Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 111–120 of 286

111

وَقَالُوا۟ لَن يَدْخُلَ ٱلْجَنَّةَ إِلَّا مَن كَانَ هُودًا أَوْ نَصَٰرَىٰ ۗ تِلْكَ أَمَانِيُّهُمْ ۗ قُلْ هَاتُوا۟ بُرْهَٰنَكُمْ إِن كُنتُمْ صَٰدِقِينَ

ئۇلار: «يەھۇدىي ياكى ناسارا بولمىغان ئادەم (يەنى يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىغان ئادەم، ناسارالار ناسارا بولمىغان ئادەم) ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېيىشتى. بۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دېگىن

يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن بولغان ھەر بىر تائىپە جەننەتنى ئۆزلىرىگە خاس دەيدۇ، يەھۇدى بولغان ئادەم: يەھۇدى بولمىغان ئادەم جەننەتكە كېرەلمەيدۇ دەيدۇ، ناسارا بولغان ئادەم: ناسارا بولمىغان ئادەم جەننەتكە كېرەلمەيدۇ دەيدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ باتىل ئارزۇ ۋە بۇزۇق خىياللىرىدۇر. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ: ئەگەر سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار، دېگىن

Al-Baqara 2:111Listen in Qur'an →
112

بَلَىٰ مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُۥ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌۭ فَلَهُۥٓ أَجْرُهُۥ عِندَ رَبِّهِۦ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

ئۇنداق ئەمەس، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى اﷲ قا تاپشۇرىدىكەن (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئەمەلىنى خالىس اﷲ ئۈچۈن قىلىدىكەن)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) ھېچ قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ

ھەقىقەتەن سەمىمىلىك بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ، ئىخلاس بىلەن ياخشى ئەمەل ۋە ئىبادەتلەرنى پەيغەمبەرگە ئەگەشىش ئارقىلىق قىلغان كىشى قايسى تائىپىدىن بولسۇن جەننەتكە كېرىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى بولىدۇ، ئۇلارغا ئاخىرەتتە قورقۇنچ بولمايدۇ، دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلىرىدىنمۇ غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ. بۇ سۈپەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن پەقەت مۇسۇلمانلاردىلا ئەمەلىيلىشىدۇ

Al-Baqara 2:112Listen in Qur'an →
113

وَقَالَتِ ٱلْيَهُودُ لَيْسَتِ ٱلنَّصَٰرَىٰ عَلَىٰ شَىْءٍۢ وَقَالَتِ ٱلنَّصَٰرَىٰ لَيْسَتِ ٱلْيَهُودُ عَلَىٰ شَىْءٍۢ وَهُمْ يَتْلُونَ ٱلْكِتَٰبَ ۗ كَذَٰلِكَ قَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ مِثْلَ قَوْلِهِمْ ۚ فَٱللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ فِيمَا كَانُوا۟ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ

يەھۇدىيلار: «ناسارالارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار كىتابنى (يەنى يەھۇدىيلار تەۋراتنى، ناسارالار ئىنجىلنى) ئوقۇيدۇ، بىلىمسىز ئادەملەر (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرى) مۇ ئۇلار دېگەندەك دېدى، اﷲ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ

يەھۇدىلار: ناسارالار توغرا دىندا ئەمەس دەيدۇ، ناسارالار: يەھۇدىلار توغرا دىندا ئەمەس دەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا نازىل قىلغان كىتابنى ئوقۇيدۇ، ئۇ كىتابتا ھېچ قانداق پەيغەمبەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىماستىن ھەممىسىگە تەڭ ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى بىلىمسىز جاھىل ئەرەپ مۇشرىكلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلار بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇلارغا نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكمى بىلەن بەندىلىرىگە خەۋەر بېرىپ: ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئىيتقان كىشىلا ئۇتۇق قازىنالايدۇ، دەيدۇ

Al-Baqara 2:113Listen in Qur'an →
114

وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن مَّنَعَ مَسَٰجِدَ ٱللَّهِ أَن يُذْكَرَ فِيهَا ٱسْمُهُۥ وَسَعَىٰ فِى خَرَابِهَآ ۚ أُو۟لَٰٓئِكَ مَا كَانَ لَهُمْ أَن يَدْخُلُوهَآ إِلَّا خَآئِفِينَ ۚ لَهُمْ فِى ٱلدُّنْيَا خِزْىٌۭ وَلَهُمْ فِى ٱلْءَاخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌۭ

اﷲ نىڭ مەسجىدلىرىدە اﷲ نىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلارنىڭ پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى، ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) دۇچار بولىدۇ

ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى چەكلىگەن، ناماز ئوقۇش، زىكىر-تەسبىھ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن توسقان، مەسچىتلەرنى بۇزغان ۋە ۋەيران قىلىشقا سەۋەپ بولغان ياكى ئىبادەتتىن توسقان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى يوقتۇر. مەسچىتلەرنى خاراپ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ، مەسجىدلەرگە پەقەت قورققان يۈرەكلىرى دۆپۈلدىگەن ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى، ئۇلارنىڭ كاپىرلىقى ۋە ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىدىن توسقانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادا مۆئمىنلەرنىڭ قولى بىلەن خار-رەسۋا بولىدۇ، ئاخىرەتتە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ مەسچىتىدىن چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ

Al-Baqara 2:114Listen in Qur'an →
115

وَلِلَّهِ ٱلْمَشْرِقُ وَٱلْمَغْرِبُ ۚ فَأَيْنَمَا تُوَلُّوا۟ فَثَمَّ وَجْهُ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ وَٰسِعٌ عَلِيمٌۭ

مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ (يەنى پۈتۈن يەر يۈزى) اﷲ نىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ اﷲ نىڭ تەرىپى (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسى) دۇر. اﷲ (نىڭ مەغپىرىتى) ھەقىقەتەن كەڭدۇر، (اﷲ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئۇنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن يەر يۈزى ئاللاھنىڭدۇر، بەندىلىرىنى خالىغان نەرسىگە بۇيرۇيدۇ، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلار، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىسىلەر، بەيتۇلمۇقەددەسكە يۈزلىنىڭلار ياكى كەبىگە يۈزلىنىڭلار ياكى خاتالىشىپ باشقا تەرەپكە يۈزلىنىڭلار ياكى قىبلىنىڭ تەرىپىنى بېلىش قىيىن بولسا، بۇنىڭدا سىلەرگە قېيىنچىلىق يوق، چۈنكى ھەممە تەرەپ ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى-مەغپىرىتى كەڭرىدۇر. ئۇ، ئۆز رەھمىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئاشكارا-يوشۇرۇن بارلىق ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر

Al-Baqara 2:115Listen in Qur'an →
116

وَقَالُوا۟ ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ وَلَدًۭا ۗ سُبْحَٰنَهُۥ ۖ بَل لَّهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ كُلٌّۭ لَّهُۥ قَٰنِتُونَ

ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار، مۇشرىكلار): «اﷲ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. اﷲ (ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغان نەرسىسىدىن) پاكتۇر، ئۇنداق ئەمەس، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭدۇر، ھەممىسى ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر

يەھۇدىيلار، ناسارالار، مۇشرىكلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغان نەرسىسىدىن پاكتۇر، ئۆز خەلقىدىن بىھاجەتتۇر، باشقىلارغا ئىھتىياجلىق كىشى بالىلىق بولىدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، خالايىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قۇلىدۇر، ئاللاھقا بويسۇنغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر

Al-Baqara 2:116Listen in Qur'an →
117

بَدِيعُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ وَإِذَا قَضَىٰٓ أَمْرًۭا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ

اﷲ ئاسمانلار ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ - دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ

ئاللاھ ئاسمانلار، زېمىنلار ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ-دە، ئۇ ئىش ئاللاھ ئىرادە قىلغان بويىچە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقى ۋە ھۆكمىنى قايتۇرغۇچى يوقتۇر

Al-Baqara 2:117Listen in Qur'an →
118

وَقَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ لَوْلَا يُكَلِّمُنَا ٱللَّهُ أَوْ تَأْتِينَآ ءَايَةٌۭ ۗ كَذَٰلِكَ قَالَ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِم مِّثْلَ قَوْلِهِمْ ۘ تَشَٰبَهَتْ قُلُوبُهُمْ ۗ قَدْ بَيَّنَّا ٱلْءَايَٰتِ لِقَوْمٍۢ يُوقِنُونَ

بىلمەيدىغانلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى): «اﷲ نېمە ئۈچۈن بىز بىلەن سۆزلەشمەيدۇ؟ ياكى نېمە ئۈچۈن بىزگە (راست پەيغەمبەرلىكنىڭ دەلىلى سۈپتىدە) بىرەر مۆجىزە كەلمەيدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) شۇنداق سۆزنى قىلغان ئىدى؛ ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر - بىرىگە ئوخشايدۇ. ئايەتلىرىمىزنى جەزمەن ئىشىنىدىغان (يەنى ھەقىقەت ئىزدەيدىغان) قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن بايان قىلدۇق

قۇرەيش كاپىرلىرى ۋە ئەھلى كىتابنىڭ جاھىللىرى ھەققە گەردەنكەشلىك قىلىپ: ئاللاھ نېمە ئۈچۈن بىز بىلەن بىۋاستە سۆزلەشمەيدۇ؟ ياكى بىزگە خاس بولغان بىرەر مۆجىزە كەلتۈرمەيدۇ؟ دەيدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارمۇ گەرچە ئۇلارنىڭ ياشىغان دەۋرى ۋە ئورنى ئوخشىمىسىمۇ پەيغەمبەرلىرىگە شۇنداق سۆزنى قىلغان ئىدى، ھەقىقەتەن بىز ئايەتلىرىمىزنى ھەقىقەتەن ئاشكارا بولغاندا گەردەنكەشلىك قىلماستىن ۋە شەك-شۈبھى قىلماستىن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بايان قىلدۇق

Al-Baqara 2:118Listen in Qur'an →
119

إِنَّآ أَرْسَلْنَٰكَ بِٱلْحَقِّ بَشِيرًۭا وَنَذِيرًۭا ۖ وَلَا تُسْـَٔلُ عَنْ أَصْحَٰبِ ٱلْجَحِيمِ

بىز سېنى ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خوش خەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى دوزاخ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق (دىن) بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ (يەنى كاپىرلاردىن ئىمان ئېيتمىغانلار) توغرىسىدا جاۋابكار ئەمەسسەن

ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى مۆئمىنلەرگە جەننەت بىلەن خوشخەۋەر بەرگۈچى، كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھېچ قانداق شەك-شۈبھە بولمىغان ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتۇق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت ئۇلارغا دىننى يەتكۈزۈش، سەن ئەھلى دوزاخ يەنى كاپىرلاردىن ئىمان ئېيتمىغانلار توغرىسىدا جاۋابكار ئەمەسسەن

Al-Baqara 2:119Listen in Qur'an →
120

وَلَن تَرْضَىٰ عَنكَ ٱلْيَهُودُ وَلَا ٱلنَّصَٰرَىٰ حَتَّىٰ تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمْ ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى ٱللَّهِ هُوَ ٱلْهُدَىٰ ۗ وَلَئِنِ ٱتَّبَعْتَ أَهْوَآءَهُم بَعْدَ ٱلَّذِى جَآءَكَ مِنَ ٱلْعِلْمِ ۙ مَا لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن وَلِىٍّۢ وَلَا نَصِيرٍ

سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا كىرمىگىچە ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «توغرا يول پەقەت اﷲ نىڭ يولىدۇر». ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى پاكىتلىق ھەقىقەت ساڭا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن)، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، (سېنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار سەن ئىسلامنى تەرك قىلىپ ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگۈچە ئۇلار سەندىن رازى بولمايدۇ، ئەگەر بۇ ئىش ئوچۇق ھەقىقەت كەلگەندىن كېيىن سەندىن ياكى سېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭنىڭ بىرىدىن سادىر بولىدىكەن، سېنى ياكى ئۇلارنىڭ بىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ياردەمچىمۇ ياكى مەدەتكارمۇ بولمايدۇ. بۇ باتىل ئەھلى بىلەن مۇۋاپىقلىشىپ ھەقنى تەرك قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتۇر

Al-Baqara 2:120Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.