Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 121–130 of 286

121

ٱلَّذِينَ ءَاتَيْنَٰهُمُ ٱلْكِتَٰبَ يَتْلُونَهُۥ حَقَّ تِلَاوَتِهِۦٓ أُو۟لَٰٓئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِۦ ۗ وَمَن يَكْفُرْ بِهِۦ فَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَٰسِرُونَ

بىز ئاتا قىلغان كىتابنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئوقۇيدىغانلار بار، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. كىملەركى كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر

قۇرئان كەرىم ئەھلى كىتابتىن بولغان قوللىرىدىكى كىتابقا ئەمەل قىلىدىغان، ھەقىقەتكە ئەگىشىدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار كىتابلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەرنى تاپىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئىيتىشقا ئالدىرايدۇ، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر بولسا كۇپىرنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئۇلار ھەسسىلەپ زېيان تارتقۇچىلاردۇر

Al-Baqara 2:121Listen in Qur'an →
122

يَٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتِىَ ٱلَّتِىٓ أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّى فَضَّلْتُكُمْ عَلَى ٱلْعَٰلَمِينَ

ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى (بىر زامانلاردا) ھەممە جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار

ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان دىنى ۋە دۇنيالىق نېئمەتلىرىمنى ئەسلەڭلار، سىلەرنى پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىق بىلەن شۇ زاماندىكى بارلىق جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئېسىڭلارغا ئىلىڭلار

Al-Baqara 2:122Listen in Qur'an →
123

وَٱتَّقُوا۟ يَوْمًۭا لَّا تَجْزِى نَفْسٌ عَن نَّفْسٍۢ شَيْـًۭٔا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا عَدْلٌۭ وَلَا تَنفَعُهَا شَفَٰعَةٌۭ وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ

بىراۋغا بىراۋ قىلچىلىك ياردەم قىلالمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ فىدىيىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى پايدا قىلمايدىغان، ئۇلارغا (يەنى كاپىرلار ۋە گۇناھكارلارغا) ياردەم قىلىنمايدىغان كۈندىن قورقۇڭلار

ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىنى تەرك قىلىش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى بىلەن ئۆزۇڭلار ئارىسىدا قالقان ھاسىل قىلىڭلار، ئۇ كۈندە كىشى يەنە بىر كىشىگە ئەسقاتمايدۇ ۋە ھەر قانچە كاتتا پىداكارلىق قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ھېچقانداق كىشى شاپائەت قىلالمايدۇ. ئۇ كۈندە بەندىگە ئاللاھتىن باشقا ياردەم بەرگۈچى بولمايدۇ.

Al-Baqara 2:123Listen in Qur'an →
124

۞ وَإِذِ ٱبْتَلَىٰٓ إِبْرَٰهِۦمَ رَبُّهُۥ بِكَلِمَٰتٍۢ فَأَتَمَّهُنَّ ۖ قَالَ إِنِّى جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَامًۭا ۖ قَالَ وَمِن ذُرِّيَّتِى ۖ قَالَ لَا يَنَالُ عَهْدِى ٱلظَّٰلِمِينَ

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى پەرۋەردىگارى بىر قانچە ئەمرلەر (يەنى شەرىئەت تەكلىپلىرى) بىلەن سىنىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى بەجا كەلتۈردى. اﷲ ئۇنىڭغا: «سېنى چوقۇم كىشىلەرگە (دىندا) پېشۋا قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «مېنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىمنىمۇ پېشۋا قىلساڭ» دېدى. اﷲ: «مېنىڭ (پېشۋا قىلىش) ئەھدەمگە زالىملار (يەنى كاپىرلار) ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى

ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە مەسئۇلىيەتلەر بىلەن سىنىغانلىقىنى زىكىر قىلغىن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۈستىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى مۇكەممەل بىر شەكىلدە تولۇق ئادا قىلدى، ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: سېنى كىشىلەر ئىش-ھەرىكەت ۋە ئەخلاقتا ئەگىشىدىغان پېشىۋا قىلىمەن دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ مېنىڭ بەزى ئەۋلادىمنىمۇ كىشىلەر ئەگىشىدىغان پېشىۋا قىلساڭ دېدى، ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغاجاۋاپ بېرىپ: مېنىڭ سېنى دىندا پېشىۋا قىلىش ئەھدىمگە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن بولغان زالىملار ئېرىشەلمەيدۇ، دېدى

Al-Baqara 2:124Listen in Qur'an →
125

وَإِذْ جَعَلْنَا ٱلْبَيْتَ مَثَابَةًۭ لِّلنَّاسِ وَأَمْنًۭا وَٱتَّخِذُوا۟ مِن مَّقَامِ إِبْرَٰهِۦمَ مُصَلًّۭى ۖ وَعَهِدْنَآ إِلَىٰٓ إِبْرَٰهِۦمَ وَإِسْمَٰعِيلَ أَن طَهِّرَا بَيْتِىَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلْعَٰكِفِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ

ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان جاي ۋە ئامان جاي قىلىپ بەردۇق. (كىشىلەرگە) ماقامى ئىبراھىمنى نامازگاھ قىلىڭلار (يەنى شۇ يەردە ناماز ئوقۇڭلار دېدۇق). ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (يەنى كەبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق

ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى كىشىلەر جەم بولىدىغان، ھەر قاچان قايتسا قايتا كېلىشكە قەلبى تەلپۈنىدىغان، تېنچ جاي قىلىپ بەردۇق، ئۇ يەردە ئۇلارغا ھەددىدىن ئاشقۇچى بولمايدۇ. كىشىلەرگە: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى ياسىغاندا تۇرغان تاشنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار دېدۇق، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ھەرەم-بەيتۇللاھ كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاسكىنا-مەينەت بۇتلاردىن پاك تۇتۇشقا تەۋسىيە قىلدۇق

Al-Baqara 2:125Listen in Qur'an →
126

وَإِذْ قَالَ إِبْرَٰهِۦمُ رَبِّ ٱجْعَلْ هَٰذَا بَلَدًا ءَامِنًۭا وَٱرْزُقْ أَهْلَهُۥ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ مَنْ ءَامَنَ مِنْهُم بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ ۖ قَالَ وَمَن كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُۥ قَلِيلًۭا ثُمَّ أَضْطَرُّهُۥٓ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلنَّارِ ۖ وَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! بۇ يەرنى (يەنى مەككىنى) تېنىچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېدى. اﷲ: «كاپىر بولغان ئادەمنىمۇ (رىزىقتىن) ئازغىنا مۇددەت (يەنى ھاياتلىقىدا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) دوزاخقا ھەيدەيمەن» دېدى. (بۇ) نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت!

ئى پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئەسلىگىن: پەرۋەردىگارىم! مەككىنى ھېچ بىركىشى يامانلىق بىلەن چېقىلالمايدىغان تىنچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ساڭا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئىيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن دېدى، ئاللاھ تائالا: ئۇلاردىن كاپىر بولغانلىرىنىمۇ دۇنيادا رىزقتىن مەلۇم مۇددەت بەھرىمان قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئاخىرەتتە دوزاخقا ھەيدەيمەن، قىيامەت كۈنى ھەيدىلىدىغان دوزاخ نېمە دېگەن يامان جاي-ھە!.

Al-Baqara 2:126Listen in Qur'an →
127

وَإِذْ يَرْفَعُ إِبْرَٰهِۦمُ ٱلْقَوَاعِدَ مِنَ ٱلْبَيْتِ وَإِسْمَٰعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلْ مِنَّآ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ ئۇلىنى قۇپۇرۇۋېتىپ، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھغا يالۋۇرۇپ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ كەبىنى ياساشتىن ئىبارەت بولغان خىزمىتىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن دۇئايىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، نىيەت ۋە ئەمەللىرىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن دېدى

Al-Baqara 2:127Listen in Qur'an →
128

رَبَّنَا وَٱجْعَلْنَا مُسْلِمَيْنِ لَكَ وَمِن ذُرِّيَّتِنَآ أُمَّةًۭ مُّسْلِمَةًۭ لَّكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبْ عَلَيْنَآ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ

پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن

پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ساڭا بويسۇنغۇچىلاردىن قىلغىن، ساڭا ھېچ بىر كىشىنى شېرىك قىلمايمىز، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ئىبادەتنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، ساڭا ئىتائەت قىلىش جەريانىدىكى خاتالىق ۋە ناچارلىقىمىزنى ئەپۇ قىلغىن، سەن بەندىلىرىڭدىن تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىسەن ۋە ناھايتى مېھرىبانسەن

Al-Baqara 2:128Listen in Qur'an →
129

رَبَّنَا وَٱبْعَثْ فِيهِمْ رَسُولًۭا مِّنْهُمْ يَتْلُوا۟ عَلَيْهِمْ ءَايَٰتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلْكِتَٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَيُزَكِّيهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ

پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى (يەنى قۇرئاننى)، ھېكمەتنى (يەنى پاك سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى

پەرۋەردىگارىمىز! ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىن سېنىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، قۇرئان-سۈننەت ئۈگىتىدىغان، شېرىك ۋە رەزىللىكتىن پاكلايدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن، دېدى

Al-Baqara 2:129Listen in Qur'an →
130

وَمَن يَرْغَبُ عَن مِّلَّةِ إِبْرَٰهِۦمَ إِلَّا مَن سَفِهَ نَفْسَهُۥ ۚ وَلَقَدِ ٱصْطَفَيْنَٰهُ فِى ٱلدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُۥ فِى ٱلْءَاخِرَةِ لَمِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ

ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك - شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىن، باشقا دىنلارغا ئەقىلسىزلىكتىن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان، ياخشى پىكىر قىلماستىن ھەقنى تەرك قىلىپ ئازغۇنلۇققا يۈزلەنگەن، خارلىققا رازى بولغان كىشىلەر يۈز ئۆرۈيدۇ، ھەقىقەتەن بىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دۇنيادا پەيغەمبەر ۋە دوستلۇققا تاللىدۇق، ئۇ ئاخىرەتتە ئۆزىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن سالىھلار قاتارىدىن بولۇپ، ئالى دەرىجىگە ئېرىشىدۇ

Al-Baqara 2:130Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.