ٱلَّذِينَ ءَاتَيْنَٰهُمُ ٱلْكِتَٰبَ يَتْلُونَهُۥ حَقَّ تِلَاوَتِهِۦٓ أُو۟لَٰٓئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِۦ ۗ وَمَن يَكْفُرْ بِهِۦ فَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَٰسِرُونَ
بىز ئاتا قىلغان كىتابنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئوقۇيدىغانلار بار، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. كىملەركى كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
قۇرئان كەرىم ئەھلى كىتابتىن بولغان قوللىرىدىكى كىتابقا ئەمەل قىلىدىغان، ھەقىقەتكە ئەگىشىدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار كىتابلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەرنى تاپىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئىيتىشقا ئالدىرايدۇ، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر بولسا كۇپىرنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئۇلار ھەسسىلەپ زېيان تارتقۇچىلاردۇر