Muslim99Muslim99
← Tafsir library

2. Al-Baqara

The Cow · Medinan · 286 ayahs

سُورَةُ البَقَرَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 1–10 of 286

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

1

الٓمٓ

ئەلىف، لام، مىم

ئەلىف، لام، مىم، بۇ ھەرپلەر بىلەن قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ بەزىسى باشلانغان بولۇپ، بۇ ھەرپلەر يالغۇز كەلگەندە (ئەلىف، بە، تە، سە...)ئۆز ئالدىغا ھېچقانداق مەنا ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇ ھەرپلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ھېكمىتى ۋە ئەھمىيەتلىرى بار، چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ھېكمىتى يوق ھېچقانداق نەرسە بولمايدۇ. ھەرپلەرنىڭ مۇھىم ھېكمەتلىرىدىن: ئەرەپلەر سۆزلىشىدىغان ۋە بىلىدىغان ھەرپلەرنىڭ ئۆزىدىن قوراشتۇرۇلغان قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەن ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىش، شۈنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ سۈرىدە كەلگەندەك نۇرغۇن سۈرىلەردە ھەرپلەردىن كېيىن قۇرئان كەرىم زىكىر قىلىنغان

2

ذَٰلِكَ ٱلْكِتَٰبُ لَا رَيْبَ ۛ فِيهِ ۛ هُدًۭى لِّلْمُتَّقِينَ

بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر

بۇ ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش تەرەپتىن بولسۇن ياكى لەپزى ۋە مەنالىرى تەرەپتىن بولسۇن، ئۇنىڭدا ھېچقانداق شەك يوقتۇر. بۇ ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، ئاللاھتىن قورققۇچىلارنى تەقۋادارلىققا يېتىدىغان يولغا يېتەكلىگۈچىدۇر

3

ٱلَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِٱلْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَمِمَّا رَزَقْنَٰهُمْ يُنفِقُونَ

ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال - مۈلۈكتىن (خۇدا يولىغا) سەرپ قىلىدۇ

مۆئمىنلەر غەيىبكە ئىشىنىدۇ، غەيىب دېگەن: سەزگۈر ئەزالار بىلەن بىلىنمەيدىغان، بىزدىن غايىب بولغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى خەۋەر بەرگەن، قىيامەت كۈنىگە ئوخشاش ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار نامازنى ئاللاھ تائالانىڭ يولغا قويغىنىغا مۇۋاپىق شەرتلەر بىلەن، پەرز، ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ، پەرز قىلىنغان زاكاتنى ياكى قوشۇمچە خەيرى-ساخاۋەتلەرنى ئاللاھ تائالا رىزق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە نازىل قېلىنغان بارلىق ۋەھيىگە ھېچ بىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىماستىن ئىشىنىدۇ، ئاخىرەتكە ۋە ئاخىرەت كۈنىدىكى جازا-مۇكاپاتلارغا كەسكىن ئىشىنىدۇ.

4

وَٱلَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيْكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبْلِكَ وَبِٱلْءَاخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ

ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا، سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ

مۆئمىنلەر غەيىبكە ئىشىنىدۇ، غەيىب دېگەن: سەزگۈر ئەزالار بىلەن بىلىنمەيدىغان، بىزدىن غايىب بولغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى خەۋەر بەرگەن، قىيامەت كۈنىگە ئوخشاش ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار نامازنى ئاللاھ تائالانىڭ يولغا قويغىنىغا مۇۋاپىق شەرتلەر بىلەن، پەرز، ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ، پەرز قىلىنغان زاكاتنى ياكى قوشۇمچە خەيرى-ساخاۋەتلەرنى ئاللاھ تائالا رىزق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە نازىل قېلىنغان بارلىق ۋەھيىگە ھېچ بىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىماستىن ئىشىنىدۇ، ئاخىرەتكە ۋە ئاخىرەت كۈنىدىكى جازا-مۇكاپاتلارغا كەسكىن ئىشىنىدۇ.

5

أُو۟لَٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدًۭى مِّن رَّبِّهِمْ ۖ وَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ

ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر

ئۇلار توغرا يولدا بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، ئۇلار ئارزۇلىرىغا يېتىش ۋە ئەنسىرىگەن نەرسىلەردىن قۇتۇلۇش بىلەن دۇنيا-ئاخىرەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىدۇر

6

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ سَوَآءٌ عَلَيْهِمْ ءَأَنذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ

شۈبھىسىزكى، كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، بەرىبىر، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ

ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمىغان، ئازغۇنلۇقنى ۋە ھەددىدىن ئېشىشنى داۋاملاشتۇرغانلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقلىق بولدى، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ ياكى ئاگاھلاندۇرمىساڭمۇ ئوخشاش.

7

خَتَمَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَعَلَىٰ سَمْعِهِمْ ۖ وَعَلَىٰٓ أَبْصَٰرِهِمْ غِشَٰوَةٌۭ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌۭ

اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن (ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ)، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن (ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ)، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىنى دىلىدىكى باتىل نەرسىلەر بىلەن قۇلۇپلاپ پېچەتلىۋەتتى، قۇلاقلىرىنىمۇ پېچەتلىدى، ئۇلار ھەقگە بويسۇنۇش ۋە ھەقنى ئاڭلاش تەرىقىسىدە ئاڭلىمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئوپ-ئوچۇق ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ، ئاخىرەتتە ئۇلارغا كاتتا ئازاب بار

8

وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَبِٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ وَمَا هُم بِمُؤْمِنِينَ

كىشىلەر ئارىسىدا اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ (يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن، كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ)

ئىنسانلاردىن بىر گورۇھ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ جانلىرى ۋە ماللىرىدىن ئەنسىرەپ تىللىرى بىلەن ئىمان كەلىمىسىنى دەيدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ئۆزلىرىنى مۆئمىن دەپ ئويلايدۇ، ئەمما ماھىيەتتە كاپىردۇر

9

يُخَٰدِعُونَ ٱللَّهَ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ

ئۇلار اﷲ نى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ

ئۇلار نادانلىقىدىن ئىماننى ئاشكارا قىلىپ، كۇپىرنى يوشۇرۇپ ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالدىدۇق دەپ ئويلايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزلىرىنى ئالدايدۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر. مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ سۈپىتى ۋە ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ

10

فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌۭ فَزَادَهُمُ ٱللَّهُ مَرَضًۭا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌۢ بِمَا كَانُوا۟ يَكْذِبُونَ

ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، اﷲ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا شەكلىنىش بار، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شەكلىنىشتىن ئىبارەت بولغان كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى، جازا قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. ئاللاھنى، ئىنسانلارنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەق دىننى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىدا دەرتلىك ئازاب بار

Al-Baqara 2:10Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.