وَلَمَّا جَآءَهُمْ رَسُولٌۭ مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٌۭ لِّمَا مَعَهُمْ نَبَذَ فَرِيقٌۭ مِّنَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَٰبَ كِتَٰبَ ٱللَّهِ وَرَآءَ ظُهُورِهِمْ كَأَنَّهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
ئۇلارغا اﷲ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنى) بىلمەيدىغاندەك، اﷲ نىڭ كىتابىنى (يەنى تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋېتىدۇ (يەنى تەۋراتنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمايدۇ)
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەلچى بولۇپ كەلگەن ۋاقتىدا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈپىتى تەۋراتتا بايان قىلىنغان تۇرۇغلۇق، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ بىر تۈركىمى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئىسپاتلارنى بىلمەيدىغاندەك ھېچ پەرۋا قىلماستىن، ئاللاھنىڭ كىتابى تەۋراتنى ئارقىسىغا چۆرىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بولسا، توغرا يول ۋە ھەقىقەتكە پەرۋا قىلماي، ئۇنىڭدىن ھېچ مەنپەئەتلەنمىگەن نادان-جاھىل ئىنساننىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ