Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 101–110 of 286

101

وَلَمَّا جَآءَهُمْ رَسُولٌۭ مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٌۭ لِّمَا مَعَهُمْ نَبَذَ فَرِيقٌۭ مِّنَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَٰبَ كِتَٰبَ ٱللَّهِ وَرَآءَ ظُهُورِهِمْ كَأَنَّهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

ئۇلارغا اﷲ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنى) بىلمەيدىغاندەك، اﷲ نىڭ كىتابىنى (يەنى تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋېتىدۇ (يەنى تەۋراتنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمايدۇ)

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەلچى بولۇپ كەلگەن ۋاقتىدا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈپىتى تەۋراتتا بايان قىلىنغان تۇرۇغلۇق، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ بىر تۈركىمى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئىسپاتلارنى بىلمەيدىغاندەك ھېچ پەرۋا قىلماستىن، ئاللاھنىڭ كىتابى تەۋراتنى ئارقىسىغا چۆرىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بولسا، توغرا يول ۋە ھەقىقەتكە پەرۋا قىلماي، ئۇنىڭدىن ھېچ مەنپەئەتلەنمىگەن نادان-جاھىل ئىنساننىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ

Al-Baqara 2:101Listen in Qur'an →
102

وَٱتَّبَعُوا۟ مَا تَتْلُوا۟ ٱلشَّيَٰطِينُ عَلَىٰ مُلْكِ سُلَيْمَٰنَ ۖ وَمَا كَفَرَ سُلَيْمَٰنُ وَلَٰكِنَّ ٱلشَّيَٰطِينَ كَفَرُوا۟ يُعَلِّمُونَ ٱلنَّاسَ ٱلسِّحْرَ وَمَآ أُنزِلَ عَلَى ٱلْمَلَكَيْنِ بِبَابِلَ هَٰرُوتَ وَمَٰرُوتَ ۚ وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنْ أَحَدٍ حَتَّىٰ يَقُولَآ إِنَّمَا نَحْنُ فِتْنَةٌۭ فَلَا تَكْفُرْ ۖ فَيَتَعَلَّمُونَ مِنْهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِۦ بَيْنَ ٱلْمَرْءِ وَزَوْجِهِۦ ۚ وَمَا هُم بِضَآرِّينَ بِهِۦ مِنْ أَحَدٍ إِلَّا بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۚ وَيَتَعَلَّمُونَ مَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنفَعُهُمْ ۚ وَلَقَدْ عَلِمُوا۟ لَمَنِ ٱشْتَرَىٰهُ مَا لَهُۥ فِى ٱلْءَاخِرَةِ مِنْ خَلَٰقٍۢ ۚ وَلَبِئْسَ مَا شَرَوْا۟ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمْ ۚ لَوْ كَانُوا۟ يَعْلَمُونَ

ئۇلار سۇلايماننىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ (سېھرىگەرلىكىگە ئائىت) سۆزلىرىگە ئەگەشتى. سۇلايمان (سېھرىگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن) كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى. ئۇلار بابىلدىكى ھارۇت - مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان سېھىرنى ئۈگىتەتتى. (بۇ ئىككى پەرىشتە) بىز كىشىلەرنى سىنايمىز كاپىر بولمىغىن، دېمىگىچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر - خوتۇننى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى (يەنى سېھىرگەرلىكنى) ئۆگىنەتتى، ئۇلار (سېھىر ئارقىلىق) اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار (تەۋراتنى تاشلاپ) سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن) ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بېلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ (يەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن سېھىر ئۆگىنىشنى تاللىشىنىڭ) ئەجەبمۇ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى

ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنى تەرك قىلغان ۋاقتىدا، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ سېھىرگەرلىكىگە ئائىت سۆزلىرىگە ئەگەشتى ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ پادىشاھلىقىنى سېھرىگەرلىك بىلەن قۇرۇلغان دەپ ئويلاشتى، يەھۇدىلار ئويلىغىنىدەك سۇلايمان سېھرىگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى، ئۇلار ئىراقنىڭ بابىل شەھىرىدىكى ھارۇت -مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە كىشىلەرنى سىناق ۋە ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان سېھىرنى ئۆگىتەتتى، بۇ ئىككى پەرىشتە بىز كىشىلەرنى سىنايمىز، كاپىر بولمىغىن، دېمىگۈچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. بۇ ئىككى پەرىشتىنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلمىغان كىشىلەر بۇ ئىككىسىدىن سېھرى ئۈگىنەتتى، ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر-خوتۇننى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنى يەنى سېھىرگەرلىكنى ئۆگىنەتتى، ئۇلار سېھىر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار تەۋراتنى تاشلاپ سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ يەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن سېھىر ئۆگىنىشنى تاللىشىنىڭ، ئوچۇق ئاشكارا ئازغۇنلۇق ۋە نۇمۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشقا قەدەم بېسىشنىڭ ئۆزلىرىگە مەنپەئەتى بولمايدىغان قاتتىق يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى

Al-Baqara 2:102Listen in Qur'an →
103

وَلَوْ أَنَّهُمْ ءَامَنُوا۟ وَٱتَّقَوْا۟ لَمَثُوبَةٌۭ مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ خَيْرٌۭ ۖ لَّوْ كَانُوا۟ يَعْلَمُونَ

ئەگەر ئۇلار ئىمان كەلتۈرسە (سېھىرنى تاشلاپ) اﷲ تىن قورقسا، (ئۇلار ئۈچۈن) اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، كاشكى ئۇلار بۇنى بىلسە ئىدى

ئەگەر يەھۇدىلار ئاللاھقا ھەقىقى ئىمان ئېيتىپ، ئاسىيلىق قىلماستىن، ئۇنىڭدىن قورقۇپ ئۆزلىرىگە مەنپەئەتلىك بولغان ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۈچۈن ئۇنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى.

Al-Baqara 2:103Listen in Qur'an →
104

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَقُولُوا۟ رَٰعِنَا وَقُولُوا۟ ٱنظُرْنَا وَٱسْمَعُوا۟ ۗ وَلِلْكَٰفِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌۭ

ئى مۆمىنلەر! (پەيغەمبەرگە) رائىنا دەپ خىتاب قىلماي، ئۇنزۇرنا دەپ خىتاب قىلىڭلار، (سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

ئاللاھ تائالا مۆئمىنلەرنى سۆزلەشكەندە ياخشى سۆزلەرنى تاللاش توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەرگە (رائىنا) يەنى "بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا قارىسىلا" دەپ خىتاب قىلماڭلار، چۈنكى يەھۇدىلار بۇ سۆزنى ئۆزگەرتىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ بۇنىڭدىن دۆتلۇك دېگەندەك مەنانى مەقسەت قىلاتتى، ئاللاھ تائالا بۇ بوشلۇقنى توسۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى بۇ سۆزنى ئېشلىتىشتىن چەكلىدى. بەندىلەرنى بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا (ئۇنزۇرنا) "سۆزلىرىنى چۈشۈنۈپ بولغىچە بىزگە مۆھلەت بەرسە" دېگەن سۆزنى دېيىشكە بۇيرىدى، كاپىرلار ئۈچۈن دەھشەتلىك ئازاب باردۇر.

Al-Baqara 2:104Listen in Qur'an →
105

مَّا يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنْ أَهْلِ ٱلْكِتَٰبِ وَلَا ٱلْمُشْرِكِينَ أَن يُنَزَّلَ عَلَيْكُم مِّنْ خَيْرٍۢ مِّن رَّبِّكُمْ ۗ وَٱللَّهُ يَخْتَصُّ بِرَحْمَتِهِۦ مَن يَشَآءُ ۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلْفَضْلِ ٱلْعَظِيمِ

ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ، اﷲ ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە پەيغەمبەرلىكنى خاس قىلىدۇ، اﷲ چوڭ پەزل ئىگىسىدۇر

ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە پەيغەمبەرلىكتىن، ۋەھيى ۋە ئىماندىن بولغان رەھمىتىنى خاس قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزلى ئىگىسىدۇر، ئىنسانلاردىن ھەرقانداق بىر كىشى ياخشىلىققا ئېرىشىدىكەن، ئۇ ئاللاھ تەرەپتىن بولىدۇ. ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىشمۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدىندۇر.

Al-Baqara 2:105Listen in Qur'an →
106

۞ مَا نَنسَخْ مِنْ ءَايَةٍ أَوْ نُنسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍۢ مِّنْهَآ أَوْ مِثْلِهَآ ۗ أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍۢ قَدِيرٌ

قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، (ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. اﷲ نىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىن بىرەر ئايەتنىڭ ھۆكمىنى ياكى لەپزىنى كۆتۈرۋەتكەن ۋاقىتتا ئۇنى كىشىلەرگە ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇنىڭدىنمۇ مەنپەئەتلىك بولغان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بولغان يەنە بىر ئايەتنى كەلتۈرىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ ئىلمى ۋە ھېكمىتى بىلەن بولىدۇ. ئى پەيغەمبەر! سەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلىسەن، ئاللاھ خالىغاننى قىلىدۇ ۋە ئىرادىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ

Al-Baqara 2:106Listen in Qur'an →
107

أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ ٱللَّهَ لَهُۥ مُلْكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۗ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِىٍّۢ وَلَا نَصِيرٍ

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ سىلەرگە اﷲ تىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە مەدەتكار يوقتۇر

ئى پەيغەمبەر! سەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىسەن، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، بەندىلىرىنى خالىغان ئىشنى قىلىشقا بۇيرىدۇ ۋە خالىغاندىن ئىشتىن چەكلەيدۇ، شەرىئەتتىن خالىغاننى بىكىتىدۇ ۋە خالىغاننى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىشلىرىڭلارغا ئىگە بولىدىغان ھېچقانداق دوست ۋە سىلەرنى زېياننى مۇداپىئە قىلىدىغان مەدەتكار يوقتۇر، بەلكى ئاللاھ ئاشۇنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە ئۇنىڭغا قادىردۇر

Al-Baqara 2:107Listen in Qur'an →
108

أَمْ تُرِيدُونَ أَن تَسْـَٔلُوا۟ رَسُولَكُمْ كَمَا سُئِلَ مُوسَىٰ مِن قَبْلُ ۗ وَمَن يَتَبَدَّلِ ٱلْكُفْرَ بِٱلْإِيمَٰنِ فَقَدْ ضَلَّ سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ

ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئىلگىرى مۇسادىن سوئال سورىغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلاردىن سوئال سورىماقچى بولامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرىغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ

ئى مۆمىنلەر! ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى پەيغەمبىرىدىن ئۇنى چارىسىز قالدۇرىدىغان ۋە ئىتىراز بىلدۈرىدىغان سۇئاللارنى سورىغاندەك پەيغەمبىرىڭلاردىن سۇئال سوراش سىلەرگە يىقىشمايدۇ، ئۇلار: «ئاللاھنى بىزگە ئاشكارا كۆرسەتكىن» دەپ سورىغان، كىمكى ئىماننى كۇپىرغا تىگىشسە ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ

Al-Baqara 2:108Listen in Qur'an →
109

وَدَّ كَثِيرٌۭ مِّنْ أَهْلِ ٱلْكِتَٰبِ لَوْ يَرُدُّونَكُم مِّنۢ بَعْدِ إِيمَٰنِكُمْ كُفَّارًا حَسَدًۭا مِّنْ عِندِ أَنفُسِهِم مِّنۢ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ ٱلْحَقُّ ۖ فَٱعْفُوا۟ وَٱصْفَحُوا۟ حَتَّىٰ يَأْتِىَ ٱللَّهُ بِأَمْرِهِۦٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍۢ قَدِيرٌۭ

ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. اﷲ نىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر (يەنى اﷲ سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغۇچە) ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر

يەھۇدى-ناسالارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلىپ كەلگەن دىنىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق دىن ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەر ئىمان ئىيتقاندىن كېيىن سىلەرنى ئىماندىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ئۇلار توغرىسىدا ھۆكمى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە ئۇلارنىڭ نەپسىنىڭ يامانلىقى ۋە جاھىللىقى سەۋەبىدىن بولغان خاتالىقىنى كەچۈرۈڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بۇ توغرىدىكى بۇيرىقى ۋە ھۆكمى كەلسە، كاپىر، ئىسلامنى ياكى جىزيە تاپشۇرۇشنى ۋەياكى ئۇرۇشنى تاللايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئۇلار ئاللاھنى ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ.

Al-Baqara 2:109Listen in Qur'an →
110

وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا۟ لِأَنفُسِكُم مِّنْ خَيْرٍۢ تَجِدُوهُ عِندَ ٱللَّهِ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌۭ

نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، اﷲ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

نامازنى پەرز، ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىڭلار، ھاياتىڭلاردا ھەر قانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلساڭلار، ئۇنى ئۆزۇڭلار ئۈچۈن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى قىلساڭلار، قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ھەر بىر كىشىنى قىلغان ئەمىلى بويىچە جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.

Al-Baqara 2:110Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.