Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 151–160 of 286

151

كَمَآ أَرْسَلْنَا فِيكُمْ رَسُولًۭا مِّنكُمْ يَتْلُوا۟ عَلَيْكُمْ ءَايَٰتِنَا وَيُزَكِّيكُمْ وَيُعَلِّمُكُمُ ٱلْكِتَٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَيُعَلِّمُكُم مَّا لَمْ تَكُونُوا۟ تَعْلَمُونَ

شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزگىنىمدەك) ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھدىن) پاك قىلىدىغان، سىلەرگە كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى دىنىي ئەھكاملارنى) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق

سىلەرگە باشقا نېئمەتلەرنى بەرگىنىمىزدەك ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىدىغان، بۇيرۇقلىرى بىلەن پەزىلەت ۋە ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان، رەزىللىك ۋە يامان ئىشلاردىن پاكلايدىغان، سىلەرگە قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆگىتىدىغان، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىڭلاردىن بىلمەيدىغانلىرىڭلارنى تەلىم بېرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.

Al-Baqara 2:151Listen in Qur'an →
152

فَٱذْكُرُونِىٓ أَذْكُرْكُمْ وَٱشْكُرُوا۟ لِى وَلَا تَكْفُرُونِ

مېنى (تائەت - ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار

قەلبلىىڭلار ۋە ھېسسى ئەزالىىرڭلار بىلەن مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى مەدھىلەش ۋە قوغداش ئارقىلىق ياد ئېتىمەن. ئەمەل قانداق بولسا مۇكاپاتمۇ شۇنداق بولىدۇ. مېنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىمگە شۈكۈر قىلىڭلار، نېئمەتكە تېنىش، ئۇنى ھارام ئىشلارغا ئىشلىتىش بىلەن تۇزكورلۇق قىلماڭلار.

Al-Baqara 2:152Listen in Qur'an →
153

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱسْتَعِينُوا۟ بِٱلصَّبْرِ وَٱلصَّلَوٰةِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ

ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر

ئى مۆمىنلەر! ماڭا ئىتائەت قىلغان، بۇيرۇقۇمغا بويسۇنغان ھالدا سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر. ئۇلارغا ياردەم ۋە مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلىدۇ

Al-Baqara 2:153Listen in Qur'an →
154

وَلَا تَقُولُوا۟ لِمَن يُقْتَلُ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ أَمْوَٰتٌۢ ۚ بَلْ أَحْيَآءٌۭ وَلَٰكِن لَّا تَشْعُرُونَ

اﷲ نىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى (يەنى شېھىتلەرنى) ئۆلۈك دېمەڭلار، بەلكى ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر بۇنى سەزمەيسىلەر

:ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر ھەققىدە ھەقىقەتەن ئۇلار باشقىلار ئۆلۈپ كەتكەندەك ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلۈكلەردۇر دېمەڭلار، بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا ھاياتتۇر، لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنى بىلمەيسىلەر، چۈنكى ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ۋەھيى ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدىغان ئالاھىدە بىر ھاياتلىقدۇر.

Al-Baqara 2:154Listen in Qur'an →
155

وَلَنَبْلُوَنَّكُم بِشَىْءٍۢ مِّنَ ٱلْخَوْفِ وَٱلْجُوعِ وَنَقْصٍۢ مِّنَ ٱلْأَمْوَٰلِ وَٱلْأَنفُسِ وَٱلثَّمَرَٰتِ ۗ وَبَشِّرِ ٱلصَّٰبِرِينَ

بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان - زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن

چوقۇم بىز سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن كېلىدىغان بىر ئاز قورقۇنچ، يېمەكلىكنىڭ ئازلىقى سەۋەبلىك ئاچلىق، مالغا ئېرىشىشنىڭ قىيىنلىقى ياكى ئۇچرىغان زىيان سەۋەبلىك مالنىڭ ئازلىقى، ئىنسانلارنى ھالاك قىلىدىغان ئاپەت ياكى ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇش سەۋەبلىك جانغا يېتىدىغان بىر ئاز زىيان، زېمىندىن ئۈنۈپ چىققان مېۋىلەر ئۇچرىغان بىر ئاز زىياندىن ئىبارەت خىلمۇ-خىل مۇسىبەتلەر بىلەن سىنايمىز. ئى پەيغەمبەر! شۇ مۇسىبەتلەرگە سەۋىر قىلغۇچىلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان بېشارەتلەرنى بەرگىن.

Al-Baqara 2:155Listen in Qur'an →
156

ٱلَّذِينَ إِذَآ أَصَٰبَتْهُم مُّصِيبَةٌۭ قَالُوٓا۟ إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّآ إِلَيْهِ رَٰجِعُونَ

ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە اﷲ نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى اﷲ نىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ

ئۇلارغا يۇقىرىدىكى مۇسىبەتلەردىن بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا رازىمەنلىك ۋە بويسۇنۇش ئىلكىدە: بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، ئاللاھ بىزنى خالىغانچە باشقۇرىدۇ، ھەقىقەتەن بىز قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز. ئاللاھ بىزنى ياراتتى، بىزگە خىلمۇ-خىل نېئمەتلەر بىلەن مەرھەمەت قىلدى. بىزنىڭ ئىشىمىزنىڭ ئاخىرى ۋە قايتىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، دەيدۇ.

Al-Baqara 2:156Listen in Qur'an →
157

أُو۟لَٰٓئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَٰتٌۭ مِّن رَّبِّهِمْ وَرَحْمَةٌۭ ۖ وَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُهْتَدُونَ

ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر

بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغانلارغا پەرىشتىلەر ئارىسىدا ئاللاھ تەرەپتىن مەدھىيلەش ۋە ئۇنىڭغا چۈشىدىغان رەھمەت بار. ئەنە شۇلار ھەقىقەت يولىغا ماڭغۇچىلاردۇر.

Al-Baqara 2:157Listen in Qur'an →
158

۞ إِنَّ ٱلصَّفَا وَٱلْمَرْوَةَ مِن شَعَآئِرِ ٱللَّهِ ۖ فَمَنْ حَجَّ ٱلْبَيْتَ أَوِ ٱعْتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِ أَن يَطَّوَّفَ بِهِمَا ۚ وَمَن تَطَوَّعَ خَيْرًۭا فَإِنَّ ٱللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ

سەفا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ (دىنىنىڭ) ئالامەتلىرىدۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ باك يوق. كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن (اﷲ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ)، اﷲ ئەلۋەتتە شۈكۈرنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

مەككىگە يېقىن سافا ۋە مەرۋە نامى بىلەن تۇنۇلغان ئىككى تاغ شەرىئەتنىڭ ئۇچۇق-ئاشكارا ئالامەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بەيتۇللاھقا كەلگەن ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ گۇناھ يوق. بۇ يەردىكى گۇناھ يوق دېيىشتىكى مەقسەت: سەئيى قىلىشنى جاھىلىيەتنىڭ ئىشى دەپ قارىغاچقا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سەئيى قىلىشتىن سىقىلىپ قالغان كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىشتۇر. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا سەئيىنىڭ ھەج ئىبادىتىنىڭ قاتارىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. كىمكى ئىخلاس بىلەن نەپلە ئەمەللەرنى قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىدىن قۇبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىدۇ. ياخشىلىق قىلغان ۋە ساۋابقا ھەقلىق بولغان كىشىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

Al-Baqara 2:158Listen in Qur'an →
159

إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَآ أَنزَلْنَا مِنَ ٱلْبَيِّنَٰتِ وَٱلْهُدَىٰ مِنۢ بَعْدِ مَا بَيَّنَّٰهُ لِلنَّاسِ فِى ٱلْكِتَٰبِ ۙ أُو۟لَٰٓئِكَ يَلْعَنُهُمُ ٱللَّهُ وَيَلْعَنُهُمُ ٱللَّٰعِنُونَ

بۇ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا اﷲ لەنەت قىلىدۇ (يەنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)؛ لەنەت قىلغۇچىلار (يەنى پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر) مۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ

يەھۇدى، ناسارالار ۋە باشقىلارنىڭ كىتابلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ۋە ئۇ ئىلىپ كەلگەن شەرىئەتنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپاتلارنى كىشىلەرگە ئاشكارىلىغىنىمىزدىن كىيىن، بۇنى يوشۇرغان كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ. پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىشى ئۈچۈن بەددۇئا قىلىدۇ.

Al-Baqara 2:159Listen in Qur'an →
160

إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُوا۟ وَأَصْلَحُوا۟ وَبَيَّنُوا۟ فَأُو۟لَٰٓئِكَ أَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنَا ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ

پەقەت تەۋبە قىلغانلار، (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەر، يەھۇدىيلارنىڭ تەۋرات ئەھكاملىرىدىن يوشۇرغانلىرىنى) بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇرمەن. ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن

پەقەت ئاشكارا مۆجىزىلەرنى يۇشۇرغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ ئاللاھ تەرەپكە قايتقان، ئاشكارا-يوشۇرۇن ئەمەللىرىنى ئىسلاھ قىلغان، يۇشۇرغان ھەقىقەت ۋە ھىدايەتنى بايان قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مېنىڭ تائىتىمگە قايتقانلاردۇر. ھالبۇكى مەن بەندىلەر ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى بەك قۇبۇل قىلغۇچىمەن ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇرمەن.

Al-Baqara 2:160Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.