچىنى چۈشۈرىۋەتكەن بولسا ئۇ كىشى پىدىيە بېرىش يۈزىسىدىن ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن ياكى ھەرەمنىڭ مىسكىنلىرىدىن ئالتە مىسكىنگە تاماق بەرسۇن ياكى بىر قوي قۇربانلىق قىلىپ ھەرەمنىڭ پېقىرلىرىغا تارقاتسۇن. ئەگەر سىلەردىن كىمكى ھەج ئايلىرىدا ئۆمرىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەجگە ئېھرام باغلىغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئېھراملىق كىشى ئۈچۈن چەكلىنىدىغان نەرسىلەردىن بەھرىمان بولغان بولسا(يەنى تەمەتتۇئ ھەججى قىلغان بولسا)، قوي زەبىھ قىلسۇن ياكى يەتتە ئادەم شېرىكلىشىپ تۆگە ياكى كالا قۇربانلىق قىلسۇن. ئەگەر قۇربانلىق قىلىدىغان مالغا قادىر بولالمىسا جەمئى ئون كۈن بولۇش ئۈچۈن، قۇربانلىقنىڭ ئورنىدا ھەج كۈنلىرىدا ئۈچ كۈن، ئائىلىسىگە قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن. قۇربانلىق مال ياكى ئاجىز كەلگەن كىشىنىڭ روزا تۇتىشى ۋاجىپ بولىدىغان بۇ ھۆكۈم ھەرەمدە ۋە ھەرەمگە يېقىن جايدا ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇلارنىڭ ئېھرامدىن چىقىپ باشقا نەرسىلەردىن بەھرىمان بولۇشقا ھاجىتى يوق. ئۇلار ھەرەمدە تۇرغان پەيتلىرىدە ئۆمرە بىلەن ھەجگە بىر ئېھرام باغلاپ تاۋاپ قىلىشى ئۇلارغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ يولغا قۇيغان ھۆكۈملەرگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى ئاللاھ بۇيرۇقىغا قارشى چىققان كىشىلەرنى قاتتىق جازالىغۇچىدۇر.

Al-Baqara 2:196Listen in Qur'an →
197

ٱلْحَجُّ أَشْهُرٌۭ مَّعْلُومَٰتٌۭ ۚ فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ ٱلْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِى ٱلْحَجِّ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا۟ مِنْ خَيْرٍۢ يَعْلَمْهُ ٱللَّهُ ۗ وَتَزَوَّدُوا۟ فَإِنَّ خَيْرَ ٱلزَّادِ ٱلتَّقْوَىٰ ۚ وَٱتَّقُونِ يَٰٓأُو۟لِى ٱلْأَلْبَٰبِ

ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، اﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن) زاد - راھىلە ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى زاد - راھىلە تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار

ھەج ۋاقتى مەلۇم بىر قانچە ئايدۇر. شەۋۋال ئېيىدا باشلىنىپ زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. كىمكى بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئېھرام باغلىغان بولسا ئۇ كىشىگە جىنسى ئالاقە ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپ بولىدىغان گەپ سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتلەرنى قىلىشى ھارام بولىدۇ. ھەج قىلماقچى بولغان ئادەم مۇقەددەس ماكان ۋە زاماندا بولغاچقا گۇناھ مەئسىيەت سادىر قىلىپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىشنىڭ ھاراملىقى ئۇنىڭ ھەققىدە تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. شۇنداقلا بىر-بىرىنى ئۆچ كۆرۈشكە ۋە ئاداۋەتكە سەۋەپ بولىدىغان تالاش-تارتىش ۋە جىدەللەرمۇ ھارام بولىدۇ. سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەل قىلساڭلار ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق سىلەرگە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. ھەجنى ئادا قىلىشتا ئېھتىياجلىق يېمەك-ئىچمەك ئېلىۋېلىپ پايدىلىنىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى ھەر قانداق ئەھۋالدا سىلەر پايدىلىنىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشتۇر. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەر مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىمدىن يېنىش ئارقىلىق مەندىن قورقۇڭلار.

Al-Baqara 2:197Listen in Qur'an →
198

لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَبْتَغُوا۟ فَضْلًۭا مِّن رَّبِّكُمْ ۚ فَإِذَآ أَفَضْتُم مِّنْ عَرَفَٰتٍۢ فَٱذْكُرُوا۟ ٱللَّهَ عِندَ ٱلْمَشْعَرِ ٱلْحَرَامِ ۖ وَٱذْكُرُوهُ كَمَا هَدَىٰكُمْ وَإِن كُنتُم مِّن قَبْلِهِۦ لَمِنَ ٱلضَّآلِّينَ

پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) اﷲ نى ياد ئېتىڭلار، اﷲ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (يەنى اﷲ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلار)

ھەج مەزگىلىدە تىجارەت ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق ھالال رىزق تەلەپ قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى ئەراپاتتا تۇرغىنىڭلاردىن كېيىن زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10-كېچىسى مۇزدەلىفىگە قايتقىنىڭلاردا مەشئەرىل ھەرەمدە يەنى مۇزدەلىفىدە ئاللاھنى تەسبىھ، تەھلىل ( يەنى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېيىش ) ۋە دۇئالار بىلەن ياد ئېتىڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرنى دىنىغا، بەيتىنى ھەج قىلىشقا نىسىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئۆز دىنىغا ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى سىلەر ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن غەپلەتتە ئېدىڭلار.

Al-Baqara 2:198Listen in Qur'an →
199

ثُمَّ أَفِيضُوا۟ مِنْ حَيْثُ أَفَاضَ ٱلنَّاسُ وَٱسْتَغْفِرُوا۟ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

ئاندىن كېيىن، سىلەر (ئەرەفاتتىن) كىشىلەر قايتقان جاي بىلەن قايتىڭلار، اﷲ تىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئاندىن كېيىن سىلەر ئەراپاتتىن، ئەراپاتتا تۇرمايدىغان جاھىلىيەت ئەھلى قايتقىنىدەك ئەمەس، بەلكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگەشكەن كىشىلەر قايتقىنىدەك قايتىڭلار. ئاللاھ يولغا قويغان نەرسىلەرنى ئادا قىلىشتىكى نۇقسانلىقلىرىڭلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت سوراڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.

Al-Baqara 2:199Listen in Qur'an →
200

فَإِذَا قَضَيْتُم مَّنَٰسِكَكُمْ فَٱذْكُرُوا۟ ٱللَّهَ كَذِكْرِكُمْ ءَابَآءَكُمْ أَوْ أَشَدَّ ذِكْرًۭا ۗ فَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ رَبَّنَآ ءَاتِنَا فِى ٱلدُّنْيَا وَمَا لَهُۥ فِى ٱلْءَاخِرَةِ مِنْ خَلَٰقٍۢ

سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، اﷲ نى بولسا ئاتا - بوۋاڭلارنى (پەخىرلىنىپ) ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار، بەزى كىشىلەر: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر

سىلەر ھەج پائالىيەتلىرىنى تۈگىتىپ بىكار بولغىنىڭلاردا، ئاتا-بوۋاڭلاردىن پەخىرلىنىپ ئۇلارنى ياد ئەتكىنىڭلاردەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار ۋە ئۇنى كۆپ مەدھىيەلەڭلار. ئاتا-بوۋاڭلارنى ماختىغىنىڭلاردەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ئاللاھنى كۆپ مەدھىيىلەڭلار. چۈنكى سىلەر بەھرىمان بولىۋاتقان ھەر قانداق نېئمەت ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەندۇر. ئىنسانلار ھەرخىل بولۇپ، بەزى كىشىلەر پەقەت دۇنيا ھاياتىغىلا ئىشىنىدىغان مۇشرىك كاپىردۇر. ئۇ رەببىدىن پەقەت ساغلىق، مال-دۇنيا ۋە بالا-چاقىغا ئوخشاش دۇنيانىڭ نازۇ-نېئمەتلىرى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرىنىلا سورايدۇ. بۇلار دۇنياغا قىزىقىپ ئاخىرەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئاخىرەتتە مۆئمىن بەندىلىرىگە تەييارلىغان نەرسىلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھېچ نېسىۋىسى بولمايدۇ.

Al-Baqara 2:200Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.