وَٱلْمُؤْمِنُونَ وَٱلْمُؤْمِنَٰتُ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَآءُ بَعْضٍۢ ۚ يَأْمُرُونَ بِٱلْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ ٱلْمُنكَرِ وَيُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤْتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَيُطِيعُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓ ۚ أُو۟لَٰٓئِكَ سَيَرْحَمُهُمُ ٱللَّهُ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌۭ
مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر - بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، اﷲ قا ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا اﷲ رەھىم قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
مۆئمىن ئەرلەر، مۆئمىن ئاياللارنىڭ ئارىسىنى ئىمان جەملەپ تۇرغاچقا ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ياردەمدە بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، تەۋھىد ۋە نامازغا ئوخشاش ئاللاھ ياخشى كۆرۈدىغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. كاپىرلىق ۋە جازانىخورلۇققا ئوخشاش ئاللاھ يامان كۆرىدىغان ئىشلاردىن چەكلەيدۇ. نامازنى ئەڭ مۇكەممەل، تولۇق رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ. ئاللاھ بۇ ماختاشقا سازاۋار سۈپەتكە ئىگە بولغانلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېچكىم ئاللاھتىن غالىب كېلەلمەيدۇ. مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتا، ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.