Muslim99Muslim99
← Tafsir library

9. At-Tawba

The Repentance · Medinan · 129 ayahs

سُورَةُ التَّوۡبَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 91–100 of 129

91

لَّيْسَ عَلَى ٱلضُّعَفَآءِ وَلَا عَلَى ٱلْمَرْضَىٰ وَلَا عَلَى ٱلَّذِينَ لَا يَجِدُونَ مَا يُنفِقُونَ حَرَجٌ إِذَا نَصَحُوا۟ لِلَّهِ وَرَسُولِهِۦ ۚ مَا عَلَى ٱلْمُحْسِنِينَ مِن سَبِيلٍۢ ۚ وَٱللَّهُ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

ئاجىزلار (يەنى ياشانغان بوۋايلار)، كېسەللەر، (جىھادقا چىقىشقا) خىراجەت تاپالمىغانلار اﷲ قا ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە سادىق بولسىلا، جىھادقد چىقمىسا گۇناھ بولمايدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە يول يوقتۇر، اﷲ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئاياللار ۋە بالىلار، كېسەللەر ۋە ئاجىزلار، قارىغۇلار ۋە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن خىراجەت تاپالمىغان كەمبەغەل قاتارلىقلار جىھادقا چىقمىسا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلار ئۆزرۈلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە سادىق بولسا، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۈردىكى كىشىلەرنى جازالاشقا ھېچقانداق يول يوق. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگىچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.

92

وَلَا عَلَى ٱلَّذِينَ إِذَا مَآ أَتَوْكَ لِتَحْمِلَهُمْ قُلْتَ لَآ أَجِدُ مَآ أَحْمِلُكُمْ عَلَيْهِ تَوَلَّوا۟ وَّأَعْيُنُهُمْ تَفِيضُ مِنَ ٱلدَّمْعِ حَزَنًا أَلَّا يَجِدُوا۟ مَا يُنفِقُونَ

يەنە مۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە يول يوقتۇركى، ئۇلار (جىھادقا چىقىش ئۈچۈن) سەندىن ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، (ئۇلارغا سەن) «مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق» دېدىڭ؟ ئۇلار (جىھادقا چىقىشقا) سەرپ قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن غەمكىن، كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا قايتىشتى

ئى پەيغەمبەر! يەنە جىھادقا چىقماي قالغان مۇنداق كىشىلەرگىمۇ ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇركى، ئۇلار سەندىن مېنىدىغان ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، سەن: «مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق» دېدىڭ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا ياكى سىنىڭ يېنىڭدا سەرپ قىلغۇدەك نەرسىنى تاپالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىپ كۆزلىرى ياش تۆككەن ھالدا قايتىشتى.

93

۞ إِنَّمَا ٱلسَّبِيلُ عَلَى ٱلَّذِينَ يَسْتَـْٔذِنُونَكَ وَهُمْ أَغْنِيَآءُ ۚ رَضُوا۟ بِأَن يَكُونُوا۟ مَعَ ٱلْخَوَالِفِ وَطَبَعَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

ئۆزلىرى باي تۇرۇپ، (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سورىغانلار ئەيىبلىنىشى كېرەك، ئۇلار (جىھادقا چىقمىغان ئاياللار، كېسەللەر، ئاجىزلار) بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، (شۇنىڭ ئۈچۈن) ئۇلار (اﷲ نىڭ ئەمرىنى) بىلمەيدۇ

ئاللاھ ئۆزۈرلۈك كىشىلەرنى جازالاشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، جازالاشقا لايىق كىشىلەرنى زىكىر قىلىپ: «ئى پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن تەييارلىق قىلىپ جىھادقا چىقىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان تۇرۇپ، جىھادقا چىقماسلىق ھەققىدە رۇخسەت سورىغان كىشىلەر جازالىنىشى كېرەك. ئۇلار ئۆيلىرىدە جىھادقا چىقماي قېلىپ قالغان كىشىلەر بىلەن بىللە قېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرى ئۈچۈن خارلىققا رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پىچەتلىۋەتتى. شۇڭلاشقا ۋەز نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرى پىچەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار پايدىلىق نەرسىلەرنى تاللاشنى، زىيانلىق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشنى بىلمەيدۇ.

94

يَعْتَذِرُونَ إِلَيْكُمْ إِذَا رَجَعْتُمْ إِلَيْهِمْ ۚ قُل لَّا تَعْتَذِرُوا۟ لَن نُّؤْمِنَ لَكُمْ قَدْ نَبَّأَنَا ٱللَّهُ مِنْ أَخْبَارِكُمْ ۚ وَسَيَرَى ٱللَّهُ عَمَلَكُمْ وَرَسُولُهُۥ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَٰلِمِ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

ئۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى مەدىنىگە تەبۈك غازىتىدىن) قايتىپ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە (غازاتتىن قېلىپ قالغانلىقلىرى توغرىسىدا) ئۆزرە بايان قىلىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «ئۆزرە بايان قىلماڭلار، سىلەرنىڭ (سۆزۈڭلارغا) ئىشەنمەيمىز، اﷲ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى (ۋە دىلىڭلاردىكى مۇناپىقلىقنى) بىزگە خەۋەر قىلدى، اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ (بۇنىڭدىن كېيىنكى) ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ (مۇناپىقلىقتىن تەۋبە قىلامسىلەر؟ ياكى ئۇنىڭدا چىڭ تۇرامسىلەر؟)، ئاندىن كېيىن (يەنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنى بىلگۈچى (اﷲ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، اﷲ سىلەرگە پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن

مۇسۇلمانلار جىھادتىن قايتىپ كەلگەن چېغىدا جىھادقا چىقماي قېلىپ قالغان مۇناپىقلار مۇسۇلمانلارغا ئەرزىمەس ئۆزرىلەرنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ پەيغەمبىرى ۋە مۆئمىنلەرگە يول كۆرسىتىپ ئۇلارغا: «يالغاندىن ئۆزرە بايان قىلماڭلار، سىلەر دېگەن سۆزلەرگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، ھەقىقەتەن ئاللاھ بىزگە قەلبىڭلاردىكىنى بىلدۈردى. مۇناپىقلىقتىن تەۋبە قىلامسىلەر ياكى مۇناپىقلىقنى داۋاملاشتۇرامسىلەر؟ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. تەۋبە قىلساڭلار ئاللاھ قوبۇل قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ تەرەپكە قايتۇرىلىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا تەۋبە قىلىشقا ۋە ياخشى ئەمەل قىلىشقا ئالدىراڭلار.

95

سَيَحْلِفُونَ بِٱللَّهِ لَكُمْ إِذَا ٱنقَلَبْتُمْ إِلَيْهِمْ لِتُعْرِضُوا۟ عَنْهُمْ ۖ فَأَعْرِضُوا۟ عَنْهُمْ ۖ إِنَّهُمْ رِجْسٌۭ ۖ وَمَأْوَىٰهُمْ جَهَنَّمُ جَزَآءًۢ بِمَا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ

ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەر بايان قىلىپ)، اﷲ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار (يەنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشمەڭلار ۋە سالاملاشماڭلار)، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر

ئى مۆئمىنلەر! جىھادقا چىقماي قالغان مۇناپىقلار سىلەر ئۇلارنىڭ ئاقماس باھانىلىرىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ قېشىغا قايتقىنىڭلاردا ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارنى تاشلىۋېتىڭلار. ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىسلارنىڭ ئەڭ نىجىسىدۇر. ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان مۇناپىقلىق ۋە گۇناھلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر.

96

يَحْلِفُونَ لَكُمْ لِتَرْضَوْا۟ عَنْهُمْ ۖ فَإِن تَرْضَوْا۟ عَنْهُمْ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يَرْضَىٰ عَنِ ٱلْقَوْمِ ٱلْفَٰسِقِينَ

سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ، سىلەر ئۇلاردىن رازى بولساڭلار (بۇ ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ)، چۈنكى اﷲ پاسىق قەۋمدىن رازى بولمايدۇ

ئى مۆئمىنلەر! جىھاقا چىقمىغان مۇناپىقلار سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزرىلىرىنى قۇبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ. سىلەر ئۇلاردىن رازى بولماڭلار. ئەگەر سىلەر ئۇلاردىن رازى بولساڭلار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغان بولىسىلەر. ئۇ ھەقىقەتەن كۇپرىلىق ۋە مۇناپىقلىق بىلەن ئىتائىتىدىن چىققان قەۋمدىن رازى بولمايدۇ. ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھ رازى بولمايدىغان كىشىلەردىن رازى بولۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار.

97

ٱلْأَعْرَابُ أَشَدُّ كُفْرًۭا وَنِفَاقًۭا وَأَجْدَرُ أَلَّا يَعْلَمُوا۟ حُدُودَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌۭ

ئەئرابىلارنىڭ كۇفرى ۋە مۇناپىقلىقى تېخىمۇ زىيادىدۇر، اﷲ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمەسلىككە ئۇلار ئەڭ لايىقتۇر، اﷲ (مەخلۇقاتنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئەئرابىلارنىڭ كۇپرىلىقى ياكى مۇناپىقلىقى باشقا شەھەرلىكلەرنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ زىيادىدۇر. مۇناپىقلىقى باشقىلارنىڭكىدىن تېخىمۇ زىيادىدۇر. ئۇلار دىننى بىلمەسلىككە، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان پەرز، سۈننەت ۋە ئەھكاملارنىڭ پرىنسىپلىرىنى بىلمەسلىككە ئەڭ لايىقتۇر. چۈنكى ئۇلار قوپال، باشقىلارغا ئاز ئارىلىشىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھۆكۈم يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

98

وَمِنَ ٱلْأَعْرَابِ مَن يَتَّخِذُ مَا يُنفِقُ مَغْرَمًۭا وَيَتَرَبَّصُ بِكُمُ ٱلدَّوَآئِرَ ۚ عَلَيْهِمْ دَآئِرَةُ ٱلسَّوْءِ ۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌۭ

ئەئرابىلاردىن بەزىلىرى (اﷲ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى جەرىمانە ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭلارنى كۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھالاكەتكە ئۇچرىسۇن، اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

مۇناپىق ئەئرابىيلاردىن بەزىلىرى: ئاللاھ يولىدا ماللىرىنى نەپىقە قىلسىمۇ ئەجىر بېرىلمەيدۇ، نەپىقە قىلمىسىمۇ ئاللاھ جازالىمايدۇ دەپ قارىغاچقا ئۇنى زىيان ھېسابلايدۇ. لېكىن ئۇلار مۇشۇنداق بولسىمۇ بەزىدە باشقىلارغا كۆرسۈتۈش ئۈچۈن نەپىقە قىلىدۇ. ئى مۇئمىنلەر! سىلەرگە كاشكى بىرەر يامانلىق يۈز بېرىپ، سىلەردىن قۇتۇلۇشنى كۈتىدۇ. ئەمما ئاللاھ ئۇلار يۈز بېرىشىنى كۈتكەن يامانلىقنى مۇئمىنلەرگە ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە چۈشىرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە قەلبلىرىدە يۇشۇرغانلىرىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.

99

وَمِنَ ٱلْأَعْرَابِ مَن يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ وَيَتَّخِذُ مَا يُنفِقُ قُرُبَٰتٍ عِندَ ٱللَّهِ وَصَلَوَٰتِ ٱلرَّسُولِ ۚ أَلَآ إِنَّهَا قُرْبَةٌۭ لَّهُمْ ۚ سَيُدْخِلُهُمُ ٱللَّهُ فِى رَحْمَتِهِۦٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

ئەئرابىلارنىڭ بەزىلىرى اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، (اﷲ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى اﷲ قا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق راستلا اﷲ قا بولغان يېقىنچىلىققا ئېرىشىدۇ، اﷲ قا ئۇلارنى ئۆزنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن (مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) تولىمۇ مېھرىباندۇر

ئەئرابىيلارنىڭ بەزىلىرى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، ئاللاھ يولىدا بەرگەن مېلىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ۋە مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ قىلغان نەپىقىسى ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارغا قىلغان دۇئاسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئاللاھقا بولغان يېقىنچىلىقتۇر. قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تاپىدۇ، يەنى ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرىتى ۋە جەننىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭرى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.

100

وَٱلسَّٰبِقُونَ ٱلْأَوَّلُونَ مِنَ ٱلْمُهَٰجِرِينَ وَٱلْأَنصَارِ وَٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُم بِإِحْسَٰنٍۢ رَّضِىَ ٱللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا۟ عَنْهُ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَنَّٰتٍۢ تَجْرِى تَحْتَهَا ٱلْأَنْهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًۭا ۚ ذَٰلِكَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ

ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن اﷲ رازى بولدى، ئۇلارمۇ اﷲ تىن مەمنۇن بولدى. اﷲ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر

ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان، ۋەتەنلىرىنى تاشلاپ ئاللاھ تەرەپكە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلار؛ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرگەن، بۇرۇن ئىمان ئېيتقان مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلارغا ئېتىقاد، سۆز، ئىش-ھەرىكەتتە چىرايلىقچە ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارنىڭ ئىبادىتىنى قۇبۇل قىلدى. ئۇلارمۇ ئاللاھ ئاتا قىلغان كاتتا ساۋابقا رازى بولدى. ئۇلارغا قەسىرلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار بۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئەنە شۇ مۇكاپات بۈيۈك غەلبىدۇر.

At-Tawba 9:100Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.