Muslim99Muslim99
← Tafsir library

9. At-Tawba

The Repentance · Medinan · 129 ayahs

سُورَةُ التَّوۡبَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 81–90 of 129

81

فَرِحَ ٱلْمُخَلَّفُونَ بِمَقْعَدِهِمْ خِلَٰفَ رَسُولِ ٱللَّهِ وَكَرِهُوٓا۟ أَن يُجَٰهِدُوا۟ بِأَمْوَٰلِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَقَالُوا۟ لَا تَنفِرُوا۟ فِى ٱلْحَرِّ ۗ قُلْ نَارُ جَهَنَّمَ أَشَدُّ حَرًّۭا ۚ لَّوْ كَانُوا۟ يَفْقَهُونَ

رەسۇلۇللاھقا خىلاپلىق قىلىپ (تەبۈك غازىتىغا چىقماي) قېلىپ قالغانلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆيلىرىدە بەخىرامان ئولتۇرغانلىقلىرى بىلەن خۇشال بولۇشتى، ئۇلار اﷲ نىڭ يولىدا ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى، ئۇلار (بىر - بىرىگە): «ئىسسىقتا چىقماڭلار» دېيىشتى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ قىزىقتۇر. ئەگەر ئۇلار چۈشىنىدىغان بولسا، (ئەلۋەتتە ئىسسىقتا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە چىقاتتى)»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىلاپلىق قىلىپ تەبۇك غازىتىغا چىقماي قېلىپ قالغان مۇناپىقلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن قېلىپ قالغانلىقلىرىغا خۇشال بولۇشتى. ئۇلار مۆئمىنلاردەك ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى. ئۇلار باشقىلارغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن مۇناپىق قېرىنداشلىرىغا: ئىسسىقتا چىقماڭلار، دېيىشتى. تەبۇك غازىتى ئىسسىقتا بولغان ئىدى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: مۇناپىقلارنى كۈتۈۋاتقان جەھەننەمنىڭ ئوتى ئەگەر ئۇلار بىلسە ئۇلار قېچىۋاتقان بۇ ئىسسىقتىن تېخىمۇ قىززىقتۇر

82

فَلْيَضْحَكُوا۟ قَلِيلًۭا وَلْيَبْكُوا۟ كَثِيرًۭا جَزَآءًۢ بِمَا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ

ئۇلار قىلمىش (گۇناھ) لىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن

قەستەنلىك بىلەن جىھادقا چىقماي قېلىپ قالغان مۇناپىقلار دۇنيادا قىلغان كۇپرىلىقى، گۇناھ-مەئسىيەتلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن دۇنيالىقى ھەققىدە ئاز كۈلۈپ، ئاخىرەتلىكى ھەققىدە كۆپ يىغلىسۇن.

83

فَإِن رَّجَعَكَ ٱللَّهُ إِلَىٰ طَآئِفَةٍۢ مِّنْهُمْ فَٱسْتَـْٔذَنُوكَ لِلْخُرُوجِ فَقُل لَّن تَخْرُجُوا۟ مَعِىَ أَبَدًۭا وَلَن تُقَٰتِلُوا۟ مَعِىَ عَدُوًّا ۖ إِنَّكُمْ رَضِيتُم بِٱلْقُعُودِ أَوَّلَ مَرَّةٍۢ فَٱقْعُدُوا۟ مَعَ ٱلْخَٰلِفِينَ

ئەگەر اﷲ سېنى (تەبۈك غازىتىدىن) قايتۇرۇپ (ئۆزرىسىز قېلىپ قالغان مۇناپىقلاردىن) بىر تۈركۈمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارسا، ئۇلار (ئىككىنچى بىر غازاتقا) چىقىشقا سەندىن ئىزنى سورىسا، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر مەن بىلەن بىللە مەڭگۈ (غازاتقا) چىقماڭلار، ھەرگىز مەن بىلەن بىللە چىقىپ ئۇرۇش قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى قېتىمدا (چىقماي، ئۆيۈڭلاردا بەخىرامان) ئولتۇرۇشقا رازى بولدۇڭلار، ئەمدى (غازاتقا چىقماي) قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار) بىلەن ئولتۇرۇڭلار»

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ئاللاھ سېنى مۇناپىق پېتى قېلىپ قالغان بىر تۈركۈم مۇناپىقلارنىڭ يېنىغا قايتۇرۇرسا، ئۇلار يەنە بىر قېتىم غازاتقا چىقىشقا سەندىن ياردەم سورىسا ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئى مۇناپىقلار! سىلەرنى جازالاش ۋە سىلەرنىڭ مەن بىلەن چىققانلىقىڭلار سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سىلەر مەن بىلەن مەڭگۈ چىقماڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر تەبۇك غازىتىغا چىقماي، ئۆيدە ئولتۇرۇشقا رازى بولدۇڭلار. ئەمدى سىلەر غازاتقا چىقالماستىن ئۆيلىرىدە قالغان كېسەللەر، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بىلەن ئولتۇرۇڭلار.

84

وَلَا تُصَلِّ عَلَىٰٓ أَحَدٍۢ مِّنْهُم مَّاتَ أَبَدًۭا وَلَا تَقُمْ عَلَىٰ قَبْرِهِۦٓ ۖ إِنَّهُمْ كَفَرُوا۟ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَمَاتُوا۟ وَهُمْ فَٰسِقُونَ

(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، (دەپنە قىلىش، زىيارەت ياكى دۇئا ئۈچۈن) ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى ئۇلار اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى

ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ مەڭگۈ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن. مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھنىڭ تائىتىدىن چىققان ھالەتتە ئۆلدى، كىمكى بۇنداق ئۆلسە نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا دۇئامۇ قىلنمايدۇ.

85

وَلَا تُعْجِبْكَ أَمْوَٰلُهُمْ وَأَوْلَٰدُهُمْ ۚ إِنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُعَذِّبَهُم بِهَا فِى ٱلدُّنْيَا وَتَزْهَقَ أَنفُسُهُمْ وَهُمْ كَٰفِرُونَ

ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن. اﷲ دۇنيادا بۇلار ئارقىلىق ئۇلارنى جازالاشنى، ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ

ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن. ئۇلار ساڭا دەۋەت يولۇڭدا مۇشەققەت تۇغدۇرغانلىقى ۋە سېنى مۇسىيبەتكە ئۇچراتقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيادىلا جازالاشنى، ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جېنىنى ئېلىشنى ئىرادە قىلدى.

86

وَإِذَآ أُنزِلَتْ سُورَةٌ أَنْ ءَامِنُوا۟ بِٱللَّهِ وَجَٰهِدُوا۟ مَعَ رَسُولِهِ ٱسْتَـْٔذَنَكَ أُو۟لُوا۟ ٱلطَّوْلِ مِنْهُمْ وَقَالُوا۟ ذَرْنَا نَكُن مَّعَ ٱلْقَٰعِدِينَ

بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ: «اﷲ قا ئىمان ئېيتىڭلار ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى بىلەن بىللە جىھاد قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مالدارلار سەندىن (غازاتتىن قېلىپ قېلىشقا) رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار: «بىزنى قوي، (غازاتقا چىقماي، ئۆيلىرىدە بەخىرامان) ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىللە بولايلى» دەيدۇ

ئەگەر ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر سۈرىنى نازىل قىلسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مالدارلار ۋە بايلار سەندىن جىھادقا چىقماسلىق ھەققىدە رۇخسەت سورايدۇ. ئۇلار: بىزنى قوي، بىز ئۆزرۈلۈك كىشىلەر بىلەن بىللە بولايلى، دەيدۇ.

87

رَضُوا۟ بِأَن يَكُونُوا۟ مَعَ ٱلْخَوَالِفِ وَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ

ئۇلار ئۆيلىرىدە قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كېسەللەر ۋە ئاجىزلار) بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار (جىھادتىكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن كېلىدىغان بەختنى) چۈشەنمەيدۇ

ئۆزۈرلۈك كىشىلەر جىھادقا چىقماي قالغاندا، مۇناپىقلارمۇ جىھادقا چىقماستىن ئۆزلىرى ئۈچۈن خارلىققاى رازى بولدى. كۇپرىلىقى ۋە مۇناپىقلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە پىچەت سېلىۋەتتى. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن نېمىدە مەنپەئەت بارلىقىنى بىلمەيدۇ.

88

لَٰكِنِ ٱلرَّسُولُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ جَٰهَدُوا۟ بِأَمْوَٰلِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ ۚ وَأُو۟لَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱلْخَيْرَٰتُ ۖ وَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ

لېكىن، پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى، ئەنە شۇلار (ئىككىلا دۇنيانىڭ) ياخشىلىقلىرىغا نائىل بولىدۇ، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر

لېكىن، پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار ئۇلارغا ئوخشاش ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن قېلىپ قالمىدى، ئۇلار ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى. ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن غەلبە ۋە غەنىمەتكە ئوخشاش دۇنيالىق مەنپەئەتكە ئىرىشتۈرۈلسە، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىش، ئويلىغىنىغا ئېرىشىش، قورقۇنۇچتىن قۇتۇلۇشقا ئوخشاش مەنپەئەتلەرگە نائىل بولىدۇ.

89

أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُمْ جَنَّٰتٍۢ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ

اﷲ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر

ئاللاھ ئۇلارغا جەننەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان قەسىرلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار يوقالمايدۇ. بۇ غەلبە ھېچقانداق غەلبە تەڭلىشەلمەيدىغان كاتتا نەتىجىدۇر.

90

وَجَآءَ ٱلْمُعَذِّرُونَ مِنَ ٱلْأَعْرَابِ لِيُؤْذَنَ لَهُمْ وَقَعَدَ ٱلَّذِينَ كَذَبُوا۟ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ ۚ سَيُصِيبُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌۭ

ئەئرابىلاردىن ئۆزرە بايان قىلغۇچىلار (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سوراپ كەلدى. (ئىماننى دەۋا قىلىپ) اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە يالغانچىلىق قىلغانلار جىھادقا چىقمىدى (يەنى ئەئرابىلاردىن يەنە بىر تۈركۈمى جىھادقىمۇ چىقمىدى، ئۆزرە بايان قىلىپمۇ كەلمىدى). ئۇلاردىن كاپىر بولغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

مەدىنە ۋە مەدىنە ئەتراپىدىكى بىر تۈركۈم ئەئرابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقماسلىققا ئۆزرىلىرىنى بايان قىلىپ كەلدى. ئەئرابىلاردىن يەنە بىر تۈركۈمى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەستىقلىمىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەسلا جىھادقا چىقماسلىق ئۈچۈن ئۆزرىمۇ سورىمىدى. ئۇلار كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.