فَمَنۢ بَدَّلَهُۥ بَعْدَمَا سَمِعَهُۥ فَإِنَّمَآ إِثْمُهُۥ عَلَى ٱلَّذِينَ يُبَدِّلُونَهُۥٓ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌۭ
ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى ئۆزگەرتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
كىم ۋەسىيەتنى كەم-زىيادە قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتسە ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەققىنى چەكلىسە، ئۇنى ئۆزگەرتكەنلىكنىڭ گۇناھى ۋەسىيەت قىلغۇچىغا ئەمەس ئۆزگەرتكۈچىگە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچ بىر شەيئى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن ساقلىنىپ قالمايدۇ.