Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 161–170 of 286

161

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَمَاتُوا۟ وَهُمْ كُفَّارٌ أُو۟لَٰٓئِكَ عَلَيْهِمْ لَعْنَةُ ٱللَّهِ وَٱلْمَلَٰٓئِكَةِ وَٱلنَّاسِ أَجْمَعِينَ

شۈبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ، كاپىر پېتى ئۆلگەنلەر بار، ئەنە شۇلار چوقۇم اﷲ نىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ

شۈبھىسىزكى كاپىر بولۇپ كۇپرىدىن تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرگە، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن بىرگە لەنەت قىلىدۇ. ئۇلارغا پەرىشتىلەر ۋە بارلىق كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم بولۇشىغا بەددۇئا قىلىدۇ.

Al-Baqara 2:161Listen in Qur'an →
162

خَٰلِدِينَ فِيهَا ۖ لَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ ٱلْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنظَرُونَ

ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب كېچىكتۈرۈلمەيدۇ

ئۇلار بۇ لەنەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاپ بىر كۈنمۇ يەڭگىللىتىلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ.

Al-Baqara 2:162Listen in Qur'an →
163

وَإِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌۭ وَٰحِدٌۭ ۖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلرَّحْمَٰنُ ٱلرَّحِيمُ

سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئى كىشىلەر! سىلەرنىڭ ھەقىقى ئىلاھىڭلار بىردۇر. زاتى ۋە سۈپەتلىرىدە يەككە-يېگانىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئۇ ئۆز بەندىلىرىگە ناھايىتى مەرھەمەتلىك، كۆيۈمچان ۋە دائىمىي مېھرىباندۇر. بەندىلىرىگە چەكسىز نېئمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ.

Al-Baqara 2:163Listen in Qur'an →
164

إِنَّ فِى خَلْقِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَٱخْتِلَٰفِ ٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ وَٱلْفُلْكِ ٱلَّتِى تَجْرِى فِى ٱلْبَحْرِ بِمَا يَنفَعُ ٱلنَّاسَ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن مَّآءٍۢ فَأَحْيَا بِهِ ٱلْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَآبَّةٍۢ وَتَصْرِيفِ ٱلرِّيَٰحِ وَٱلسَّحَابِ ٱلْمُسَخَّرِ بَيْنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ لَءَايَٰتٍۢ لِّقَوْمٍۢ يَعْقِلُونَ

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، اﷲ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان - زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (اﷲ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر

ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى ئاجايىپ مەخلۇقاتلاردا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، تىجارەت، كىيىم-كىچەك، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى، ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر موھتاج بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ دېڭىز سۈيىدە ماڭىدىغان كىمىلەردە، ئاللاھنىڭ زېمىننى تىرىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، زىرائەت ۋە ئوت-چۆپ ئۈسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈشىدە، زېمىننىڭ ھەرتەرىپىدە ياشايدىغان جانلىقلاردا، شامالنىڭ بىر يۆلىنىشتىن يەنە بىر يۆلىنىشكە ئۆزگىرىپ تۇرىشىدا، ئاسمان-زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇت قاتارلىقلاردا ھۆججەت، دەلىل ۋە ئىسپاتلارنى چۈشۈنىدىغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە روشەن دەلىللەر باردۇر.

Al-Baqara 2:164Listen in Qur'an →
165

وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَتَّخِذُ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَندَادًۭا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ ٱللَّهِ ۖ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَشَدُّ حُبًّۭا لِّلَّهِ ۗ وَلَوْ يَرَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓا۟ إِذْ يَرَوْنَ ٱلْعَذَابَ أَنَّ ٱلْقُوَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًۭا وَأَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعَذَابِ

بەزى ئادەملەر اﷲ تىن غەيرىيلەرنى (يەنى بۇتلارنى) اﷲ قا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) اﷲ نى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر اﷲ نى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ اﷲ قا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ۋە اﷲ نىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى (دۇنيادا اﷲ قا شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىگە ھەددىدىن زىيادە پۇشايمان قىلاتتى)

ئەنە شۇنىڭدەك روشەن دەلىللەر تۇرسىمۇ بەزى كىشىلەر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلارنى قىلىۋېلىپ ئۇلارنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش كۆرىدۇ. ئۇلارنى مۆئمىنلەر ئاللاھنى دوست تۇتقاندەك دوست تۇتىدۇ. مۆئمىنلەر ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرىنى دوست تۇتقىنىدىنمۇ بەكرەك ئاللاھنى دوست تۇتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ھېچ بىراۋنى شېرىك قىلمايدۇ. ئۇلار خۇشاللىق ۋە قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدىمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدۇ. ئەمما ئۇلارغا كەلسەك ئىلاھلىرىنى خۇشاللىق ۋاقىتلىرىدا دوست تۇتىدۇ، ئەمما قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلىدۇ. شېرىك ۋە يامان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلغۇچىلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالىنى بىلگەن بولسا، پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ يەككە- يېگانە ئاللاھقىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ئاسىيلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى. مۇبادا ئۇلار شۇنى بىلگەن بولسا ئېدى، ئاللاھقا ھېچبىر شېرىك كەلتۈرمەيتتى.

Al-Baqara 2:165Listen in Qur'an →
166

إِذْ تَبَرَّأَ ٱلَّذِينَ ٱتُّبِعُوا۟ مِنَ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوا۟ وَرَأَوُا۟ ٱلْعَذَابَ وَتَقَطَّعَتْ بِهِمُ ٱلْأَسْبَابُ

ئەينى ۋاقىتتا ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئازابنى كۆرۈپ، ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا - جۇدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى (يەنى دۇنيادىكى دوستلۇقى) ئۈزۈلىدۇ

ئەينى ۋاقىتتا باشلىقلار قىيامەت كۈنىنىڭ قورقۇنچىسى ۋە قىيىنچىلىقىنى كۆرگەندە ئاجىزانە ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ. ئۇلاردىن نىجاتلىق ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈزۈلىدۇ.

Al-Baqara 2:166Listen in Qur'an →
167

وَقَالَ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوا۟ لَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةًۭ فَنَتَبَرَّأَ مِنْهُمْ كَمَا تَبَرَّءُوا۟ مِنَّا ۗ كَذَٰلِكَ يُرِيهِمُ ٱللَّهُ أَعْمَٰلَهُمْ حَسَرَٰتٍ عَلَيْهِمْ ۖ وَمَا هُم بِخَٰرِجِينَ مِنَ ٱلنَّارِ

ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزلەرگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، ئۇلار بىزدىن ئادا - جۇدا بولغاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا - جۇدا بولاتتۇق» دەيدۇ. اﷲ ئۇلارغا (يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەسرەت بولغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن چىقمايدۇ

ئاجىزانە ئەگەشكۈچىلەر: كاشكى دۇنياغا قايتىش مۇمكىن بولسا ئىدى، باشلىقلىرىمىز بىزدىن ئادا-جۇدا بولغاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولاتتۇق، دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى باتىلغا ئەگەشكەنلىكلىرى ئۈچۈن ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابنى كۆرسەتكىنىدەك، ئۇلارنىڭمۇ ئاقىۋىتىنىڭ نادامەت، غەم-قايغۇ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇلار دەۋزەختىن مەڭگۈ چىقالمايدۇ.

Al-Baqara 2:167Listen in Qur'an →
168

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ كُلُوا۟ مِمَّا فِى ٱلْأَرْضِ حَلَٰلًۭا طَيِّبًۭا وَلَا تَتَّبِعُوا۟ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيْطَٰنِ ۚ إِنَّهُۥ لَكُمْ عَدُوٌّۭ مُّبِينٌ

ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال - پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوچۇق دۈشمەندۇر

ئى ئىنسانلار! زېمىندىكى ھالال، نىجاسەتتىن خالى پاكىز ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەل-دەرەخلەردىن يەڭلار. سىلەر شەيتاننىڭ تەدرىجى باشلاپ ماڭىدىغان يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ئۇچۇق-ئاشكارا دۈشمەندۇر. ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئازدۇرۇشقا ۋە ئەزىيەت بېرىشكە ھېرىسمەن دۈشمىنىىگە ئەگىشىشى توغرا ئەمەس.

Al-Baqara 2:168Listen in Qur'an →
169

إِنَّمَا يَأْمُرُكُم بِٱلسُّوٓءِ وَٱلْفَحْشَآءِ وَأَن تَقُولُوا۟ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ

شەيتان سىلەرنى ھەقىقەتەن يامانلىقلارغا، قەبىھ گۇناھلارغا ۋە اﷲ نامىدىن، يالغاندىن (اﷲ سىلەرگە ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ ۋە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ)، سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ

شەيتان سىلەرنى يامان ئىش ۋە چوڭ گۇناھلارغا، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى توغرىسىدا، ئەقىدە ۋە شەرىئەت ھەققىدە بىلمەي تۇرۇپ ئاللاھقا قارشى گەپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

Al-Baqara 2:169Listen in Qur'an →
170

وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّبِعُوا۟ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُوا۟ بَلْ نَتَّبِعُ مَآ أَلْفَيْنَا عَلَيْهِ ءَابَآءَنَآ ۗ أَوَلَوْ كَانَ ءَابَآؤُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ شَيْـًۭٔا وَلَا يَهْتَدُونَ

ھەرقاچان ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «اﷲ نازىل قىلغان نەرسىگە (يەنى اﷲ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ۋەھيىگە، قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن قالغان دىنغا ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئاتا - بوۋىلىرى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟

ھەرقاچان ئۇ كاپىرلارغا: ئاللاھ نازىل قىلغان ھىدايەت ۋە نۇرغا ئەگىشىڭلار دىيىلسە، ئۇلار سەركەشلىك قىلغان ھالدا: ياق ئاتا بوۋىمىزدىن قالغان ئېتىقاد ۋە ئەنئەنىگە ئەگىشىمىز، دەيدۇ. ئۇلار ھىدايەت ۋە نۇردىن ھېچ شەيئىنى چۈشەنمىەيدىغان، ئاللاھ رازى بولىدىغان ھەقىقەتنى تاپالمىغان ئاتا-بوۋىلىرىغا ئەگىشەمدۇ؟

Al-Baqara 2:170Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.