Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 131–140 of 286

131

إِذْ قَالَ لَهُۥ رَبُّهُۥٓ أَسْلِمْ ۖ قَالَ أَسْلَمْتُ لِرَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ

ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى

ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئىسلامغا تىزدىن بويسۇنۇشقا تاللاپ، ماڭا سەمىمىلىك بىلەن ئىبادەت قىلغىن ۋە ئىتائەت قىلىش بىلەن بويسۇنغىن دېگەندە، ئۇ پەرۋەردىگارىغا جاۋاپ بېرىپ: ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ئۇلارغا رىزق بەرگۈچى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئاللاھقا بويسۇندۇم، دېدى

Al-Baqara 2:131Listen in Qur'an →
132

وَوَصَّىٰ بِهَآ إِبْرَٰهِۦمُ بَنِيهِ وَيَعْقُوبُ يَٰبَنِىَّ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصْطَفَىٰ لَكُمُ ٱلدِّينَ فَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ

ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! اﷲ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پىتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» دېدى

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆز ئوغۇللىرىغا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا بويسۇندۇم، دېگەن سۆز بىلەن ۋەسىيەت قىلدى، يەئقۇب ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق ۋەسىيەت قىلدى، ئىككەيلەن پەرزەنتلىرىنى چاقىرىپ: ئاللاھ سىلەرگە ئىسلام دىنىنى تاللىدى، ئۆلۈم كەلگۈچە قەدەر دىندا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن ئاللاھقا بويسۇنغان ھالەتتە دۇنيادىن كېتىڭلار، دېدى

Al-Baqara 2:132Listen in Qur'an →
133

أَمْ كُنتُمْ شُهَدَآءَ إِذْ حَضَرَ يَعْقُوبَ ٱلْمَوْتُ إِذْ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعْبُدُونَ مِنۢ بَعْدِى قَالُوا۟ نَعْبُدُ إِلَٰهَكَ وَإِلَٰهَ ءَابَآئِكَ إِبْرَٰهِۦمَ وَإِسْمَٰعِيلَ وَإِسْحَٰقَ إِلَٰهًۭا وَٰحِدًۭا وَنَحْنُ لَهُۥ مُسْلِمُونَ

يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر اﷲ قا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام سەكراتتا ياتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بولغانمۇ؟ يەنى ئۇ ئوغۇللىرىدىن: مەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار: سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەيمىز. يالغۇز ئۇنىڭغىلا بويسۇنىمىز ۋە ئىتائەت قىلغۇچىمىز، دېدى

Al-Baqara 2:133Listen in Qur'an →
134

تِلْكَ أُمَّةٌۭ قَدْ خَلَتْ ۖ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُم مَّا كَسَبْتُمْ ۖ وَلَا تُسْـَٔلُونَ عَمَّا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى (نىڭ ساۋابى) ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار (نىڭمۇ ساۋابى) ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس

ئۇلار سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئىبارەت ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن سىلەر جاۋابكار ئەمەس، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىنمۇ ئۇلار جاۋابكار ئەمەس، بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن جازالانمايدۇ، بەلكى ھەر بىرى ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن جاۋاپكار بولىدۇ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرى سىلەرنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئەمىلىگە قاراشتىن مەشغۇل قىلىپ قويمىسۇن، ھېچ كىشىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن باشقا نەرسە مەنپەئەت بەرمەيدۇ

Al-Baqara 2:134Listen in Qur'an →
135

وَقَالُوا۟ كُونُوا۟ هُودًا أَوْ نَصَٰرَىٰ تَهْتَدُوا۟ ۗ قُلْ بَلْ مِلَّةَ إِبْرَٰهِۦمَ حَنِيفًۭا ۖ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلْمُشْرِكِينَ

ئۇلار: «يەھۇدىي ياكى ناسارا بولۇڭلار، توغرا يول تاپىسىلەر» دەيدۇ. «ئۇنداق ئەمەس، بىز ئىبراھىمنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېگىن

يەھۇدىيلار مۇشۇ ئۈممەتكە: يەھۇدىي بولساڭلار توغرا يولدا بولىسىلەر دېدى، ناسارالار: ناسارا بولساڭلار توغرا يولدا بولىسىلەر دېدى، ئى پەيغەمبەر! سەن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: بىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولغان ئىسلام دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى، دېگىن

Al-Baqara 2:135Listen in Qur'an →
136

قُولُوٓا۟ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْنَا وَمَآ أُنزِلَ إِلَىٰٓ إِبْرَٰهِۦمَ وَإِسْمَٰعِيلَ وَإِسْحَٰقَ وَيَعْقُوبَ وَٱلْأَسْبَاطِ وَمَآ أُوتِىَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَآ أُوتِىَ ٱلنَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍۢ مِّنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُۥ مُسْلِمُونَ

ئېيتىڭلاركى، «اﷲ قا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز اﷲ قا بويسۇنغۇچىلارمىز»

ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولغان مۇشۇ باتىل دەۋا ساھىبلىرىغا ئېيتىڭلاركى: بىز ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن تەۋراتقا، ئىساغا بېرىلگەن ئىنجىلگە ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز، بەلكى ھەممىسىگە ئىشىنىمىز، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز

Al-Baqara 2:136Listen in Qur'an →
137

فَإِنْ ءَامَنُوا۟ بِمِثْلِ مَآ ءَامَنتُم بِهِۦ فَقَدِ ٱهْتَدَوا۟ ۖ وَّإِن تَوَلَّوْا۟ فَإِنَّمَا هُمْ فِى شِقَاقٍۢ ۖ فَسَيَكْفِيكَهُمُ ٱللَّهُ ۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ

ئەگەر ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (سەن بىلەن) ئاداۋەتتە بولغان بولىدۇ، ئۇلارغا قارشى اﷲ ساڭا كۇپايىدۇر. اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھىيلە - مىكرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ئەگەر يەھۇدىي-ناسارالار ۋە ئۇلاردىن باشقا كاپىرلار سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە ئاللاھ رازى بولىدىغان توغرا يول تاپقان بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئىماندىن يۈز ئۆرىسە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى ئىنكار قىلسا، سەن بىلەن دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەتتە بولىدۇ، بۇنىڭغا قايغۇرما، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەن ئۈچۈن ئاللاھ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ، سېنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن توسىدۇ، ئۇلارغا قارشى ساڭا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، نىيەت-مەقسىتى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

Al-Baqara 2:137Listen in Qur'an →
138

صِبْغَةَ ٱللَّهِ ۖ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ ٱللَّهِ صِبْغَةًۭ ۖ وَنَحْنُ لَهُۥ عَٰبِدُونَ

اﷲ نىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇڭلار، اﷲ نىڭ دىنىدىن ياخشى كىمنىڭ دىنى بار؟ بىز اﷲ قا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز

ئاللاھ سىلەرنى ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن توغرا دەپ تاللىغان دىندا چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدىنمۇ ياخشى دىن بارمۇ؟ ئۇ مەنپەئەتنى جەلىپ قىلغۇچى ۋە بۇزۇقچىلىقنى چەكلىگۈچى ساغلام تەبىئەتكە مۇۋاپىقتۇر، ئۇلارغا: بىز يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمايمىز دەڭلار

Al-Baqara 2:138Listen in Qur'an →
139

قُلْ أَتُحَآجُّونَنَا فِى ٱللَّهِ وَهُوَ رَبُّنَا وَرَبُّكُمْ وَلَنَآ أَعْمَٰلُنَا وَلَكُمْ أَعْمَٰلُكُمْ وَنَحْنُ لَهُۥ مُخْلِصُونَ

«بىز بىلەن اﷲ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ ھەم بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، ھەم سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز اﷲ قا سادىقمىز» دېگىن

ئى پەيغەمبەر! سەن: ئەھلى كىتابلارغا: سىلەر بىز بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ دىنى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟، چۈنكى سىلەرنىڭ دىنىڭلار ۋە كىتابىڭلارنىڭ ئىلگىرى نازىل بولغانلىقىنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئۇ ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ پەرۋەردىگارى، سىلەرگىلا خاس ئەمەس، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەر ئۇنىڭدىن سورالمايسىلەر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز ئۇنىڭدىن سورالمايمىز، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بويىچە جازالىنىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ. بىز تائەت-ئىبادەتتە ئاللاھقا سادىقمىز، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز

Al-Baqara 2:139Listen in Qur'an →
140

أَمْ تَقُولُونَ إِنَّ إِبْرَٰهِۦمَ وَإِسْمَٰعِيلَ وَإِسْحَٰقَ وَيَعْقُوبَ وَٱلْأَسْبَاطَ كَانُوا۟ هُودًا أَوْ نَصَٰرَىٰ ۗ قُلْ ءَأَنتُمْ أَعْلَمُ أَمِ ٱللَّهُ ۗ وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن كَتَمَ شَهَٰدَةً عِندَهُۥ مِنَ ٱللَّهِ ۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ

«ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئېيتقىنكى، «(ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى) سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى اﷲ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا اﷲ نازىل قىلغان دەلىل - ئىسپات تۇرۇپ ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىن زالىم كىم بار؟ اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»

ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر: ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا مىللىتى ئىدى دەمسىلەر؟. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ ئېيتقىنكى، ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟، ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىبراھىمنىڭ مىللىتىدە دەپ قارىسا ھەقىقەتەن يالغانچىدۇر، چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى ۋە ۋاپات بولىشى تەۋرات ۋە ئىنجىل نازىل بولۇشتىن بۇرۇن بولغان، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا يالغان سۆزلىگەنلىكى بىلىنىدۇ، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەتنى يوشۇردى، ئەھلى كىتابقا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ قولىدا ئاللاھ تەرەپتىن بىكىتىلگەن گۇۋاھلىقنى يوشۇرغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بولامدۇ؟، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەس، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرنى جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.

Al-Baqara 2:140Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.