Muslim99Muslim99
← Tafsir library

9. At-Tawba

The Repentance · Medinan · 129 ayahs

سُورَةُ التَّوۡبَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 11–20 of 129

11

فَإِن تَابُوا۟ وَأَقَامُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُا۟ ٱلزَّكَوٰةَ فَإِخْوَٰنُكُمْ فِى ٱلدِّينِ ۗ وَنُفَصِّلُ ٱلْءَايَٰتِ لِقَوْمٍۢ يَعْلَمُونَ

ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولىدۇ (يەنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە ئۇلار سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر). ئۇقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز

ئەگەر ئۇلار كۇپرىدىن تەۋبە قىلىپ، ئىمان ئېيتسا، ناماز ئوقۇسا، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بەرسە ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىندىشىڭلاردۇر. ئۇلار ھوقۇق-مەجبۇرىيەتتە سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش سىلەرگە ھالال ئەمەس، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقى؛ قانلىرىنى، ماللىرىنى ۋە يۈز-ئابرويلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. ھەقكە يېتىش ئۈچۈن ئىنتىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى روشەن بايان قىلىپ بېرىمىز. ئايەتلەر بىلەن ئۆزلىرى مەنپەئەتلىنىدۇ ۋە باشقىلارنى مەنپەئەتكە ئىگە قىلىدۇ.

12

وَإِن نَّكَثُوٓا۟ أَيْمَٰنَهُم مِّنۢ بَعْدِ عَهْدِهِمْ وَطَعَنُوا۟ فِى دِينِكُمْ فَقَٰتِلُوٓا۟ أَئِمَّةَ ٱلْكُفْرِ ۙ إِنَّهُمْ لَآ أَيْمَٰنَ لَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَنتَهُونَ

ئەگەر ئۇلار ئەھدە بەرگەندىن كېيىن، قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارنى ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ (بۇنىڭدىن) چەكلىنىشلىرى ئۈچۈن، كۇفرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. ئۇلارنىڭ قەسىمىنىڭ ھەقىقەتەن ئېتىبارى يوق

ئەگەر سىلەر مەلۇم مەزگىل ئۇرۇش قىلماسلىققا ئەھدە تۈزۈشكەن بولساڭلار مۇشرىكلار ئەھدىلىرىنى بۇزسا، سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى ئەيىپلەپ، كەم سۇندۇرسا سىلەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئۇلار كاپىرلارنىڭ يولباشچىسى ۋە رەھبىرىدۇر. ئۇلارنىڭ قېنى ساقلىنىپ قالغۇدەك دەرىجىدە ئەھدىسىنىڭ ئىتىبارى يوق. ئۇلار كۇپرىلىقىدىن، ئەھدىنى بۇزۇشتىن ۋە دىننى كەمسۇندۇرۇشتىن قول ئۈزۈشى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار.

13

أَلَا تُقَٰتِلُونَ قَوْمًۭا نَّكَثُوٓا۟ أَيْمَٰنَهُمْ وَهَمُّوا۟ بِإِخْرَاجِ ٱلرَّسُولِ وَهُم بَدَءُوكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ أَتَخْشَوْنَهُمْ ۚ فَٱللَّهُ أَحَقُّ أَن تَخْشَوْهُ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

(ئى مۆمىنلەر جامائەسى! ئەھدە بەرگەندە) ئىچكەن قەسىمىنى بۇزغان، پەيغەمبەرنى (مەككە) دىن ھەيدەپ چىقىرىشنى قەستلىگەن ۋە سىلەرگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلغان قەۋمگە ئۇرۇش ئاچمايسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، قورقۇشۇڭلارغا اﷲ ئەڭ لايىقتۇر

ئى مۆئمىنلەر! ئەھدىلىرىنى بۇزغان، دارۇننەدۋەدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەككىدىن ھەيدەپ چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلغان، قۇرەيشلەر ئىتتىپاقدىشى بەكرى ئايمىقىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىتتىپاقدىشى خۇزائە ئايمىقىغا قارشى ياردەم بەرگەن چاغدا ئالدى بىلەن سىلەرگە ھۇجۇم قىلغان قەۋمگە نېمىشقا ئۇرۇش ئاچمايسىلەر؟ ئۇلاردىن قورققاچقا ئۇلارغا ئۇرۇش ئاچمامسىلەر؟ ئەگەر سىلەر ھەقىقى مۆئمىن بولساڭلار ئاللاھ قورقۇشۇڭلارغا ئەڭ ھەقلىقتۇر.

14

قَٰتِلُوهُمْ يُعَذِّبْهُمُ ٱللَّهُ بِأَيْدِيكُمْ وَيُخْزِهِمْ وَيَنصُرْكُمْ عَلَيْهِمْ وَيَشْفِ صُدُورَ قَوْمٍۢ مُّؤْمِنِينَ

ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار، اﷲ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن جازالايدۇ. اﷲ ئۇلارنى خار قىلىدۇ، اﷲ سىلەرنى ئۇلار ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ. (ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىپ، كاپىرلارنى جازالاپ) مۆمىن قەۋمنىڭ كۆڭلىگە شىپالىق (يەنى تەسەللى) بېرىدۇ

ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. ھەقىقەتەن سىلەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئاچساڭلار ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قوللىرىڭلار بىلەن يەنى سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشۈڭلار بىلەن ئازاپلايدۇ، مەغلۇبىيەت ۋە ئەسىرگە ئېلىش بىلەن خار قىلىدۇ، غەلبىنى سىلەرگە مەنسۇپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ. دۈشمەنلەر ئۇچرىغان ئۆلۈم، ئەسىرگە چۈشۈش، مەغلۇبىيەت ۋە مۆئمىنلەرنىڭ ئۇلارغا قارشى غەلبە قازىنىشى ئارقىلىق جىھادقا قاتنىشالمىغان مۆئمىنلەرنىڭ قەلبىدىكى كېسەلگە شىپالىق بېرىدۇ.

15

وَيُذْهِبْ غَيْظَ قُلُوبِهِمْ ۗ وَيَتُوبُ ٱللَّهُ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ

ھەم ئۇلارنى دىللىرىدىكى ئاچچىقتىن خالاس قىلىدۇ. اﷲ خالىغان ئادەمنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. اﷲ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئۇلارغا قارشى ئېرىشكەن غەلبە ئارقىلىق مۆئمىنلەرنىڭ دىللىرىدىكى ئاچچىقنى خالاس قىلىنىدۇ. مەككە پەتھى بولغان كۈندە ئاللاھ بىر قىسىم مەككە ئاھالىسىنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلغىنىدەك ئەگەر ئۇ سەركەشلەر تەۋبە قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەمىمىي تەۋبە قىلغانلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ئۆزىنىڭ يارىتىشىدا، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىشىدا ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويىشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

16

أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تُتْرَكُوا۟ وَلَمَّا يَعْلَمِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ جَٰهَدُوا۟ مِنكُمْ وَلَمْ يَتَّخِذُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلَا رَسُولِهِۦ وَلَا ٱلْمُؤْمِنِينَ وَلِيجَةًۭ ۚ وَٱللَّهُ خَبِيرٌۢ بِمَا تَعْمَلُونَ

اﷲ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى جىھاد قىلغانلارنى، اﷲ تىن، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە مۆمىنلەردىن باشقىنى سىرداش قىلىۋالمىغانلارنى بىلمەي (يەنى ئوتتۇرىغا چىقارماي) تۇرۇپ سىلەر ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز، (يەنى سىنالمايمىز) دەپ ئويلامسىلەر؟ اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىنىماي تۇرۇپ ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟ سىناق ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن بىر قانۇنىيەتتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە مۆئمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى يېقىن سىرداش ۋە دوست قىلىۋالمىغان ئىخلاسمەن مۇجاھىتلارنى بىلگەنگە قەدەر يەنى ئوتتۇرىغا چىقارغانغا قەدەر سىنىلىسىلەر. ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. ئاللاھقا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

17

مَا كَانَ لِلْمُشْرِكِينَ أَن يَعْمُرُوا۟ مَسَٰجِدَ ٱللَّهِ شَٰهِدِينَ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِم بِٱلْكُفْرِ ۚ أُو۟لَٰٓئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَٰلُهُمْ وَفِى ٱلنَّارِ هُمْ خَٰلِدُونَ

مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇقلۇق (يەنى كاپىرلىق بىلەن اﷲ نىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىش بىر - بىرى بىلەن سىغىشالمايدۇ)، (ئۇلارنىڭ) اﷲ نىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىشى توغرا ئەمەس، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى بولمايدۇ، ئۇلار دوزاختا قالىدۇ

مۇشرىكلار قىلمىشلىرى بىلەن ئۆزلىرىگە كۇپرىلىقنى ئىقرار قىلغان تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك تائەت-ئىبادتلەر بىلەن ئاللاھنىڭ مەسجىتلىرىنى ئاۋات قىلىشى توغرا بولمايدۇ.(ئۇلاردا) ئىماندىن ئىبارەت ئەمەللەرنىڭ مەقبۇل بولۇش شەرتى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى مەڭگۈلۈك دەۋزەخكە كېرىدۇ. ئۆلۈشتىن ئىلگىرى شېرىكتىن تەۋبە قىلغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.

18

إِنَّمَا يَعْمُرُ مَسَٰجِدَ ٱللَّهِ مَنْ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ وَأَقَامَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَى ٱلزَّكَوٰةَ وَلَمْ يَخْشَ إِلَّا ٱللَّهَ ۖ فَعَسَىٰٓ أُو۟لَٰٓئِكَ أَن يَكُونُوا۟ مِنَ ٱلْمُهْتَدِينَ

اﷲ نىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت اﷲ قا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، ناماز ئۆتىگەن، زاكات بەرگەن، اﷲ تىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ (يەنى مەسجىدنى رېمونت قىلىش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، تازىلاش، مەسجىدتە داۋاملىق ناماز ئۆتەش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ)، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ

ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىشقا ۋە ھەققىنى بېرىشكە ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغان، قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى بەرپا قىلغان، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ھەقلىق بولىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكى ئۈمىد قىلىنىدۇ. ئەمما مۇشرىكلارغا كەلسەك ئۇلار بۇ ئىشلاردىن بەكمۇ يىراقتۇر.

19

۞ أَجَعَلْتُمْ سِقَايَةَ ٱلْحَآجِّ وَعِمَارَةَ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ كَمَنْ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ وَجَٰهَدَ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ۚ لَا يَسْتَوُۥنَ عِندَ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّٰلِمِينَ

سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى، مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلىشنى اﷲ قا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ (ئىمانىغا) ئوخشاش ھېسابلامسىلەر؟ اﷲ نىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

ئى مۇشرىكلار! سىلەر ھاجىلارنى سۇغارغان، مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلغان كىشىلەرنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئاللاھقا ھېچبىرىنى شىرىك كەلتۈرمىگەن، قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن، كۇپرىنىڭ كەلىمىسىنى تۆۋەن قىلىش ئۈچۈن جېنى ۋە مېلى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىگە ئوخشاش ھېسابلامسىلەر؟ سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى پەزىلەتتە تەڭ دەپ قارامسىلەر؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەڭگۈ تەڭ بولمايدۇ. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارغا گەرچە ئۇلار ھاجىلارنى سۇغۇرۇشقا ئوخشاش ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسىمۇ مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلمايدۇ.

20

ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَهَاجَرُوا۟ وَجَٰهَدُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ بِأَمْوَٰلِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ أَعْظَمُ دَرَجَةً عِندَ ٱللَّهِ ۚ وَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْفَآئِزُونَ

ئىمان ئېيتقانلارنىڭ، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار (ساۋاب تېپىش بىلەن) مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر

ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ، كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ھىجرەت قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنىڭ ئارىسىنى جەملىگەن كىشىلەرنىڭ پەزىلىتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا كاتتىدۇر. ئەنە بۇ سۈپەتكە ئىگە بولغانلار جەننەت بىلەن نىجات تاپقۇچىلاردۇر.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.