Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 171–180 of 286

171

وَمَثَلُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ كَمَثَلِ ٱلَّذِى يَنْعِقُ بِمَا لَا يَسْمَعُ إِلَّا دُعَآءًۭ وَنِدَآءًۭ ۚ صُمٌّۢ بُكْمٌ عُمْىٌۭ فَهُمْ لَا يَعْقِلُونَ

كاپىرلەرنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلغۇچى خۇددى مەنىسىنى چۈشەنمەي تاۋۇشىنى ۋە نىدانىلا ئاڭلايدىغان چاھارپايلارنى چاقىرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ (كاپىرلار ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاستۇر، (ھەقنى سۆزلەشتىن) گاچىدۇر، (ھەقنى كۆرۈشتىن) كوردۇر، ئۇلار (ۋەز - نەسىھەتنى چۈشەنمەيدۇ

كاپىرلار ئاتا-بوۋىلىرىغا ئەگىشىشتە ۋاقىراپ چارۋىلىرىنى چاقىرغان، چارۋىلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ سۆزىنى چۈشەنمىگەن پادىچىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتنى پايدىلىق شەكىلدە ئاڭلاشتىن پاڭدۇر. تىللىرى ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن گاچىدۇر. كۆزلىرى ھەقىقەتنى كۆرۈشتىن قارغۇدۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار سەن چاقىرىۋاتقان ھىدايەتنى چۈشەنمەيدۇ.

Al-Baqara 2:171Listen in Qur'an →
172

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ كُلُوا۟ مِن طَيِّبَٰتِ مَا رَزَقْنَٰكُمْ وَٱشْكُرُوا۟ لِلَّهِ إِن كُنتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ

ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر اﷲ غىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، اﷲ قا (يەنى اﷲ نىڭ ھەددى - ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن كىشىلەر! ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مۇباھ ۋە پاك نەرسىلەردىن يەڭلار. ئەگەر سىلەر يەككە-يېگانە ئاللاھقا ھەقىقى ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ھالەتتە شۈكرى قىلىڭلار. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئاسىي بولۇشتىن يىراق تۇرۇش ئاللاھقا شۈكرى قىلىشنىڭ قاتارىدىندۇر.

Al-Baqara 2:172Listen in Qur'an →
173

إِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيْكُمُ ٱلْمَيْتَةَ وَٱلدَّمَ وَلَحْمَ ٱلْخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ بِهِۦ لِغَيْرِ ٱللَّهِ ۖ فَمَنِ ٱضْطُرَّ غَيْرَ بَاغٍۢ وَلَا عَادٍۢ فَلَآ إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌ

اﷲ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، اﷲ تىن غەيرىينىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى، كىمكى ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئاللاھ سىلەرگە يېمەكلىكلەردىن شەرىئەت بويىچە بوغۇزلانماستىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، ئېتىلىپ چىققان قاننى، چوشقا گۆشىنى، بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان ھايۋانلارنى ھارام قىلدى. ئەگەر ئىنسان زۆرۈرىيەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەستىن بىر نەرسىنى يېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئۇ كىشىگە ھېچ قانداق گۇناھ بولمايدۇ ۋە جازامۇ يوق. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۈيۈمچاندۇر. مەجبۇر بولۇپ قالغان چاغدا بۇ ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن يېيىشنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈۋېتىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ قاتارىدىندۇر.

Al-Baqara 2:173Listen in Qur'an →
174

إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلْكِتَٰبِ وَيَشْتَرُونَ بِهِۦ ثَمَنًۭا قَلِيلًا ۙ أُو۟لَٰٓئِكَ مَا يَأْكُلُونَ فِى بُطُونِهِمْ إِلَّا ٱلنَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ ٱللَّهُ يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ

اﷲ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا ساتىدىغانلارنىڭ قارنىغا يېگىنى پەقەت ئوتتۇر (چۈنكى ئۇلارنىڭ يېگەن شۇ ھارام مېلى ئۇلارنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ)، قىيامەت كۈنى اﷲ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەقىقەت، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان مەزمۇنلارنى يوشۇرغانلار خۇددى يەھۇدى ۋە ناسارالار قىلغىنىدەك، ھەقىقەتنى يۇشۇرۇپ باشلىقلىق، يۈز-ئابروي ۋە مال-دۇنياغا ئوخشاش ئازغىنا نەرسىگە سېتىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلار قارنىغا پەقەتلا ئۆزلىرىنى دەۋزەختە ئازابلاشقا سەۋەپ بولىدىغان نەرسىلەرنىلا يېيەلەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا، ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان سۆز قىلماستىن بەلكى خاپا قىلىدىغان سۆز قىلىدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ ۋە مەدھىيەلىمەيدۇ، ئۇلار دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

Al-Baqara 2:174Listen in Qur'an →
175

أُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشْتَرَوُا۟ ٱلضَّلَٰلَةَ بِٱلْهُدَىٰ وَٱلْعَذَابَ بِٱلْمَغْفِرَةِ ۚ فَمَآ أَصْبَرَهُمْ عَلَى ٱلنَّارِ

ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا (يەنى جەننەتنى دوزاخقا) تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق!

كىشىلەر موھتاج بولىدىغان ئىلىمنى يۇشۇرۇش بىلەن سۈپەتلەنگەن ئەنە شۇ كىشىلەر، ھەق ئىلىمنى يۇشۇرۇپ ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىنى ئازاپقا تىگىشتى. خۇددى ئۇلار چىدامچانلىقىدىن دەۋزەختىكى ئازابقا پەرۋا قىلمايدىغاندەكلا ئۆزلىرىنىڭ دەۋزەخكە كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشتا نېمىدېگەن چىدامچان ھە!

Al-Baqara 2:175Listen in Qur'an →
176

ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ نَزَّلَ ٱلْكِتَٰبَ بِٱلْحَقِّ ۗ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ ٱخْتَلَفُوا۟ فِى ٱلْكِتَٰبِ لَفِى شِقَاقٍۭ بَعِيدٍۢ

بۇ (قاتتىق ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، اﷲ ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى (تەۋراتنى) نازىل قىلدى (ئۇلار تەۋراتتىكى نەرسىلەرنى يوشۇردى ۋە ئۆزگەرتىۋەتتى)، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلغۇچىلار چۇڭقۇر نىزادىدۇر

ئىلىم ۋە ھىدايەتنى يوشۇرغانلىق سەۋەبىدىن دۇچار بولىدىغان بۇ ئازاب شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئاللاھ ئىلاھى كىتابلارنى ھەقىقەت بىلەن نازىل قىلدى. بۇ ئىلاھى كىتابلاردىن ھېچنەرسە يوشۇرۇلماستىن بايان قىلىنىشى كېرەكلىكى تەقەززا قىلىنىدۇ. ئىلاھى كىتابلار ھەققىدە ئىختىلاپ قىلغۇچىلار، ئۇلار ئۇنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى يوشۇرغانلىق سەۋەبىدىن ھەقىقەتتىن يىراق تۈگىمەس ئىختىلاپ ئىچىدىدۇر.

Al-Baqara 2:176Listen in Qur'an →
177

۞ لَّيْسَ ٱلْبِرَّ أَن تُوَلُّوا۟ وُجُوهَكُمْ قِبَلَ ٱلْمَشْرِقِ وَٱلْمَغْرِبِ وَلَٰكِنَّ ٱلْبِرَّ مَنْ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ وَٱلْمَلَٰٓئِكَةِ وَٱلْكِتَٰبِ وَٱلنَّبِيِّۦنَ وَءَاتَى ٱلْمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِۦ ذَوِى ٱلْقُرْبَىٰ وَٱلْيَتَٰمَىٰ وَٱلْمَسَٰكِينَ وَٱبْنَ ٱلسَّبِيلِ وَٱلسَّآئِلِينَ وَفِى ٱلرِّقَابِ وَأَقَامَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَى ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَٰهَدُوا۟ ۖ وَٱلصَّٰبِرِينَ فِى ٱلْبَأْسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ وَحِينَ ٱلْبَأْسِ ۗ أُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ صَدَقُوا۟ ۖ وَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُتَّقُونَ

سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈزكەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى اﷲ قا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى اﷲ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەبغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، اﷲ نى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش - ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل - مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل - مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (اﷲ نىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر

كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا رازىلىققا ئېرىشىدىغان ياخشىلىققا ياتمايدۇ بەلكى بارلىق ياخشىلىق ئاللاھنى بىر دەپ بىلگەن، قىيامەت كۈنىگە، بارلىق پەرىشتىلەرگە، نازىل قىلىنغان بارلىق كىتابلارغا، بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن، پۇل-مېلىنى ئۆزى ياخشى كۆرسىمۇ خىش-ئەقرىبالىرىغا، بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن يېتىملەرگە، ھاجەتمەنلەرگە، سەپەر سەۋەبلىك ۋەتىنى ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا، كىشىلەردىن سورىغۇدەك ھالغا كېلىپ قالغان يوقسۇللارغا چىقىم قىلغان، مېلىنى قۇل ياكى ئەسىرلەرنى قۇللۇقتىن ئازات قىلىشقا خەجلىگەن، نامازنى ئاللاھ بۇيرۇغان بويىچە تۇلۇق ئادا قىلغان، پەرز زاكاتنى ئادا قىلغان، ئەھدە قىلسا ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان، يوقسۇللۇق، قىيىنچىلىق ۋە كېسەلگە سەۋر قىلغان، جەڭ مەيدانىدىكى مۇشەققەتتىن قاچمىغان قاتارلىق كىشىلەر، ئاللاھ بۇيرۇغان ئەمەللەرنى ئورۇندىغان، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن يانغان، ئىماندا راستچىل تەقۋادار كىشىلەردۇر.

Al-Baqara 2:177Listen in Qur'an →
178

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ كُتِبَ عَلَيْكُمُ ٱلْقِصَاصُ فِى ٱلْقَتْلَى ۖ ٱلْحُرُّ بِٱلْحُرِّ وَٱلْعَبْدُ بِٱلْعَبْدِ وَٱلْأُنثَىٰ بِٱلْأُنثَىٰ ۚ فَمَنْ عُفِىَ لَهُۥ مِنْ أَخِيهِ شَىْءٌۭ فَٱتِّبَاعٌۢ بِٱلْمَعْرُوفِ وَأَدَآءٌ إِلَيْهِ بِإِحْسَٰنٍۢ ۗ ذَٰلِكَ تَخْفِيفٌۭ مِّن رَّبِّكُمْ وَرَحْمَةٌۭ ۗ فَمَنِ ٱعْتَدَىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَلَهُۥ عَذَابٌ أَلِيمٌۭ

ئى مۆمىنلەر! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ھۆر ئادەم ئۈچۈن ھۆر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ. قاتىل ئۈچۈن (دىنىي) قېرىندىشى تەرىپىدىن بىرنەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچسە، ئۇ، جىنايەتچىدىن دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى لازىم، (جىنايەتچىمۇ دىيەتنى) ياخشىلىقچە (يەنى كېچىكتۈرمەستىن، كېمەيتىۋەتمەستىن تولۇق) بېرىشى لازىم. بۇ (ھۆكۈم) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە بېرىلگەن) يېنىكلىتىشتۇر ۋە رەھمەتتۇر. شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى دىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن)، چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن (يەنى قاتىلنى ئۆلتۈرگەن) ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن كىشىلەر! باشقىلارنى قەستەن ۋە دۈشمەنلىك بىلەن ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالاش سىلەرگە پەرز قىلىندى. ھۆر ئادەم ئۈچۈن ھۆر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ. قاتىلنى ئۆلتۈرۈلگۈچى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ياكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ كەچۈرۈۋەتسە، كەچۈرۈۋەتكەن كىشى ئەزىيەت بەرمەستىن چىرايلىقچە قاتىلدىن دىيەتنى تەلەپ قىلىشى لازىم. قاتىلمۇ دىيەتنى سوزىۋەتمەستىن، كىچىكتۈرۈۋەتمەستىن چىرايلىقچە ئادا قىلىشى لازىم. (قاتىلنى) كەچۈرۈۋېتىپ دىيەت ئېلىش رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بېرىلگەن يېنىكلىتىشتۇر ۋە بۇ ئۈممەتكە رەھمەتتۇر. كىمكى قاتىلنى كەچۈرۈپ دىيەت ئېلىپ بولغاندىن كىيىن قاتىلغا ھۇجۇم قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.

Al-Baqara 2:178Listen in Qur'an →
179

وَلَكُمْ فِى ٱلْقِصَاصِ حَيَوٰةٌۭ يَٰٓأُو۟لِى ٱلْأَلْبَٰبِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ

ئى ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەرگە قىساستا ھاياتلىق بار، (يەنى كىشى بىراۋنى ئۆلتۈرگەن تەقدىردە ئۆزىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ، ئۇ ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەممۇ ئۆلۈشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ). (ناھەق قان تۆكۈشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن (قىساس يولغا قويۇلدى)

ئاللاھ يولغا قويغان قىساستا قانلىرىڭلارنى ساقلاش، ئۆز-ئارا دۈشمەنلىكنى يوقىتىش ئارقىلىق سىلەرگە ھاياتلىق بار. ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنۇش، بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورققان ئەقىل ئىگىلىرى بۇنى ھېس قىلالايدۇ.

Al-Baqara 2:179Listen in Qur'an →
180

كُتِبَ عَلَيْكُمْ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ ٱلْمَوْتُ إِن تَرَكَ خَيْرًا ٱلْوَصِيَّةُ لِلْوَٰلِدَيْنِ وَٱلْأَقْرَبِينَ بِٱلْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى ٱلْمُتَّقِينَ

ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال قالدۇرسا، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ۋە خىش - ئەقرىبالىرىغا ئادىللىق بىلەن ۋەسىيەت قىلىشى تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى سۈپىتىدە پەرز قىلىندى

ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال قالدۇرسا، شەرىئەت بەلگىلىگىنى بويىچە پۈتۈن مالنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن ئاتا-ئانىسىغا، خىش-ئەقرىبالىرىغا، ۋەسىيەت قىلىشى پەرز قىلىندى. بۇ ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلارغا تەكىتلەنگەن ھەقىقەتتۇر. بۇ مىراس ئايەتلىرى چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ تائالا مىراس ئايەتلىرىنى نازىل قىلغاندىن كېيىن مېيىتتىن مىراس ئالىدىغان كىشىنى ۋە ئالىدىغان مىقدارنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەردى.

Al-Baqara 2:180Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.